يەھۋا خۇدا ئۆز دۆلىتىگە قايتقانلارنى بەرىكەتلەيدۇ
كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆز دۆلىتىگە قايتقان. خۇدانى ۋە قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرگەچ، ئۇلار ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن (مەتتا 22:37—39). يەھۋا خۇدا ئۇلارنى قانداق بەرىكەتلىگەن؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن كامېرون دۆلىتىگە دىققەت قىلايلى.
«بېلىق كۆپ يەرگە بېرىش»
1998-يىلى، بۇرادەر ئونېسىم ئۆز دۆلىتى كامېروندىن كېتىپ قالغان. ئۇ 14 يىل باشقا دۆلەتتە ياشىغان. بىر كۈنى جامائەتتە ۋەز قىلىش ھەققىدە بىر مىسالنى ئاڭلىغان. ناتىق مۇنداق دېگەن: «ئىككى دوست ھەرخىل يەردە بېلىق تۇتىدۇ دەيلى. بىرسى بېلىقنى كۆپ، باشقىسى بولسا بېلىقنى ئاز تۇتقان، شۇڭا قانداق ئويلايسىلەر، بېلىقنى ئاز تۇتقان كىشى بېلىقنى كۆپ تۇتقان دوستىنىڭ قېشىغا بارمامدۇ؟»
بۇ مىسال ئونېسىمنى روھىي بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتى كامېرونغا قايتىپ، يەرلىك قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشى ھەققىدە ئويلاندۇرغان. بىراق، ئۇ قاتتىق ئەنسىرىگەن. ئۇ كامېروندىن كېتىپ چەتئەلدە نۇرغۇن يىل ياشىغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ياشاشقا كۆنەلەيمەنمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلغان. بېشىدا سىناپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئالتە ئايغا بارغان. كېيىن، 2012-يىلى ئۇ شۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن كۆچۈپ كەتكەن.
«مەن ئىسسىق ھاۋا رايىغا ۋە يەرلىك شارائىتلارغا كۆنۈشكە تىرىشتىم. ماڭا قايتىدىن ئىبادەت زالىدا قولايسىز ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلدى. لېكىن، مەن دىققىتىمنى كۆپرەك نۇتۇققا قاراتقانسېرى، ئورۇندۇقنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىگە ئېرەن قىلمايدىغان بولدۇم»،— دەيدۇ كۈلۈمسىرەپ ئونېسىم.
ئونېسىم 2013-يىلى، فرانسىيەدە توققۇز يىل ياشاپ، كامېرونغا قايتىپ كەلگەن جېرالدىن ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلەنگەن. ئۇلار ھاياتىدا يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟ ئونېسىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىككىمىز پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇدۇق ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلدۇق. بىر يىلنىڭ ئىچىدە، بىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەن 20 ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. مەن ھازىر ئۆزۈمنى شۇ «بېلىق» كۆپ يەردە ھېس قىلدىم» (ماركۇس 1:17، 18). جېرالدىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتىم».
شاگىرت تەييارلاش ئىشىدىن بولغان خۇشاللىق
جۇدىت ۋە سام-كاستېل
جۇدىت كامېروندىن ئامېرىكىغا كۆچكەن، ئەمما ئۇ كۆپرەك يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىغان. ئۇ: «ھەر قېتىم كامېروندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى يوقلاپ، ئامېرىكىغا قايتىپ ماڭغىنىمدا، مەن باشلىغان مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كەلگەندە يىغلايتتىم». بىراق، جۇدىت كامېرونغا قايتىشتىن ئىككىلەنگەن. چۈنكى، ئۇنىڭ يۇقىرى مائاشلىق ئىشى كامېروندىكى دادىسىنى داۋالىتىشقا ئاسانلىق يارىتاتتى. لېكىن، جۇدىت يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىپ، كامېرونغا قايتقان. ئۇ ئامېرىكىدىكى بەزى
قولايلىق شارائىتلارنى سېغىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ كامېروندىكى شارائىتلارغا كۆنۈش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سورىغان ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ۋە ئايالى ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئىلھام بەرگەن.ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، جۇدىت مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچ يىل ئىچىدە، مەن تۆت ئادەمنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم». جۇدىت مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى خىزمىتىنى باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يولدىشى سام-كاستېلنىڭ رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشىغا ھەمراھ بولماقتا. ئەمما، جۇدىتنىڭ دادىسىغا نېمە بولغان؟ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دادىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى كۆتۈرىدىغان چەتئەلدىكى بىر دوختۇرخانىنى تاپقان. خۇشاللىنارلىق يېرى، ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.
