مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

48-‏تە‌تقىق ماقالىسى

باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ

باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشغانغا يە‌تكۈزۈڭ

‏«باشلىغان ئىشىڭلارنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىڭلار».‏‏—‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏11‏.‏

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ يە‌ھۋا نېمە قىلىشىمىزغا يول قويىدۇ؟‏

 يە‌ھۋا ھايات يولىمىزنى ئۆزۈمىزنىڭ تاللىشىغا يول قويىدۇ.‏ ئۇ بىزگە ياخشى قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىدىغان قارارلارنى چىقارغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏173‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سالغاندا،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 5:‏14‏.‏

2.‏ قارارنى چىقارغاندىن كېيىن،‏ قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

2 لېكىن،‏ بە‌زىدە ياخشى قارار چىقارساقمۇ،‏ ئىشىمىزنى ئاخىرىغا چىقىرىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياش بۇ‌رادە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تولۇ‌ق ئوقۇ‌پ چىقىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ بېشىدا،‏ ئۇ بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئوقۇ‌غان بولسىمۇ،‏ لېكىن بە‌زى سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى ئوقۇ‌شنى توختاتقان.‏ ياكى بولمىسا بىر قېرىندىشىمىز پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ  بۇ خىزمە‌تنى باشلاشنى ئارقىغا سۈرىدۇ.‏ ئاقساقاللار كېڭىشى جامائە‌تتىكى كۆپرە‌ك ئېتىقادداشلارغا تە‌سە‌للىي بېرىش ئۈچۈن پادىلارنى يوقلاشنى قارار قىلىدۇ،‏ ئە‌مما بىرنە‌چچە ئاي ئۆتۈپ،‏ بۇ مە‌قسىتىگە تېخى قول يە‌تكۈزە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر بىر-‏بىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ،‏ ئورتاق بىر يېرى بار.‏ مىساللاردىكى كىشىلە‌ر قارار چىقارسىمۇ،‏ قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلمىغان.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادچىلارمۇ شۇ‌نداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ھازىر ئۇ‌لاردىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

3.‏ كورىنتلىقلار قانداق قارار قىلغان،‏ لېكىن كېيىن نېمە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

3 تە‌خمىنە‌ن مىلادى 55-‏يىلى كورىنتتىكى قېرىنداشلار مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقارغان.‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيىدىكى ئېتىقادداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىپ،‏ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قىينالغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لار ئۈچۈن باشقا جامائە‌تلە‌رنىڭ ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ كورىنتلىقلار مېھرىبان ۋە مە‌رد بولغاچ،‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان ئېتىقادداشلارغا ياردە‌م بېرىشنى قارار قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى سورىغان.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا پۇ‌ل يىغىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىپ،‏ ئىئانە يىغىشنى تىتۇ‌سقا تاپشۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏1؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 8:‏6‏)‏.‏ لېكىن،‏ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلار يىغماقچى بولغان پۇ‌لنى تېخى يىغمىغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌دىيە‌لىرى باشقا جامائە‌تلە‌رنىڭ ئىئانىلىرى بىلە‌ن بىرگە يېرۇ‌سالىمغا ئە‌ۋە‌تىشكە ئۆز ۋاقتىدا تە‌ييار بولمىغان.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 9:‏4،‏ 5‏.‏

4.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 8:‏7،‏ 10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارنى نېمە قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏

4 كورىنتلىقلار ياخشى قارار چىقارغان ئىدى ۋە پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى كۈچلۈك ئېتىقادى ۋە سە‌مىمىي مە‌ردلىكى ئۈچۈن ماختىغان.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى باشلىغان ئىشلىرىنى كۆزلىگە‌ن نىشانىغا يە‌تكۈزۈشكە ئۈندىگە‌ن ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 8:‏7،‏ 10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ مىسالدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

5.‏ قانداق سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز؟‏

5 كورىنتلىقلارغا ئوخشاش بىزگىمۇ چىقارغان قارارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش تە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ قارارىمىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى كېيىنگە قالدۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن بىر ۋە‌قە يۈز بېرىپ،‏ پىلانلىرىمىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولىدىغاندۇ (‏ۋە‌ز 9:‏11؛‏ رىملىقلار 7:‏18‏)‏.‏ ئۆتمۈشتە چىقارغان قارارىمىزنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ياكى ئۇ‌نى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولسا،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏ باشلىغان ئىشلىرىمىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال

