48-تەتقىق ماقالىسى
«ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، كېلەچەككە ئىنتىلىمەن»
«كۆزلىرىڭنى ئۇدۇل ئالدىغا تىككىن؛ شۇنداق، ئالدىڭغا ئۇتتۇر نەزەر سالغىن».—پەند. نە 4:25.
143-ناخشا زۇلمەت دۇنيادىكى نۇر
بۇ ماقالىدە a
1، 2. فىلىپىلىكلەر 3:13-ئايەتتىكى نەسىھەتكە قانداق ئەمەل قىلالايمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
ئۈچ مىسالنى تەسەۋۋۇر قىلايلى. ياشانغان قېرىنداش ئۆتمۈشتە كەچۈرگەن ياخشى كۈنلىرىنى ئەسلەيدۇ. گەرچە ھازىر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە قارىماستىن، ئۇ يەھۋاغا قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتىدۇ (1-كورىنت. 15:58). ھەر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە يېقىنلىرىنىڭ يېڭى دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. باشقا بىر قېرىنداش ئېتىقاددىشى ئۇنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، بىراق ئۇ ئاداۋەت ساقلىماسلىقنى قارار قىلىۋاتىدۇ (كولوسى. 3:13). بۇرادەر ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى ياخشى بىلىدۇ، لېكىن ئۇ ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.—زەبۇر 51:10.
2 مۇشۇ ئېتىقادداشلارنىڭ ئارىسىدا قانداق ئورتاقلىق بار؟ ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلار بار، ئەمما ئۇلار ئۆتمۈشى بىلەن ياشىمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار نەزىرىنى ئۇتتۇر كېلەچەككە تىكىدۇ.—فىلىپىلىكلەر 3:13-نى ئوقۇڭ.
3. نېمە ئۈچۈن كېلەچەككە ئىنتىلىشىمىز كېرەك؟
3 كېلەچەككە ئىنتىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ كەينىگە قاراپ ماڭغان ئادەم ئۇدۇل ماڭالمايدۇ. خۇداغا خىزمەت قىلىش ھەم خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. ئەگەر بىز ئۆتمۈشتە بولغان ياكى قىلغان ئىشلار توغرۇلۇق ئويلاۋەرسەك، يەھۋاغا تولۇق خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالمايمىز.—لۇقا 9:62.
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، ئۆتمۈشى بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئۈچ تۇزاقنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇلار: (1) ئۆتمۈشنى ئەسلەش؛ (2) رەنجىش ۋە (3) ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەش. ھەر بىر ۋەزىيەتتە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىدا بولىدىغان ئىشلارغا ئىنتىلىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.—فىلىپى. 3:13.
ئۆتمۈشنى ئەسلەش تۇزىقى
كېلەچەككە كۆز تىكىشىمىزگە نېمە توسالغۇلۇق قىلىشى مۇمكىن؟ (5، 9، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
5. ۋەز 7:10-ئايەت بىزنى نېمە قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ؟
5 ۋەز 7:10-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتتە: «نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلەر ياخشى ئىدى؟»— دەپ سوراشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلساق بولىدۇ. ياخشى ئەسلىمىلەر يەھۋا خۇدانىڭ سوۋغىسى. لېكىن، بۇ ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «‹نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن كۈنلەر بۈگۈنكى كۈنلەردىن ياخشىراق ئىدى؟›— دەپ سورىمىغىن» (ۋەز 7:10) باشقىچە ئېيتقاندا، ئالدىمىزدىكى تۇزاق بولسا، بۇرۇنقى ئەھۋالىمىز بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى سېلىشتۇرۇش ۋە ھازىر ھەممە ئىشلارنى ناچار دەپ خۇلاسە چىقىرىش. مۇقەددەس كىتابنىڭ باشقا تەرجىمىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «‹نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز ھازىرقىدىن ياخشى؟›— دەپ سورىما. بۇنداق سوئال سوراش دانالىق ئەمەستۇر».
مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىسرائىللار قانداق خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن؟ (6-ئابزاسقا قاراڭ)
6. نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشىراق، دەپ ئويلاش نادانلىق؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشىراق، دەپ ئويلاش نادانلىق بولىدۇ؟ ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنى ئەسلەش پەقەت ياخشى نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. ياكى بولمىسا، ئۇ بىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئىسرائىللارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار مىسىردىن چىقا-چىقمايلا بۇرۇنقى تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى دەرھاللا ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئەكسىنچە، ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ياخشى ئوزۇق-تۈلۈكلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرغان. ئۇلار: «بىز مىسىردا بىكارلىق يېگەن بېلىق، تەرخەمەكلەر، تاۋۇزلار، غولپىيازلار، پىيازلار ۋە سامساق ئېسىمىزدە بار»،— دېگەن (سانلار 11:5). لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە بۇ يېمەكلىكلەرنى ھەقسىز يېگەنمۇ؟ ياق. ئۇلار كۆپ بەدەل تۆلىگەن: ئۇلار مىسىردا قۇل بولۇپ خورلانغان (چىق. 1:13، 14؛ 3:6—9). كېيىنرەك، ئۆتمۈشتىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۆتمۈشىنى سېغىنغان ئىدى. ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىغا دىققەت ئاغدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇنقى ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىگىلا ئەھمىيەت بەرگەن. يەھۋا ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆز قارىشىدىن خۇرسەن بولمىغان ئىدى.—سانلار 11:10.
7. بىر قېرىنداشقا ئۆتمۈشنى ئەسلەش تۇزىقىدىن نېرى تۇرۇشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
7 ئۆتمۈشنى ئەسلەش تۇزىقىدىن قانداق نېرى تۇرالايمىز؟ 1945-يىلى برۇكلىندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۇ بەيتەلدىكى بىر بۇرادەرگە تۇرمۇشقا چىقىپ، ئۇلار شۇ يەردە ئۇزۇن يىللار بىللە خىزمەت قىلغان. بىراق 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇنىڭ يولدىشى كېسەل بولۇپ قالغان. يولدىشى ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا تۇل ھايات كەچۈرۈشكە بەرداشلىق بېرىشتە ياردەم بېرىدىغان بىر نەچچە ياخشى مەسلىھەتنى بەرگەن. ئۇ ئۇنىڭغا: «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بەختلىك ئۆتكەن. كۆپىنچە ئادەملەر بۇنداق بەختنى ھېچقاچان ھېس قىلمىغان»،— دەپ ئېيتقان. ئەمما، ئۇنى ئەسكەرتىپ: «گەرچە ئەسلىمىلەر داۋاملاشسىمۇ، ئۆتمۈش بىلەن ياشىماڭ. كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇن، بەكمۇ ئازابلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەت چەكمەڭ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ھەممە ياخشى بولۇپ كېتىسىز. بىز بىرلىكتە يەھۋاغا خىزمەت قىلغان شاد-خۇرام ۋە بەختلىك كۈنلەر ئۈچۈن خۇشال بولۇڭ. ئەسلىمىلەر — خۇدا بىزگە بەرگەن سوۋغات». بۇ نېمە دېگەن ياخشى مەسلىھەت، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
8. ئۆتمۈش بىلەن ياشىمىغان بىر قېرىنداش قانداق بەرىكەتكە ئېرىشكەن؟
8 قېرىندىشىمىز ھەمراھىنىڭ مەسلىھىتى بويىچە قىلغان. 92 ياشقا كىرىپ، ۋاپات بولغىچە يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، ئۇ: «يەھۋاغا 63 يىلدىن كۆپرەك تولۇق ۋاقىتلىق خىزمىتىمگە قاراپ، مەن ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك ھايات كەچۈردۈم، دەپ ئېيتالايمەن»،— دېگەن. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئاجايىپ قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن باغلىنىپ ياشاش ۋە كېلەچەكتىكى جەننەتتە ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز، بىردىن-بىر ھەق خۇدا يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىش ئۈمىدى ھەقىقەتەن بىزنى قانائەت تاپقۇزىدۇ» b. كېلەچەككە ئىنتىلگەنلەر ئۈچۈن نېمە دېگەن ئاجايىپ ياخشى مىسال-ھە!
