مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋال،‏ ئۇ‌نى ھە‌رگىز ساتما»‏

‏«ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋال،‏ ئۇ‌نى ھە‌رگىز ساتما»‏

‏«ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋال،‏ ئۇ‌نى ھە‌رگىز ساتما.‏ دانالىق،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ۋە پە‌م-‏پاراسە‌تنى ھە‌م ئال».‏‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏23‏.‏

ناخشىلار:‏ 37،‏ 29

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ ھاياتىڭىزدا ئە‌ڭ قىممە‌تلىك نە‌رسە نېمە؟‏ (‏2)‏ بىز قانداق ھە‌قىقە‌تلە‌رنى قە‌دىرلە‌يمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىملە‌رگە قاراڭ)‏

 ھاياتىڭىزدا ئە‌ڭ قىممە‌تلىك نە‌رسە نېمە؟‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغاچقا،‏ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ قىممە‌تلىك نە‌رسە —‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌ت.‏ بۇ مۇ‌ناسىۋە‌تنى بىز ھېچنېمىگە تېگىشمە‌يمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ھە‌قىقە‌ت يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا پۇ‌رسە‌ت يارىتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بىز ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يمىز.‏—‏كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10‏.‏

2 يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ بىزنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازىمىز.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق بىزگە ئاجايىپ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۆز ئىسىمىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرىنى ئاشكارا قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئادە‌مزاتنى شۇ قە‌دە‌ر سۆيگە‌نكى،‏ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربان قىلغان.‏ يە‌نە ئۇ ئۆز پادىشاھلىقى توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنىمۇ ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا كېلە‌چە‌كتە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئاسماندا ياشاش ۋە «باشقا قويلار» ئۈچۈن يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ھايات كە‌چۈرۈش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىز ئۈچۈن بىباھا غە‌زنە،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چىمىزغا يېقىنلىشىشقا ۋە مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

3.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن بىزدىن پۇ‌ل سورامدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا —‏ سېخىي خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ ھە‌تتا بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى قۇ‌ربان قىلغان.‏ يە‌ھۋا كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى ئىزدە‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى تېپىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن بىزدىن ھېچقاچان ھە‌ق تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ بىر كۈنى سىمۇ‌ن ئىسىملىك كىشى ئە‌لچى پېترۇ‌سقا پۇ‌ل بە‌رمە‌كچى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقىلارنىڭ بېشىغا قولىنى قويۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى بېرىش قابىلىيىتىنى سېتىۋالماقچى بولغان.‏ بىراق،‏ پېترۇ‌س ئۇ‌نى ئە‌يىبلە‌پ:‏ ««سە‌ن خۇ‌دانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇ‌لغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ دە‌پ ئويلىغاچ،‏ كۈمۈشۈڭ بىلە‌ن بىللە ھالاك بول»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 8:‏18—‏20‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ «ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش»،‏ دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

‏«ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش» دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

4.‏ بۇ ماقالىدە ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

4 پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز بە‌زى نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىشىمىز لازىم.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى «سېتىۋالدۇ‌ق» دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌مدى قە‌تئىي پە‌خە‌س بولۇ‌پ،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نى «سېتىۋە‌تمە‌سلىكىمىز»،‏ يە‌نى ھە‌قىقە‌تنى تاشلاپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ قانداق قىلىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى «سېتىۋالىمىز»؟‏ ئۇ‌نىڭ باھاسى قانچە؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بىزگە ھە‌قىقە‌تنى تېخىمۇ قە‌دىرلە‌شكە ۋە ئۇ‌نى ھە‌رگىزمۇ تاشلىماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ھە‌قىقە‌تنىڭ ھاياتتىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىك نە‌رسە ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىمىز.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ قانداق قىلىپ ھە‌قىقە‌تنى ھە‌قسىز سېتىۋالالايمىز؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ (‏2)‏ ھە‌قىقە‌تنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

