مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلدىڭىزمۇ؟‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلدىڭىزمۇ؟‏

‏«ئە‌قلىڭلارنى يېڭىلاپ،‏ ئۆزۈڭلارنى ئۆزگە‌رتىڭلار»‏‏.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

ناخشىلار:‏ 34،‏ 43

1،‏ 2.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسكە‌نسېرى،‏ بىز نېمىنى چۈشىنىشكە باشلايمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

 كىچىك بالا بىر سوۋغات ئالدى دە‌يلى.‏ يېنىدا تۇ‌رغان ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نىڭغا:‏ «رە‌ھمە‌ت دېمە‌مسىز؟‏»—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ بالا پە‌قە‌ت ئاتا-‏ئانىسى ئېيتقانلىقتىن رە‌ھمە‌ت دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ بالا چوڭ بولغانسېرى نېمە ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىسىنىڭ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىپ،‏ باشقىلارغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىشقا باشلايدۇ.‏

2 بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ ئوخشاش ۋە‌زىيە‌ت يۈز بە‌رگە‌ن.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاساسىي تە‌لە‌پلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسكە‌نسېرى،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە باشلىدۇ‌ق:‏ ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە نېمىنى ئۆچ كۆرىدۇ ھە‌مدە ئۇ ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى قارارلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويساق،‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىمىز.‏

3.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

3 يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگە‌نگە‌ندە خۇ‌شال بولساقمۇ،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌ر،‏ مال-‏دۇ‌نيا،‏ ۋە‌ز قىلىش ئىشى،‏ قاننى ئىشلىتىش ۋە باشقا نە‌رسىلە‌رگە قارىتا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلىمىز.‏ بىراق،‏ بىز ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىش قىيىن بولىدىغاندۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى قانداق داۋاملاشتۇ‌رالايمىز؟‏ بۇ ھازىرمۇ،‏ كە‌لگۈسىدىمۇ توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى

4.‏ ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4 رىملىقلار 12:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋاغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى يازغان.‏ ئۇ:‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە كۆز قاراشلارنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌نە ئۆز ئە‌قلىمىزنى يېڭىلاش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشقا ۋە خۇ‌داغا ئوخشاش ئويلاشقا تىرىشىشىمىز لازىم.‏

5.‏ ئوقۇ‌ش بىلە‌ن شە‌خسىي ئۆگىنىشنىڭ پە‌رقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

5 شە‌خسىي ئۆگىنىش پە‌قە‌ت مە‌لۇ‌ماتنى تېز ئوقۇ‌پ،‏ جاۋابلارنى سىزىپ قويۇ‌ش بىلە‌نلا چە‌كلە‌نمە‌يدۇ.‏ بىز تە‌تقىق قىلغاندا «يە‌ھۋا قانداق خۇ‌دا؟‏ ئۇ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشى قانداق؟‏» دېگە‌ن سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بە‌زى ئىشلارنى قىلىشىمىزنى ۋە يە‌نە بە‌زى ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىزنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز بىلە‌ن كۆز قارىشىمىزنى قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ باقايلى.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممە سوئاللار توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ مۇ‌لاھىزە قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ شە‌خسىي ئۆگىنىشكە بېغىشلىغان ۋاقىتنىڭ يېرىمىنى مۇ‌لاھىزە قىلىشقا بۆلسە‌ك بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97؛‏ 1-‏تىموتىي 4:‏15‏.‏

6.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا قانداق نە‌تىجىگە ئېرىشىمىز؟‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا ئاجايىپ نە‌تىجىگە ئېرىشىمىز.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئويلىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىپ،‏ ئاخىرىدا ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئە‌قلىمىز يېڭىلىنىپ،‏ يېڭى ئۇ‌سۇ‌لدا ئويلاشنى باشلايمىز.‏ بارا-‏بارا بىز يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىمىز.‏

ئويلىرىمىز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏ (‏2)‏ مال-‏دۇ‌نياغا يە‌ھۋا قارىغاندە‌ك قارىساق،‏ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى نېمە بولىدۇ؟‏