6.‏ قارارىمىزنى قاچان ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

6 بىز بە‌زى مۇ‌ھىم قارارلارنى،‏ مە‌سىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ياكى ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىزگە ۋاپادارلىقنى ساقلاش قارارىمىزنى،‏ ھېچقاچان ئۆزگە‌رتمە‌يمىز (‏مە‌تتا 16:‏24؛‏ 19:‏6‏)‏.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ بە‌زى قارارلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزگۈرۈش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌ڭ ياخشى قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا قانداق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

7.‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىمىز ياقۇ‌پنى شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يېزىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا كىمدۇ بىرىدە دانالىق كە‌م بولسا،‏ ھە‌ممىسىگە سېخىيلىق بىلە‌ن،‏  … بېرىدىغان خۇ‌دادىن داۋاملىق تىلىسۇ‌ن» (‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏ مۇ‌نداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ھە‌ممىمىزدە «دانالىق كە‌م».‏ شۇ‌ڭا،‏ قارار چىقارغاندا ياكى ئۇ‌نى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ سىزنىڭ دانا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

8.‏ قارارلارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال قانداق ئىزدىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 چوڭقۇ‌ر ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىدىن مە‌سلىھە‌ت ئىزدە‌ڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى تە‌مىنلە‌ۋاتقان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌ڭ ۋە سىزگە دانا مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان ئادە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏18‏)‏.‏ ئىشىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ باشقا جايغا كۆچۈش كېرە‌ك بولغاندا ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ۋە جان بېقىش ئۈچۈن قانداق بىلىم ئېلىش دېگە‌ندە‌ك مە‌سىلىلە‌ردە قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ پۇ‌ختا ئىزدىنىپ كۆرۈش ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏

9.‏ قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن نىيە‌تلىرىمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

9 ئۆز نىيە‌تلىرىڭىزنى تە‌كشۈرۈڭ.‏ خۇ‌دا قە‌لبىمىزنى تە‌كشۈرىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن نىيە‌تلىرىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم (‏1-‏سام.‏ 16:‏7‏)‏.‏ ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرگە‌ندە،‏ نىيە‌تلىرىمىزنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ ئە‌مما،‏ نىيە‌تلىرىمىز ھە‌قىقە‌تە‌ن يۈرىكىمىزدىن چىققانمۇ ياكى يە‌نە باشقا سە‌ۋە‌بلە‌ر بارمۇ،‏ شۇ‌نى تە‌كشۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر قە‌لبىمىزدە نېمە بارلىقىنى تە‌پسىلىي تە‌كشۈرسە‌ك،‏ توغرا ئىش قىلىمىز.‏ بىرە‌ر قارارنى قىلىشتىكى نىيىتىمىز ناتوغرا بولسا،‏ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياش بىر بۇ‌رادە‌ر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ 70 سائە‌ت ئۆلچە‌منى ئورۇ‌نلاش قىيىن بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقىتىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى باشلىدىم دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

10.‏ ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىش زۆرۈر؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى تاماكا چېكىشنى توختاتماقچى بولدى دە‌يلى.‏ بېشىدا ئۇ قاتتىق قىينىلىدۇ.‏ بىر-‏ئىككى ھە‌پتە تاماكا چە‌كمە‌ي،‏ كېيىن قايتىدىن چېكىشنى باشلايدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئاخىرىدا ئۇ كۆزلىگە‌ن نىشانىغا يېتىدۇ!‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئارزۇ‌سى شۇ كىشىگە يامان ئادىتىنى تاشلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏10؛‏ 3:‏23‏.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش مۇ‌ھىم؟‏