يەھۋانىڭ يار-يۆلەك بولغانلىقىنى كۆرۈش
ستېفانى ۋە ئالائېن
ۋىكتور ئىسىملىك بۇرادەر كاناداغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ «كۈزىتىش مۇنارى» ژورنىلىدىكى ئالىي بىلىم ئېلىش ھەققىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇشى توغرۇلۇق ئويلىغان. ئونۋېرسىتېتنى تاشلاپ، قىسقا تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا بارغان. ئۇ: «بۇ مېنىڭ تېز ئىش تېپىشىمغا ھەم مەن بۇرۇندىن ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان پىدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلاشقا مۇمكىنچىلىك بەرگەن»،— دەپ ئېيتقان. كېيىنرەك ۋىكتور كارولېنغا ئۆيلىنىپ، كامېرونغا بارغان. شۇ يەردە ئۇلار بەيتەلنى زىيارەت قىلىشقا بارغاندا، كامېروندا خىزمەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىنغان ئىدى. ۋىكتور: «بىز بۇ تەكلىپنى رەت قىلىشقا سەۋەبلەرنى تاپالمىدۇق ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلالىدۇق»،— دېگەن. كارولېننىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇشىغا قارىماستىن، ئۇلار كامېرونغا كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلغان.
ۋىكتور بىلەن كارولېن مۇقەددەس كىتابقا قىزىقتۇرىدىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پىدائىي ۋەز خىزمەتنى باشلىغان. ئۇلار يىغىپ قويغان پۇلى بىلەن بىر مەزگىل ياشىغان، ئۇلارغا ئىش ئىزدەشنىڭ ھاجىتى بولمىغان. پۇلى تۈگىگەندە، ئۇلار كاناداغا بىرنەچچە ئاي ئىشلەشكە بېرىپ، كېيىن پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كامېرونغا قايتىپ كەلگەن. ۋىكتور بىلەن كارولېن قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟ ئۇلار پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىنى تاماملاپ، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە ھازىر تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ۋىكتور مۇنداق دەيدۇ: «قولايلىق تۇرمۇشىمىزدىن ئايرىلىش يەھۋانىڭ يار-يۆلەك بولغانلىقىنى كۆرۈشىمىزگە ئىمكانىيەت ياراتتى».
ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىشىغا ياردەم بېرىپ تاپقان خۇشاللىق
لېئونس ۋە گېزېلە
2002-يىلى گېرمانىيىدىكى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ئالائېن ئىسىملىك ياش بۇرادەر، «ياشلار — ھاياتىڭلارنى نېمىگە بېغىشلايسىلەر؟» ناملىق ۋاراقچىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلار ئۇنى يېڭى مەقسەتلەرنى قويۇشقا دەۋەت قىلغان. 2006-يىلى، خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىنى تاماملاپ، ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كامېرون دۆلىتىگە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن.