رەنجىش تۇزىقى
9. لاۋىيلار 19: 18-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قانداق ۋەزىيەتلەردە ئاداۋەت ساقلىماسلىق قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
9 لاۋىيلار 19:18-نى ئوقۇڭ. ئادەتتە ئېتىقاددىشىمىز، يېقىن دوستىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇققىنىمىز بىزگە يامان مۇئامىلە قىلىپ، بىزنى رەنجىتىپ قويسا، ئاداۋەت ساقلىماسلىق قىيىن. مەسىلەن، بىر ئېتىقادچى ئۇ پۇلۇمنى ئوغرىلاۋالدى، دەپ باشقا قېرىنداشنى خاتا ئەيىبلىدى دەيلى. كېيىنرەك، خاتا ئەيىبلىگەن قېرىنداش كەچۈرۈم سورىدى. بىراق، ئەيىبلەنگەن قېرىنداش يۈز بەرگەن ئىشقا بەك خاپا بولۇپ، كۆڭلىدىن چىقىرالمىغان. سىز بۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇپ باققانمۇ؟ ھەتتا، بىز ھېچقاچان شۇنداق ئەھۋالغا چۈشمىگەن بولساقمۇ، كۆپىنچىمىز بىزنى رەنجىتىپ قويغان كىشىگە خاپا بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايمەن، دەپ ئويلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن.
10. رەنجىگەن بولساق، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 رەنجىگەن بولساق، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىرىنچىدىن، يەھۋا ھەممىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. ئۇ بىز باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەممىنى، شۇ جۈملىدىن بارلىق ئادالەتسىزلىكلەرنى بىلىدۇ (ئىبرانىي. 4:13). بىز ئازاب چەككەن ۋاقتىمىزدا، خۇدا بىزگە ئىچ ئاغرىتىدۇ (يەشايا 63:9). ئۇ بىزگە شۇنى ۋەدە قىلىدۇكى، ئادالەتسىزلىك تۈپەيلى بىز چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە بارلىق زىياننى خۇدا ئاخىرى يوق قىلىدۇ.—ۋەھىي. 21:3، 4.
11. بىز ئاداۋەت ساقلىمىساق، ئۆزۈمىزگە قانداق پايدىلىق؟
11 بىز ئاداۋەتنى ساقلىمىساق، بۇ ئۆزۈمىزگە پايدىلىق. بۇنى خاتا ئەيىبلەنگەن قېرىنداش بىلگەن. ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇ ئاداۋەت ساقلىمىغان. ئۇ ئەگەر بىز باشقىلارنى كەچۈرسەك، يەھۋامۇ بىزنى كەچۈرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (مەتتا 6:14). ئۇ ئېتىقاددىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى كىچىكلىتىپ كۆرسەتمىگەن ياكى ئۇنى ئاقلىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ ئاداۋەت ساقلىماسلىقنى قارار قىلغان. نەتىجىدە، قېرىندىشىمىز تېخىمۇ خۇشال بولۇپ، دىققىتىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا قارىتالىغان.
ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەش تۇزىقى
12. 1-يۇھاننا 3:19، 20-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12 1-يۇھاننا 3:19، 20-نى ئوقۇڭ. بەزىدە بىز ئۆزۈمىزنى ئەيىبلەيمىز. مەسىلەن، بەزىلەر ھەقىقەتنى بىلىشتىن ئاۋۋال قىلغان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدۇ. باشقىلار بولسا، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبىلىك ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدۇ. شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇش تەبىئىي ئەھۋال (رىملىقلار 3:23). ئەلۋەتتە، بىز توغرا ئىش قىلىشنى خالايمىز. بىراق، « ھەممىمىز نۇرغۇن قېتىم خاتالىشىمىز» (ياقۇپ 3:2؛ رىملىقلار 7:21—23). گەرچە ئۆزۈمىزنى گۇناھكار ھېس قىلىش بىزنى خۇشال قىلمىسىمۇ، بىراق بىز بۇنىڭدىن پايدا ئالالايمىز. نېمە ئۈچۈن؟ ئۆزىمىزنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىش بىزنى ھايات يولۇمىزنى تۈزىتىشكە ۋە خاتالىقلىرىمىزنى يەنە قايتىلىماسلىققا بەل باغلاشقا ياردەم بېرىدۇ.—ئىبرانىي. 12:12، 13.
13. ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن نېرى تۇرۇش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
13 باشقا تەرەپتىن، بىز ھەددىدىن زىيادە ئۆزىمىزنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. يەنى بىز توۋا قىلغاندىن كېيىن يەھۋا بىزنى كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، بىز بەلكىم ئۆزۈمىزنى داۋاملىق گۇناھكاردەك ھېس قىلىمىز. شۇنداق ئۆزىنى ئەيىبلەش تۇيغۇسى بىزگە زىيان كەلتۈرەلەيدۇ (زەبۇر 31:10؛ 38:3، 4). قانداقلارچە؟ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەش تۇيغۇسى بىلەن كۈرەش قىلغان بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ: «مەن يەھۋاغا بار كۈچىمنى چىقىرىپ خىزمەت قىلساممۇ، پايدىسى يوق، چۈنكى مەن بەرىبىر قۇتۇلۇپ قالماسلىقىم مۇمكىن»،— دېگەن. كۆپىنچىلىرىمىز شۇ قېرىنداشقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن. ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن نېرى تۇرۇش بەك مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، گەرچە يەھۋا بىزنى كەچۈرسىمۇ، بىز ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقان بولساق، شەيتان قانچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەر-ھە!—2-كورىنتلىقلار 2:5—7، 11-نى سېلىشتۇرۇڭ.
14. يەھۋانىڭ بىزدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە قانداق كۆز يەتكۈزەلەيمىز؟
14 يەنە بىز: «يەھۋا مېنىڭدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە قانداق كۆز يەتكۈزەلەيمەن؟»— دەپ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بىز بۇ سوئالنى سورىساق، بۇ يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن يىللار بۇرۇن، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدا مۇنداق يېزىلغان: «بەلكىم بىز قانداقتۇ بىر خاتالىقنى قايتا-قايتا قىلىۋاتىمىز. ياكى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆتكۈزگەن قانداقتۇ بىر خاتالىقتىن تېخىغىچە قۇتۇلالمىدۇق. … شۇنداق بولسىمۇ، كۆڭلىڭىزنى ھېچ يېرىم قىلماڭ. كەچۈرۈشكە بولمايدىغان گۇناھ قىلدىم دېگەن خۇلاسىگە كەلمەڭ. شەيتان نەق شۇنداق ئويلىشىڭىزنى خالايدۇ. ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىز تۈپەيلى، قايغۇرۇپ ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغانسىز. بۇ سىزنىڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىڭىزنى ۋە يەھۋا خۇدا سىزنى كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋادىن كەمتەرلىك بىلەن چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈم ۋە پاك ۋىجدانغا ئىگە قىلىشنى يالۋۇرۇپ سوراڭ. مەيلى قانچە قېتىم ئوخشاش قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىغا قارىماي ۋە قانچە قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، كۆيۈمچان دادىسىغا بارغان كىچىك بالىغا ئوخشاش، سىزمۇ يەھۋاغا بېرىڭ. ئۇ مول مېھىر-شەپقىتى بىلەن سىزگە ياردەم بېرىدۇ».
15، 16. بەزىلەر يەھۋانىڭ ئۇلاردىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى چۈشەنگەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟
15 يەھۋانىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى، ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ تەسەللى تاپقان. مەسىلەن، بىرنەچچە يىل بۇرۇن، بىر بۇرادەر «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ»، ناملىق بىر قاتار ماقالىلەردە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ مىسالى بۇرادەرگە قانداق تەسەللى بەرگەن؟ بۇ ماقالىدە، قېرىنداش ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھاياتى سەۋەبلىك، يەھۋا ئۇنى ياخشى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش تەسكە چۈشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ، بۇ ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلغان. بىراق، تۆلەم قۇربانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىش ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىگە ياردەم بەرگەنىدى c.
16 قېرىنداشنىڭ مىسالى بۇرادەرگە قانداق تەسەللى بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ياش ۋاقتىمدا، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە خۇمار بولۇپ قالغانىدىم. يېقىندا، مەن ئۇنى قايتىدىن قىلىپ قويدۇم. مەن جامائەت ئاقساقاللىرىدىن ياردەم سورىدىم ۋە ناچار ئادىتىمنى تاشلاشتا غەلىبە قىلالىدىم. ئاقساقاللار يەھۋانىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ مېنى كەچۈرۈشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمگە ياردەم بەردى. ئەمما، بەزىدە ئۆزۈمنى تېخىغىچە كېرەكسىز ۋە خۇدا مېنى ياخشى كۆرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ قېرىنداشنىڭ مىسالىنى ئوقۇش ھەقىقەتەن ماڭا ياردەم بەردى. يەھۋا بەلكى مېنى كەچۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلاش، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى مېنىڭ گۇناھلىرىمنى يۇيۇشقا يېتەرلىك ئەمەس دېگەن بىلەن ئوخشاشتۇر. مەن ئۆزۈمنى كېرەكسىزدەك سەزگىنىمدە، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى كېسىپ ساقلىۋالدىم».