11 ئېنىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ مە‌قسە‌تلىرىڭىز ئېنىق بولسا،‏ ئۇ‌لارغا يېتىش ئاسان بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قىلغانسىز.‏ لېكىن،‏ ئېنىق پىلان تۈزمىسىڭىز،‏ مە‌قسىتىڭىزگە يېتە‌لمە‌سلىكىڭىز مۇ‌مكىن b‏.‏ ياكى بولمىسا،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار كۆپرە‌ك قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى يوقلاشنى قارار قىلدى دە‌يلى.‏ ئە‌مما،‏ بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌لار بۇ قارارىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلمىدى.‏ مە‌قسىتىگە قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئاقساقاللار ئۆزلىرىدىن مۇ‌نداق سوئاللارنى سورىسا بولىدۇ:‏ «تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولغان قېرىنداشلار كىملە‌ر؟‏ ئۇ‌لارغا يولۇ‌قۇ‌ش ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت بە‌لگىلىدۇ‌قمۇ؟‏».‏

12.‏ بە‌زىدە نېمە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

12 ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھە‌ممە ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ ۋاقتى،‏ كۈچى ياكى چامىسى يە‌تمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌ڭ.‏ بە‌زىدە قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمىگە‌ن قانداقتۇ بىر ئىشنى ئۆزگە‌رتىشنى قارار قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 3:‏6‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز قارارىڭىزنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌تىشنى قىلغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايمە‌ن دە‌پ ئويلايسىز دە‌يلى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان بە‌ش قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان قە‌دە‌ملە‌ر

13.‏ قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچكە قانداق ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

13 ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزگە قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏13‏)‏.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق سىزگە كۈچ بېرىشىنى سوراڭ.‏ خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىڭىزغا جاۋاب بە‌رمە‌يۋاتقاندە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك:‏ «داۋاملىق سوراڭلار،‏ سىلە‌رگە بېرىلىدۇ».‏—‏لۇ‌قا 11:‏9،‏ 13‏.‏

14.‏ لۇ‌قا 14:‏28-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 پىلان تۈزۈڭ (‏لۇ‌قا 14:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ باشلىغان ھە‌رقانداق ئىشنى كۆزلىگە‌ن نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ياخشى پىلان كېرە‌ك.‏ ئاندىن شۇ پىلانغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش لازىم.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قارار چىقارغاندا،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نە‌ق قايسى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى باسماقچى بولغانلىقىڭىزنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ قىيىن بىر ئىشنى قىلىش كېرە‌ك بولسا،‏ ئۇ‌نى بىرنە‌چچە ئاسانراق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارغا بۆلۈڭ.‏ ھە‌ربىر قە‌دە‌مدە بىر ئىشنى پۈتتۈرسىڭىز،‏ سىز نېمىگە قول يە‌تكۈزگە‌نلىكىڭىزنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يسىز.‏ پاۋلۇ‌س كورىنتتىكى قېرىنداشلارنى ئۇ كە‌لگە‌ندىن كېيىن ئىئانە پۇ‌للىرىنى يىغىشنىڭ ئورنىغا،‏ «ھە‌ر ھە‌پتىنىڭ بىرىنچى كۈنى» يىغىپ قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏2‏)‏.‏ قىيىن ئىشنى ئاسانراق قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارغا بۆلۈش،‏ سىزنى بۇ ئىش قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلشىتىن ساقلايدۇ.‏

15.‏ پىلان تۈزگە‌ندىن كېيىن،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

15 قە‌غە‌ز يۈزىگە چۈشۈرۈلگە‌ن ئېنىق پىلانىڭىز بولسا،‏ قارارىڭىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئاسانراق بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏40‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقاللار كېڭىشى ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىر قارارىنى،‏ جۈملىدىن قانداقتۇ بىر ئىش كىمگە تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى قايسى ۋاقىتقىچە ئورۇ‌نلاش كېرە‌كلىكىنى،‏ يېزىپ قويىدىغان بىر ئاقساقالنى تاللاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنىدۇ.‏ بۇ كۆرسە‌تمىگە ئە‌مە‌ل قىلىدىغان ئاقساقاللارغا قوبۇ‌ل قىلغان قارارلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئاسان بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏26‏)‏.‏ بۇ مە‌سلىھە‌تنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزدىمۇ قوللانسىڭىز بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋاقىت جە‌دۋىلى تۈزۈپ،‏ بىرىنچى نۆۋە‌تتە قىلىش كېرە‌ك ئىشنى تىزىمنىڭ بېشىغا يېزىپ قويالايسىز.‏ بۇ سىزگە پە‌قـە‌ت باشلىغان ئىشلىرىڭىزنىڭ ھە‌ممىسىنى پۈتتۈرۈشكىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاز ۋاقىتتا كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشىڭىزغىمۇ ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16.‏ قارارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ نېمە قىلىش كېرە‌ك ۋە بۇ ئوي-‏پىكىر رىملىقلار 12:‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە قانداق تە‌كىتلە‌نگە‌ن؟‏