7 ئويلىرىمىز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ (‏ماركۇ‌س 7:‏21—‏23؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏17‏)‏.‏ بۇ‌نى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ كېلىڭلار،‏ بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىرىنچىسى،‏ ئە‌يسانىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ھە‌ققىدىكى ۋە‌قە.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋانىڭ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م ئاددىي ھايات كە‌چۈرسىمۇ،‏ ئوغلىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تاللىغان (‏لاۋىيلار 12:‏8؛‏ لۇ‌قا 2:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغاندا،‏ مە‌ريە‌م ئۇ‌نى «بىر ئېغىلدا ئوقۇ‌رغا ياتقۇ‌زۇ‌پ قويدى،‏ چۈنكى مېھمان سارايلار تولۇ‌پ كە‌تكە‌ن» (‏لۇ‌قا 2:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا خالىسا،‏ ئوغلىنىڭ ياخشىراق بىر جايدا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلالايتتى.‏ بىراق،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ پاك ئىبادە‌تنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدىغان ئائىلىدە ئۆسۈشىنى خالىغان.‏ بۇ يە‌ھۋا ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغان.‏

8 بۇ ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋانىڭ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار مال-‏دۇ‌نياغا بولغان ناتوغرا كۆز قاراش بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيان كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ۋە قىممە‌ت نە‌رسىلە‌رگە ئىگە بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ سىز مال-‏دۇ‌نياغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش قارامسىز؟‏ سىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز شۇ‌نى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9،‏ 10.‏ باشقىلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌شقا،‏ يە‌ھۋانىڭكىدە‌ك كۆز قاراشتا قارايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏

9 يە‌نە بىر مىسال سۈپىتىدە يە‌ھۋا باشقىلارنى پۇ‌تلىكاشاڭ قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مۇ‌نداق ئادە‌م باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھ قىلىشىغا ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىغا سە‌ۋە‌بچى بولىدۇ.‏ ئە‌يسا:‏ «كىمكى ماڭا ئىشە‌نگە‌ن بۇ كىچىكلە‌ردىن بىرىگە پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ئىمان يولىدىن تايدۇ‌رسا،‏ ئۇ كىشىنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمە‌ن تېشىنى باغلاپ،‏ ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر دېڭىزغا تاشلاپ چۆكتۈرۈۋە‌تسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ياخشىراق بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 9:‏42‏)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش!‏ ھە‌ممىمىز بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىرە‌ر كىشى ئە‌يسانىڭ شاگىرتىغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولسا،‏ يە‌ھۋا رە‌نجىيدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏.‏

10 باشقىلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌شقا قارىتا كۆز قارىشىمىز يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشامدۇ؟‏ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدىن كۆرۈنە‌مدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز مە‌لۇ‌م كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈلگىلىرىگە ئامراق بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ بۇ جامائە‌تتىكى بىرسىگە يامان تە‌سىر قىلسا ياكى ئۇ‌نىڭدا ناپاك ئويلارنى ئويغاتسا،‏ نېمە قىلىمىز؟‏ ئېتىقادداشلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ئۆز ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە دە‌ۋە‌ت قىلامدۇ؟‏—‏1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10‏.‏

11،‏ 12.‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغاننى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنىش بىزنى نېمىدىن ھىمايە قىلىدۇ؟‏

11 ئۈچىنچى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى:‏ يە‌ھۋا رە‌زىللىكنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏يە‌شايا 61:‏8‏)‏.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ توغرا ئىش قىلىش بە‌زىدە بىز ئۈچۈن قىيىن.‏ خۇ‌دا بۇ‌نى ياخشى بىلسىمۇ،‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ يامانلىقتىن نە‌پرە‌تلىنىشىمىزنى خالايدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ يامان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بە‌زى يامان ئىشلار ناتوغرا بولىدۇ