5 بىرە‌ر نە‌رسىگە ھە‌قسىز ئېرىشمە‌كچى بولسىڭىزمۇ،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏23-‏ئايە‌تتىكى «سېتىۋېلىش» دېگە‌ن ئىبرانىيچە سۆزنىڭ «ئېرىشىش» دېگە‌ن مە‌نىسى ھە‌م بار.‏ بۇ ئىككىلا سۆز،‏ ئادە‌م ئۆزى ئۈچۈن قىممە‌تلىك دە‌پ ھېسابلايدىغان نە‌رسىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ياكى بىر نە‌رسىدىن ۋاز كېچىش كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تنى قانداق سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بىر دۇ‌كاندا بانانلارنى ھە‌قسىز بېرىۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ بۇ بانانلار داستىخاندا ئۆزىدىن-‏ئۆزى پە‌يدا بولىدۇ دە‌پ كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌شقا بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بىز ئۆزىمىز دۇ‌كانغا بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئېلىپ كېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ گە‌رچە بۇ بانانلار ھە‌قسىز بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش ئۈچۈن،‏ بىزگە پۇ‌لنىڭ كېرىكى يوق،‏ بىراق ئۇ‌نىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏

6 يە‌شايا 55:‏1—‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر «ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋال» دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌ت سۆزىنى سۇ،‏ سۈت ۋە شاراب بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ سوغاق سۇ ئادە‌منىڭ ئۇ‌سسۇ‌زلۇ‌قىنى قاندۇ‌رغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌ت بىزنى روھلاندۇ‌رىدۇ.‏ سۈت بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-‏يېتىلىشىگە كۈچ بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تنى شاراب بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شاراب ئادە‌منىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏15‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە «شاراب سېتىۋېلىڭلار» دېگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سالساق،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ سېلىشتۇ‌رمىلار ئارقىلىق ھە‌قىقە‌تنى بىلىش ۋە ئۇ‌نى ھاياتىمىزدا قوللىنىشنىڭ پايدىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانداق بە‌ش نە‌رسىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېمىدىن باش تارتىش كېرە‌ك؟‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشكە نېمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بىر ئايال ھاياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغان ۋە بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏

7 ۋاقىت.‏ ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋالماقچى بولغان ھە‌ربىر ئادە‌م ۋاقىت چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌ش،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا تە‌ييارلىنىش ۋە ئۇ‌لارغا قاتنىشىش —‏ ھە‌ممىسى ۋاقىت تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىگە ۋاقىت تېپىش ئۈچۈن ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىشلاردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانچە ۋاقىت كېرە‌ك؟‏ بۇ ئادە‌منىڭ ئۆزىگە باغلىق.‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقى،‏ يوللىرى ۋە ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدىكى بىلىم چە‌كسىز (‏رىملىقلار 11:‏33‏)‏.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تۇ‌نجى سانىدا ھە‌قىقە‌ت «كىچىك نازۇ‌ك گۈل» بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ بۇ ژۇ‌رنالدا:‏ «پە‌قە‌ت بىر ھە‌قىقە‌ت گۈلىنى تېپىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئە‌گە‌ر بىرى يېتە‌رلىك بولسا،‏ باشقا گۈللە‌ر بولمايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزمۇ بىرلا ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن قانائە‌تلە‌نمە‌ي،‏ دائىم ئىزدە‌پ،‏ كۆپرە‌ك توپلايلى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن «يە‌ھۋانى قانچىلىك ياخشى تونۇ‌پ بىلدىم؟‏» دە‌پ ئويلىنىپ كۆرە‌يلى.‏ بىز ھە‌تتا مە‌ڭگۈ ياشىساقمۇ،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ھە‌رگىز تۈگە‌پ قالمايدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە بولسا،‏ ھە‌ممە ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌نداق قىلغان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ھە‌ممە ۋاقتىمىزنى پايدىلىنىپ،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىمىز مۇ‌ھىم