17. ئەلچى پاۋلۇس ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن قانداق نېرى تۇرغان؟
17 شۇنداق ۋەزىيەتلەر بىزگە ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى ئەسلىتىدۇ. مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ئېغىر گۇناھلارنى قىلغان. پاۋلۇس نېمە قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان، بىراق بۇ ھەققىدە دائىم ئويلىمىغان (1-تىموت. 1:12—15). ئۇ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئۇنىڭغا شەخسەن بېرىلگەن سوۋغاتتەك قارىغان (گالاتىيا. 2:20). شۇ ئارقىلىق، پاۋلۇس ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن نېرى تۇرغان ۋە دىققىتىنى يەھۋانىڭ بەرگەن ھەممە ياخشىلىقىغا قاراتقان.
كېلەچەككە ئىنتىلىش
كېلەچەككە ئىنتىلىشكە بەل باغلايلى (18، 19-ئابزاسلارغا قاراڭ) e
18. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
18 بۇ ماقالىدە، مۇھاكىمە قىلىنغان تۇزاقلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ (1) ياخشى ئەسلىمىلەر يەھۋا خۇدانىڭ سوۋغىتى، بىراق ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇشىمىز قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كېلەچەكتە يېڭى دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولىدۇ. (2) باشقىلار بىزنى رەنجىتىپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنى كەچۈرۈشنى قارار قىلغاندا، ئالدىغا قاراپ ماڭالايمىز. (3) ھەددىدىن زىيادە ئۆزۈمىزنى ئەيىبلەش يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، پاۋلۇسقا ئوخشاش يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرگەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز لازىم.
19. يېڭى دۇنيادا بىز ئۆتمۈشتىكى قىلغان ئىشلارغا پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىمىزنى نەدىن بىلىمىز؟
19 بىزنىڭ مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىمىز بار. خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا ياشىغاندا، بىز ئۆتمۈشتىكى قىلغان ئىشلارغا پۇشايمان قىلمايمىز. بۇ ۋاقىت ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا: «ئىلگىرىكى ئىشلار ئەسكە ئېلىنمايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (يەشايا 65:17). ئويلاپ بېقىڭ، بەزىلىرىمىز يەھۋاغا ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلىپ، ياشىنىپ قېرىپ قالدۇق، لېكىن يېڭى دۇنيادا قايتىدىن ياشلىق چېغىمىزغا قايتىمىز (ئايۇپ 33:25). شۇڭا، كېلىڭلار ئۆتمۈش بىلەن ياشىمايلى! ئەكسىنچە، كېلەچەكتىكى يېڭى دۇنياغا كۆز تىكىپ، شۇ يەردە بولۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشقا ئىنتىلەيلى!
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
a ئۆتمۈشتە بولغانلارنى ئەسلەش ياخشى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلىساق، يەھۋا ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ھەممىسى ئىلگىرى باسالمايدۇ ياكى بولمىسا، يەھۋانىڭ جەننەت ھەققىدىكى ئاجايىپ ۋەدىسىگە كۆز تىكىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن. ھازىر بىزنى ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنىلا ئويلاشقا ئۈندەيدىغان ئۈچ تۇزاقنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە مۇشۇ تۇزاقلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى قائىدە-پرىنسىپلارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
d سۈرەتلەردە: ئۆتمۈشنى ئەسلەش، رەنجىش ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنى ئەيىبلەش ھاياتقا يېتەكلەيدىغان يولدا مېڭىشقا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئېغىر يۈككە ئوخشاش.
e سۈرەتلەردە: بۇ ئېغىر يۈكنى تاشلىغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنى يېنىك ۋە خۇشال ھېس قىلىپ، قايتا كۈچكە ئېرىشەلەيمىز، شۇ چاغدىلا كېلەچەككە ئىنتىلىش بىلەن قارىيالايمىز.