12 رە‌زىللىكتىن نە‌پرە‌تلىنىشنى ئۆگە‌نسە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بە‌زى يامان ئىشلارنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىر كىشىنىڭ قۇ‌چىقىغا ئولتۇ‌رۇ‌پ ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناشتە‌ك ئە‌خلاقسىز ھە‌رىكە‌ت كە‌ڭ تارقالغان.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر «بۇ ئۇ‌سسۇ‌لنى ئوينىغاندا،‏ بىرسى بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمايسىز،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ ھېچ يامىنى يوق» دېيىشى مۇ‌مكىن a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بىراق يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا قانداق قارايدۇ؟‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا يامانلىقنىڭ ھە‌رقانداق تۈرىنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌شنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋە يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن نە‌پرە‌تلىنىش ئارقىلىق يامانلىقتىن نېرى تۇ‌رايلى.‏—‏رىملىقلار 12:‏9‏.‏

قانداق يول تۇ‌تۇ‌شنى ئالدىن-‏ئالا ئويلاشتۇ‌رۇ‌ڭ

13.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ كە‌لگۈسىدىكى قارارلىرىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

13 شە‌خسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە بولغان كۆز قارىشى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ قارارنى تېز چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ بىز تە‌ييار بولىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3‏)‏.‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىرنە‌چچە مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

14.‏ يۈسۈپنىڭ پوتىفارنىڭ ئايالىغا بە‌رگە‌ن جاۋابىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

14 پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى ئېزىقتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌نى بىردىن رە‌ت قىلغان.‏ يۈسۈپ يە‌ھۋانىڭ نىكاھقا نىسبە‌تە‌ن كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلغان بولسا كېرە‌ك ‏(‏يارىتىلىش 39:‏8،‏ 9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ پوتىفارنىڭ ئايالىغا:‏ «قانداقمۇ مە‌ن بۇ‌نداق زور ياۋۇ‌زلۇ‌قنى قىلىپ،‏ خۇ‌دا ئالدىدا گۇ‌ناھكار بولاي؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز ھە‌ققىدە نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر خىزمە‌تدىشىڭىز سىزگە قاش-‏كۆز ئوينىتىشقا باشلىسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ ياكى بولمىسا بىرسى يانفونىڭىزغا ئە‌خلاقسىز ئۇ‌چۇ‌ر ياكى رە‌سىم ئە‌ۋە‌تسىچۇ؟‏ b (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌نداق نە‌رسىلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلساق ۋە قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى ئالدىن-‏ئالا قارار قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

15.‏ ئۈچ ئىبرانىي يىگىتكە ئوخشاش يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 شادراك،‏ مىشاك ۋە ئە‌بە‌دنېگو ئىسىملىك ئۈچ ئىبرانىي يىگىتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ نېبۇ‌قادنىسار پادىشاھ ياسىغان ئالتۇ‌ن ھە‌يكە‌لگە سە‌جدە قىلىشنى بۇ‌يرىغاندا،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى قە‌تئىي رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ پادىشاھقا بە‌رگە‌ن ئېنىق جاۋابىدىن،‏ ئۇ‌لار ساداقە‌تمە‌نلىكى قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا مۇ‌لاھىزە قىلغانلىقى كۆرۈنىدۇ (‏چىقىش 20:‏4،‏ 5؛‏ دانىيال 3:‏4—‏6،‏ 12،‏ 16—‏18‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز مۇ‌نداق ئە‌ھۋال ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى،‏ باشلىقىڭىز يالغان دىن بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بايرام ئۈچۈن پۇ‌ل بېرىشنى سورىسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندىلا ئە‌مە‌س،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە يە‌ھۋانىڭ بۇ‌نىڭغا نىسبە‌تە‌ن قانداق كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ شۇ چاغدىلا،‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ھېلىقى ئۈچ ئىبرانىي يىگىتكە ئوخشاش دە‌رھال توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىپ،‏ توغرا جاۋاب بېرىشكە تە‌ييار بولىمىز.‏