16 كۈچ چىقىرىڭ.‏ پىلانىڭىزغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك ‏(‏رىملىقلار 12:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى ئۆزىنى ياخشىراق تە‌لىم بېرىشكە بېغىشلاشقا ۋە بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بۇ مە‌سلىھە‌ت باشقا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏13،‏ 16‏.‏

17.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر،‏ پىلانلىغان ئىشىمىزنى قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ۋاقتىڭىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىڭ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رماقچى بولغان ۋاقىتنى بە‌لگىلە‌ڭ ۋە شۇ ۋاقىتنى ئۆزگە‌رتمە‌ڭ.‏ ئىشىڭىزنى باشلاش ئۈچۈن قولايلىق ۋاقىتنى كۈتمە‌ڭ،‏ چۈنكى شۇ ۋاقىت ھېچقاچان كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 11:‏4‏)‏.‏ ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىشلارنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئېلىشىغا ۋە مۇ‌ھىمىراق ئىشلارنى قىلىشىڭىز ئۈچۈن كېرە‌ك كۈچىڭىزنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويۇ‌شقا يول قويماڭ (‏فىلىپى.‏ 1:‏10‏)‏.‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ ھېچنە‌رسە كاشىلا قىلمايدىغان ۋاقىتنى تاللاڭ.‏ باشقىلارغا مۇ‌ھىم بىر ئىشىڭىز بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇ‌ڭ.‏ تېلېفونىڭىزنى ئۆچۈرۈپ قويۇ‌ڭ ۋە ئېلىكترونلۇ‌ق خە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئىجتىمائىي تورلارنى ئىشىڭىزنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تە‌كشۈرسىڭىز بولىدۇ c‏.‏

18،‏ 19.‏ قىيىن بولغاندىمۇ قارارىڭىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 قارارىڭىزنىڭ نە‌تىجىسىگە كۆز تىكىڭ.‏ قارارىڭىزنىڭ نە‌تىجىسىنى سە‌پە‌رنىڭ مە‌نزىلى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بىرە‌ر مە‌نزىلگە يېتىشنى مە‌قسە‌ت قىلسىڭىز،‏ يول يېپىق بولۇ‌پ،‏ يۆنىلىشنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ مېڭىشنى داۋاملاشتۇ‌رىسىز.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ دىققىتىمىزنى قارارىمىزنىڭ نە‌تىجىسىگە قاراتساق،‏ توسالغۇ‌لارغا قارىماي،‏ يولىمىزنى داۋام قىلىمىز.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏9‏.‏

19 ياخشى قارارنى قىلىشمۇ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شمۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ سىز دانالىق ۋە كۈچكە ئىگە بولۇ‌پ،‏ باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز.‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a چىقارغان قارارلىرىڭىزدىن بە‌زىدە ئە‌پسۇ‌سلىنامسىز؟‏ ياكى توغرا قارار چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىش سىز ئۈچۈن بە‌زىدە قىيىنمۇ؟‏ بۇ ماقالە شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ۋە باشلىغان ئىشىڭىزنى كۆزلىگە‌ن ئاخىرىقى نىشانغا يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى پىلانلىشىڭىزغا ®jw.org تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش جە‌دۋىلى‏» ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

c ۋاقىتنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى 2010-‏يىل ئاپرېل سانىدىكى «ۋاقىت تېپىشنىڭ 20 ئۇ‌سۇ‌لى» ياكى «‏بوش ۋاقىتقا ئىگە بولۇ‌شنىڭ 20 ئۇ‌سۇ‌لى‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