كامېروندا ئالائېن يېرىم كۈن ئىشلەيدىغان ئىشنى تاپغان. كېيىنرەك، يۇقىرى مائاشلىق ئىشنى تاپسىمۇ، بۇرۇنقىدەك كۆپرەك خىزمەت قىلالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەن. شۇڭا، ئالائېننى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەي قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ باشلىقى يۇقىرى مائاشلىق ئىشنى تەۋسىيە قىلسىمۇ، ئالائېن ئۆزىنىڭ قارارىدىن ۋاز كەچمىگەن. كېيىن، ئالائېن كۆپ يىل فرانسىيەدە ياشىغان ستېفانىغا ئۆيلەنگەن. ستېفانى كامېرونغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
ستېفانى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەزى كىچىك ئاغرىقلار ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم. لېكىن، مەن ئۇلارنىڭ داۋاسىنى تېپىپ يېنىكلىشىپ قالدىم». مۇشۇ جۈپ
سەۋرچانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان. ئالائېن مۇنداق دەيدۇ: «بىز كاتي دېگەن چەت بىر جايدىكى يېزىغا ۋەز قىلىشقا بارغاندا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بىرنەچچە ئادەمنى تاپتۇق. كېيىنرەك، ئۇلار بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزدۇق. ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، شۇ يېزىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرۇلغانىدى». ستېفانى قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئارتۇق چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىپ، بىز شۇنداق خۇشاللىقنى كۆپ قېتىم ھېس قىلدۇق». بۈگۈنكى كۈندە، ئالائېن رايۇنغا مەسئۇل ئاقساقال سۈپىتىدە ئايالى بىلەن بىرگە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.بىز پەقەت ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق
كارولېن ۋە ۋىكتور
گېزېلە ئىتالىيىدىكى تىببىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر جۈپ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاددىي ھاياتىدىن بەك تەسىرلەنگەن. شۇڭا، گېزېلە كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىغاچ، مەكتىپىنى تاماملاپ بولۇپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغان.
گېزېلە كامېروندا يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىسىمۇ، بىراق ئۇ ئەنسىرىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىتالىيىدە مۇنتىزىم ياشاش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتىن، دوستلىرىم ھەم ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىلىشتىن قورقاتتىم». شۇنداق بولسىمۇ، گېزېلە 2016-يىلى كامېرونغا قايتىپ كەتكەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ لېئونىسقا تۇرمۇشقا چىققان. كامېروندىكى بەيتەل ئۇلارغا ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج ئايوس دېگەن شەھەرگە كۆچۈشنى تەۋسىيە قىلغان.
ئايوس شەھىرىدە تۇرمۇش شارائىتى قانداق بولغان؟ گېزېلە مۇنداق دەيدۇ: «ھەپتىلەپ توك يوق بولاتتى، بىز تېلېفونلىرىمىزغا توك قاچىلىيالمايتتۇق، شۇڭا تېلېفونلىرىمىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىشلىمىگەن. مەن ئوتۇن يېقىپ تاماق تەييارلاشنى ئۆگەندىم، كەچقۇرۇنلىقى ھارۋا ۋە قول چىرىغى بىلەن سۇغا باراتتۇق. چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا ئادەملەر ئاز بولاتتى». گېزېلە بىلەن ھەمراھىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا نېمە ياردەم قىلغان؟ گېزېلە مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى، دوستلىرىمىزنىڭ ۋە ئاندا-ساندا ئائىلىمىزنىڭ پۇل تەرەپتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ھەممە قىيىنچىلىقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەرگەن».
گېزېلە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگىنىگە خۇشالمۇ؟ «ئەلۋەتتە، مېنىڭ قىلچىمۇ گۇمانىم بولمىغان. دەسلەپتە قىيىنچىلىقلار ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇلىرى بولدى. ئەمما، بىز ئۇلارنى يېڭىۋالغاندا ھەمراھىمىز ئىككىمىز پەقەت ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. يەھۋا خۇداغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىۋاتىمىز»،— دەيدۇ گېزېلە. لېئونىس بىلەن گېزېلە پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىنى تاماملاپ ۋاقىتلىق مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
كۆپلىگەن بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن بېلىقچىلار ھەرخىل قىيىنچلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە تەييار. خۇددى ئۇلارغا ئوخشاش، ئۆز يۇرتىغا قايتقانلارمۇ پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تىڭشايدىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشكە تەييار. يەھۋا شۇنداق جان كۆيدۈرەر ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسىمىغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئەستە ساقلايدۇ (نەھەم. 5:19؛ ئىبرانىي. 6:10). ئەگەر سىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئۆز يۇرتىڭىزدا ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز بولسا، سىز قايتىشقا تەييارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا خۇدا سىزنى مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ.—پەند. نە 10:22.