ئىزدىنىپ كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئىرادىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ھۆججە‌تنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ بۇ ھە‌ققىدە دوختۇ‌ر بىلە‌ن ئالدىن-‏ئالا سۆزلە‌شتىڭىزمۇ؟‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىش بىزنى جىددىي تىببىي ياردە‌م كېرە‌ك بولغان ۋە‌زىيە‌تكە قانداق تە‌ييارلايدۇ؟‏

16 بە‌زىدە،‏ بىز جىددىي تىببىي ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش شۇ ۋە‌زىيە‌تتىمۇ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز قاننىڭ ئۆزى ياكى ئۇ‌نىڭ تۆت ئاساسىي تە‌ركىبى قىسىملىرىنى قۇ‌يدۇ‌رۇ‌شتىن باش تارتىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29‏)‏.‏ لېكىن،‏ قان بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك باشقا داۋالىنىش ئۇ‌سۇ‌للىرى ھە‌ققىدە ھە‌ربىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ،‏ شە‌خسىي قارار قىلىشى كېرە‌ك.‏ قانداق يول تۇ‌تۇ‌شنى قاچان قارار قىلىشىمىز لازىم؟‏ دوختۇ‌رخانىدا جېنىمىز قىينىلىپ،‏ قارارنى تېز چىقىرىش بېسىمى ئاستىدا بولغان ۋاقىتتىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بىز ھازىردىن تارتىپ ئىزدىنىپ ئىرادىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ھۆججە‌تنى تولدۇ‌رۇ‌پ قويساق ۋە بۇ ھە‌ققىدە دوختۇ‌ر بىلە‌ن ئالدىن-‏ئالا سۆزلە‌شسە‌ك،‏ ياخشى بولىدۇ c‏.‏

17—‏19.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىنى ھازىر بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

17 پېترۇ‌سنىڭ «خۇ‌دا سېنى ساقلىسۇ‌ن،‏ ھە‌زرىتىم» دېگە‌ن ئە‌قىلسىز سۆزىگە ئە‌يسانىڭ دە‌رھال قايتۇ‌رغان جاۋابى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئېنىقكى،‏ ئە‌يسا ئۆزىدىن يە‌ھۋانىڭ نېمىنى كۈتىدىغانلىقى ۋە يە‌ردىكى ھاياتى بىلە‌ن ئۆلۈمى ھە‌ققىدە كۆپ مۇ‌لاھىزە قىلغان.‏ بۇ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ھە‌م بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشىغا كۈچ بە‌رگە‌ن‏.‏—‏مە‌تتا 16:‏21—‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18 خۇ‌دا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىزنى ۋە بار كۈچىمىز بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ 28:‏19،‏ 20؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ بىراق،‏ پېترۇ‌سقا ئوخشاش،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ياخشى نىيە‌ت بىلە‌ن بىزنى ئويۇ‌مىزدىن يالتايتىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشلىقىمىز كۆپ پۇ‌ل بېرىشكە ۋە‌دە قىلىدىغاندۇ،‏ ئە‌مما بۇ كۆپرە‌ك ئىشلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلغاچقا،‏ يىغىشلارغا ياكى ۋە‌ز خىزمىتىگە ۋاقتىمىز يە‌تمە‌ي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ مۇ‌ئە‌للىملە‌ر سىزگە ئۆيىڭىزدىن ئايرىلىپ،‏ يىراق بىر يە‌ردە قوشۇ‌مچە بىلىم ئېلىشقا تە‌كلىپ قىلدى دە‌يلى.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سىز قارار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئىزدىنىپ كۆرۈپ،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىڭىز ياكى ئاقساقاللار بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌شسىڭىز بولىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى ھازىر بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلسىڭىز ياخشى.‏ شۇ چاغدىلا،‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ تە‌كلىپلە‌رنى رە‌ت قىلىش ئاسان بولىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا بە‌ل باغلىغانلىقتىن،‏ بىز قانداق يول تۇ‌تۇ‌شنى ئېنىق بىلىمىز.‏