8 مارىكو a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ ئىسىملىك ياپونىيىلىك بىر ياش ئايال ئوقۇ‌ش ئۈچۈن قوشما شتاتلاردىكى نيۇ-‏يورك شە‌ھىرىگە كۆچۈپ بارغان.‏ بىر كۈنى،‏ بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قېرىنداش ئۇ‌نىڭ ئۆيىگە كېلىپ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بىلە‌ن بۆلۈشكە‌ن.‏ مارىكونىڭ ئۆز دىنى بولسىمۇ،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.‏ ئۆگىنىۋاتقان نە‌رسىلىرىنى بە‌ك ياقتۇ‌رغاچ،‏ قېرىندىشىمىزنىڭ ھە‌پتىسىگە ئىككى قېتىم كېلىشىنى سورىغان.‏ گە‌رچە مارىكو ئوقۇ‌شى ۋە ئىشى بىلە‌ن بە‌نت بولسىمۇ،‏ ۋاقىت تېپىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىغا بارغان.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا ئازراق ۋاقىت سە‌رپ قىلىشقا باشلىغان.‏ شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشنىڭ ئارقىسىدا مارىكو يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىپ،‏ بىر يىل ئۆتمە‌ي،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن.‏ كېيىن يېرىم يىل ئۆتۈپ،‏ 2006-‏يىلى پىدائىي ۋە‌ز خىزمىتنى باشلاپ،‏ تا ھازىرغىچە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە،‏ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشىمىز قانداق ئۆزگۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىر ياش ئايال نېمىدىن ۋاز كە‌چكە‌ن،‏ ھازىر ئۇ بۇ قارارى ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

9 مال-‏دۇ‌نيا.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش ئۈچۈن مائاشى يۇ‌قىرى ئىشتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا بېلىقچى پېترۇ‌س بىلە‌ن ئە‌ندە‌رنى ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا چاقىرغاندا،‏ ئۇ‌لار ئىشىنى تاشلاپ،‏ ئە‌يسانىڭ كە‌ينىدىن ماڭغان (‏مە‌تتا 4:‏18—‏20‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش ئۈچۈن ئىشتىن چىقىپ كېتىش كېرە‌ك،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىر ئادە‌م ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ئىشلىشى كېرە‌ك (‏1-‏تىموتىي 5:‏8‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ بىلگە‌ندىن كېيىن،‏ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشىمىز ئۆزگىرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بىز ھاياتتا نېمىنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ ئە‌يسا:‏ «يە‌ر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار،‏ … ئە‌كسىچە،‏ ئاسماندا ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏19،‏ 20‏)‏.‏ مارىيا ئىسىملىك ياش ئايال ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغان.‏

10 مارىيا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا گولف توپ ئويناشنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ چوڭ سىنىپلاردا ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ ئۇ گولف توپنى تېخىمۇ ياخشى ئويناشقا باشلىغان.‏ مارىيا بۇ ئويۇ‌ننى بە‌كمۇ ياخشى ئوينىغاچقا،‏ ئۇ‌نى ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ھە‌قسىز ئوقۇ‌شقا چاقىرغان ئىدى.‏ مارىيانىڭ ھاياتىدىكى مە‌قسىتى كە‌سپىي گولفچى بولۇ‌پ،‏ كۆپ پۇ‌ل تېپىش بولغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاپ،‏ ئالغان بىلىملە‌رنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويىچە ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشقانسېرى،‏ ئۆزۈمنىڭ بە‌كمۇ بە‌ختلىك ئىكە‌نلىكىمنى ھېس قىلدىم».‏ مارىيا تە‌نتە‌ربىيىگە ۋە روھىي ئىشلارغا بىردە‌ك كۆڭۈل بۆلە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆز مە‌قسە‌تلىرىدىن ۋاز كېچىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىنمۇ ياخشىراق مە‌قسە‌تكە يېتىشنى نىشان قىلغانىدى.‏ ھازىر مارىيا پىدائىي ۋە‌ز خىزمىتى قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئە‌ڭ خۇ‌شال ۋە مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىۋاتىمە‌ن»،‏ دە‌يدۇ.‏

ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىز نېمىدىن ۋاز كە‌چتىڭىز؟‏

11.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىمىز باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌ت.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشقا باشلىغاندا،‏ تۇ‌غقانلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تتە ئۆزگۈرۈش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلغاندا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌لارنى ھە‌قىقە‌ت ئارقىلىق ئۆزۈڭگە مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىپ ئاتىغۇ‌زغايسە‌ن،‏ چۈنكى سۆز-‏كالامىڭ ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر» (‏يۇ‌ھاننا 17:‏17‏)‏.‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىش» دېگە‌ن سۆز،‏ «ئايرىپ قويۇ‌ش» دېگە‌ننىمۇ بىلدۈرىدۇ.‏ بىز ھە‌قىقە‌تكە ماس ھايات كە‌چۈرۈشنى باشلىغاندا،‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ بولمايمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۆلچە‌ملە‌رگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز.‏.‏ بىز دوست-‏بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاشقا تىرىشساقمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشى ئۆزگۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زىلىرى ھە‌تتا بىزگە قارشى چىقىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز بۇ‌نىڭغا ھە‌يران قالمايمىز.‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا:‏ «ئادە‌منىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇ‌نىڭ دۈشمە‌نلىرى بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏36‏)‏.‏ لېكىن،‏ ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن مە‌يلى نېمىدىن ۋاز كېچە‌يلى،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز‏.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏28—‏30-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