19 بە‌لكىم،‏ سىز ئېتىقادىڭىز كۈتۈلمىگە‌ندە سىناققا دۇ‌چ كېلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ھە‌ققىدىمۇ ئويلايدىغانسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تكە تە‌ييار بولۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ بىز شە‌خسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ بىلىمىمىزنى ئە‌ستە ساقلاشقا ئاسان بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ بىلگە‌نلىرىمىزنى ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تتە قانداق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌خسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزگە‌ندە يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە قارىتا ئوي-‏پىكىرىنى ئېنىقلاشقا ۋە ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ بۇ بىزگە ھازىرمۇ ھە‌م كېلە‌چە‌كتىمۇ دانا قارار قوبۇ‌ل قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏

يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى كېلە‌چىكىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ

20،‏ 21.‏ (‏1)‏ يېڭى دۇ‌نيادا نېمە ئۈچۈن ئە‌ركىنلىكىمىزدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز؟‏ (‏2)‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز؟‏

20 ھە‌ممىمىز يېڭى دۇ‌نيانى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمىز.‏ كۆپچىلىكىمىز يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىز بۇ دۇ‌نيادا باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ردىن قۇ‌تۇ‌لىمىز.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ھە‌ممىمىز تاللاش ئە‌ركىنلىكىگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۆز ئارزۇ-‏ھە‌ۋىسىمىزگە ماس قارار قىلىمىز.‏

21 ئە‌مما،‏ بىزنىڭ ئە‌ركىنلىكىمىز چە‌كسىز بولمايدۇ.‏ كە‌متە‌ر كىشىلە‌ر داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىغا تايىنىپ قارار قىلىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارغا زور خۇ‌شاللىق ۋە تۈگىمە‌يدىغان تىنچلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏11‏)‏.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ھازىر ھە‌م شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏

a بىرسىنىڭ قۇ‌چىقىغا ئولتۇ‌رۇ‌پ ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناش —‏ خېرىدارنىڭ قۇ‌چىقىغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ جىنسىي ھە‌ۋە‌سىنى قوزغايدىغان ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىش.‏ شۇ‌نداق ئۇ‌سسۇ‌لنى ئوينايدىغان ئادە‌م يېرىم يالىڭاچ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ۋە‌زىيە‌تكە باغلىق دە‌لىللە‌ر ئاساسىدا بۇ ھە‌رىكە‌ت جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق دە‌پ ھېسابلىنىپ،‏ سوت كومىتېتىنى تە‌شكىللە‌ش زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌نداق ھە‌رىكە‌تكە قاتناشقان ئېتىقادداش ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىشى كېرە‌ك.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15‏.‏

b شە‌ھۋانىي ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىش،‏ بۇ يانفون ئارقىلىق ئە‌خلاقسىز رە‌سىملە‌رنى،‏ ئۇ‌چۇ‌رلارنى ياكى فىلىملە‌رنى يوللاشنى كۆرسىتىدۇ.‏ ۋە‌زىيە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دە‌لىللە‌ر ئاساسىدا مۇ‌نداق ئىش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان ئادە‌منىڭ ھە‌رىكىتىنى قاراشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن سوت كومىتېتىنى تە‌شكىللە‌ش زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ ئۆسمۈرلە‌ر شە‌ھۋانىي ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك ھۆكۈمە‌ت تە‌رىپىدىن قانۇ‌نغا خىلاپلىق قىلغان دە‌پ سوتتا ئە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىگە كىرىپ،‏ «مە‌ن شە‌ھۋانىي ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىش ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىشىم كېرە‌ك؟‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ (‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى >‏ ئۆسمۈرلە‌ر)‏.‏ يا بولمىسا،‏ «ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىل)‏ ژۇ‌رنىلى 2013-‏يىل،‏ نويابىر سانىنىڭ 5،‏ 4-‏بە‌تلىردىكى «شە‌ھۋانىي ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىشتىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە بالىلارغا قانداق ياردە‌م بېرىشكە بولىدۇ؟‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

c سىزگە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» دېگە‌ن كىتابنىڭ 246—‏248-‏بە‌تلىرىدىن تاپالايسىز.‏