12.‏ ئارون ئىسىملىك كىشى ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

12 ئارون ئىسىملىك يە‌ھۇ‌دىي كىشى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىم ئالغۇ‌سى كە‌لگە‌ن.‏ بىر كۈنى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمى ئىبرانىي تىلىدا ئۈزۈك تاۋۇ‌شلار بىلە‌ن يېزىلىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌لارنى سوزۇ‌ق تاۋۇ‌شلار بىلە‌ن قوشۇ‌پ تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلغاندا،‏ «يە‌ھۋا» دە‌پ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئارونغا چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ بۇ‌نى بىلگە‌ندە،‏ ئارون خۇ‌شاللىقىدىن يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌تخانىسىغا بېرىپ،‏ دىنىي ئۇ‌ستازلارغا خۇ‌دانىڭ ئىسىمى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال بولىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئاروننىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى ئىبادە‌تخانىدىن قوغلاپ چىقارغان.‏ ئاروننىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇ‌نىڭغا قارشى چىققان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ قارشىلىقلارغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتمىغان.‏ كېيىن ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌پ،‏ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغان.‏ ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن بىزنىڭمۇ باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزدە ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

13،‏ 14.‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ بىلگە‌ندە كۆز قارىشىمىز بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى قانداق ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

13 ناپاك ئويلار بىلە‌ن يامان ئىشلار.‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشنى باشلىغاندا،‏ كۆز قارىشىمىز بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئىتائە‌تچان بالىلاردە‌ك بولۇ‌ڭلار،‏ ئىلگىرىكى نادان چاغلىرىڭلاردىكى ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىڭلارغا ئە‌مدى ئە‌گە‌شمە‌ڭلار.‏ … پۈتۈن يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار» (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏14،‏ 15‏)‏.‏ قە‌دىمقى كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇ‌ش ئۈچۈن چوڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9—‏11‏)‏.‏ بۈگۈنمۇ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ بىلگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ھاياتىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىدۇ.‏ پېترۇ‌س بۇ‌نى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئۆتمۈشتە سىلە‌ر ئە‌خلاقسىز قىلىقلار،‏ شە‌ھۋانىيلىق ھە‌ۋە‌سلە‌ر،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ ئە‌يىش-‏ئىشرە‌ت،‏ بە‌سلىشىپ ئىچىش ۋە يىرگىنىچلىك بۇ‌تپە‌رە‌سلىكلە‌رگە بېرىلىپ،‏ باشقا مىللە‌تلە‌رنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋە‌تتىڭلار».‏—‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏3‏.‏

14 دېۋىن بىلە‌ن ياسمىن نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ھاراقكە‌ش بولغان.‏ دېۋىن قابىلىيە‌تلىك بۇ‌غالتىر بولسىمۇ،‏ بىراق ھاراقنى كۆپ ئىچكە‌نلىكتىن،‏ بىر ئورۇ‌ندا ئۇ‌زاق ۋاقىت ئىشلىيە‌لمىگە‌نىدى.‏ كىشىلە‌ر ياسمىننى زوراۋان ۋە ئاچچىقى يامان ئايال،‏ دە‌پ تونۇ‌غان.‏ بىر كۈنى ياسمىن ئىچىۋېلىپ،‏ ئۆيىگە مە‌س كېلىۋاتقاندا،‏ يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېىتقۇ‌چى ئە‌ر-‏ئايال ئۇ‌نىڭغا ۋە‌ز قىلغان.‏ ئۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە كېلىشكە‌ن.‏ بىر ھە‌پتىدىن كېيىن،‏ شۇ ئە‌ر-‏ئايال ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىگە كە‌لگە‌ندە،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئىچىۋالغان ئىكە‌ن.‏ دېۋىن بىلە‌ن ياسمىن ئۇ‌لارنىڭ كە‌لگە‌نلىكىگە ھە‌يران قالغانىدى.‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئە‌ر-‏ئايال كېيىنكى قېتىم كە‌لگە‌ندە،‏ ۋە‌زىيە‌ت تامامە‌ن باشقىچە بولغان.‏ ياسمىن بىلە‌ن دېۋىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى بىلىشكە تە‌شنا ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى دە‌رھال ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشكە باشلىغان.‏ ئۈچ ئاي ئۆتمە‌يلا،‏ ئۇ‌لار ھاراق ئىچىشنى تاشلاپ،‏ نىكاھىنى قانۇ‌نىي ھالدا رە‌سمىيلە‌شتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ يېزىسىدىكى ئادە‌ملە‌ر دېۋىن بىلە‌ن ياسمىننىڭ ئۆزگە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏

15.‏ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ قىيىن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنىڭ بىرى نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيىشكە بولىدۇ؟‏

15 خۇ‌داغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر ۋە قائىدە-‏يوسۇ‌نلار.‏ بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ قىيىن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنىڭ بىرى —‏ يە‌ھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر ۋە قائىدە-‏يوسۇ‌نلارغا قاتنىشىشنى توختىتىش.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن ئۇ‌لاردىن ۋاز كېچىش قىيىن.‏ ئۇ‌لار ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ،‏ خىزمە‌تداشلىرىنىڭ ياكى دوستلىرىنىڭ بېسىمىدىن قورقىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنىڭ چوڭ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ر بە‌ك ئە‌ھمىيە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 14:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېرە‌كلىك ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ندە،‏ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن ئە‌فە‌ستىكى دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن ئۈلگە ئالالايمىز.‏

16.‏ ئە‌فە‌ستىكى بە‌زى ئادە‌ملە‌ر نېمىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولغان؟‏

16 قە‌دىمقى ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدە جادوگە‌رلىك بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىش كە‌ڭ تارقالغانىدى.‏ بۇ‌رۇ‌ن سېھىرگە‌رلىك قىلغان ئادە‌ملە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شچىلىرى بولغاندىن كېيىن نېمە قىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سېھىرگە‌رلىك قىلغان بىرمۇ‌نچە كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى بىر يە‌رگە ئېلىپ كە‌لدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى.‏ كىتابلارنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ كۆرسە،‏ ئە‌للىك مىڭ كۈمۈش تە‌ڭگە چىقتى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ كالامى كە‌ڭ كۆلە‌مدە تارقىلىپ،‏ بارغانسېرى تە‌سىر كۈچى ئېشىپ باردى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 19:‏19،‏ 20‏)‏.‏ شۇ سادىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قىممە‌تباھا كىتابلىرىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولغان ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارغا مول بە‌رىكە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

17.‏ (‏1)‏ ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نېمىلە‌ردىن ۋاز كە‌چتۇ‌ق؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

17 ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىز نېمىدىن ۋاز كە‌چتىڭىز؟‏ ھە‌ممىمىز ۋاقتىمىزنى قۇ‌ربان قىلدۇ‌ق.‏ بە‌زىلىرىمىز باي بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىدىن ۋاز كە‌چتۇ‌ق.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز ئۆزگە‌رگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتتۇ‌ق ھە‌م يە‌ھۋاغا ياقمايدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنى تاشلىدۇ‌ق.‏ بىز مە‌يلى قانداق قۇ‌ربانلىق بېرە‌يلى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌نىڭدىنمۇ نە‌قە‌دە‌ر قىممە‌ت-‏باھا ئىكە‌نلىكىگە كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق.‏ ھە‌قىقە‌ت ھاياتتىكى ئە‌ڭ قىممە‌تباھا ھە‌دىيە،‏ يە‌نى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان.‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىپ،‏ ئىگە بولغان مول بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېتىش ھە‌تتا خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر نېمە سە‌ۋە‌بتىن ھە‌قىقە‌تنى سېتىۋېتىشى مۇ‌مكىن؟‏ بىز شۇ‌نداق چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كېلە‌ركى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

a بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