تەرجىمىھال
«يەھۋا خۇدا مېنى ئۇنتۇپ قالمىدى»
مەن جەنۇبىي ئامېرىكدىكى گايانا دۆلىتىنىڭ ئاھالىسى تەخمىنەن 2000چە كىشى بولغان ئورېئاللا يېزىسىدا ياشاۋاتىمەن. بۇ يېزا بەكمۇ چەت بىر جايدا. ئۇنىڭغا پەقەت كىچىك ئايروپلان ياكى كېمە بىلەنلا يېتىپ بارالايسىز.
مەن 1983-يىلى توغۇلغان. ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، بالىلىق چېغىم باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياخشى بولغان ئىدى. لېكىن، ئون ياشقا كىرگەندە پۈتۈن تېنىمدە قاتتىق ئاغرىقلارنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. تەخمىنەن ئىككى يىلدىن كېيىن، بىر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا، مەن مىدىرلىيالماي قالدىم. قانچىلىك تىرىشساممۇ، پۇتلۇرۇمدا ماغدۇرىم بولمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، مەن ماڭالمىدىم. مېنىڭ كېسىلىم بويۇمنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولدى. مېنىڭ بويۇم ئۆسمەي، شۇ پېتىچە قالدى.
ئىككى يەھۋا گۇۋاھچىسى كېلىشتىن ئاۋۋال، مەن بىر نەچچە ئاي ئاغرىپ، ئۆيدىن چىقالمايۋاتاتتىم. ئادەتتە بىرەر كىشى كەلگەندە مەن ئۆزۈمنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتىم. لېكىن، شۇ كۈنى كەلگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلار جەننەت توغرۇلۇق سۆزلىگەندە، مەن بەش ياش ۋاقتىمدا ئاڭلىغانلىرىم ئېسىمگە چۈشتى. شۇ ۋاقىتتا، سۇرىنامدا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلغان جېترو ئايدا بىر قېتىم يېزىمىزغا كېلەتتى ۋە مېنىڭ دادام بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەتتى. جېترو ماڭا مېھرىبانلارچە مۇئامىلە قىلاتتى. مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋام بىلەن مومام يېزىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بەزى جامائەت يىغىلىشلىرىغا مېنى ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ باراتتى. ئاشۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرى فلورېنس مېنىڭدىن كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى خالامسەن، دەپ سورىغاندا، مەن ئۇنىڭغا «ھەئە» دېدىم.
فلورېنس يولدىشى جەستەس بىلەن قايتا كېلىپ، مېنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىدى. خەت تونۇمايدىغانلىقىمنى بايقىغاندا، ئۇلار ئوقۇشنى ئۆگىنىشىمگە ياردەم بەردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، مەن ئۆزۈم ئوقۇشنى باشلىدىم. بىر كۈنى شۇ ئەر-ئايال ماڭا ئۇلارنىڭ سۇرېنامدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. بەكمۇ ئەپسۇس، ئورېئاللادا داۋاملىق مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. لېكىن، بەختكە يارىشا، يەھۋا مېنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
ئۇزۇن ئۆتمەي، فىلويد ئىسمىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئورېئاللاغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ ۋەز قىلغاندا مېنى ئۇچراشتۇردى. ئۇ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى توغرىسىدا ئېيتقاندا، مەن كۈلۈمسىرىدىم. ئۇ: «نېمىشقا كۈلۈمسىرەيسىز؟»— دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا «خۇدا بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟»، دېگەن كىتابچىنى پۈتتۈرگەنلىكىمىنى ۋە ئەمدى «مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلەيدىغان بىلىم» a، دېگەن كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۆگىنىش نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. فىلويد «بىلىم»، دېگەن كىتابنىڭ قالغان قىسمىنى مېنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەتتى. ئەمما، كېيىن ئۇمۇ باشقا يەرگە تەيىنلەندى. مەن يەنە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇتقۇچىسىز قالدىم.
لېكىن، 2004-يىلى ئىككى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى يەشۇئا ۋە گرانۋىل ئورېئاللادا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەنگەن. ئۇلار ۋەز قىلغاندا مېنى ئۇچراشتۇردى. ئۇلار مېنىڭدىن مۇقەددەس كىتابنى: «ئۆگەنگىڭ بارمۇ؟»— دەپ سورىغاندا، مەن كۈلۈمسىرىدىم. مەن ئۇلاردىن «بىلىم»، دېگەن كىتابتىن باشلاپ ئۆگىنىشنى سورىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگەتكەنگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆگىتدىغان-ئۆگەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. گرانۋىل ماڭا يېزىدا جامائەت يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئون يىلغا يېقىن مەن ئۆيدىن چىقالمىغان بولساممۇ، شۇ يىغىلىشلارغا بېرىشنى خالىدىم. شۇڭا، گرانۋىل مېنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئىبادەت زالىغا ئېلىپ باردى.
ۋاقىت ئۆتۈپ، گرانۋىل مېنى ۋەز ئېيتقىلارنى تەربىيلەش مەكتىپىگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ ماڭا: «سىز ھەرىكەت قىلالمىغان بىلەن، لېكىن سۆزلىيەلەيسىز. بىر كۈنى سىز نۇتۇق ئېيتىسىز. بۇ چوقۇم بولىدۇ»،— دېدى. ئۇنىڭ ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرى ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلىشىمغا ياردەم بەردى.
مەن گرانۋىل بىلەن ۋەز قىلىشنى باشلىدىم. ئەمما، بۇ يېزىدىكى پاتقاقچىلىق يوللار چاقلىق ئورۇنداق ئۈچۈن بەكمۇ ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىدى. شۇڭا، مەن گرانۋىلدىن مېنى بىر چاقلىق قول ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئىشتىرىشنى سورىدىم. بۇ ئىش ياخشى بولدى. 2005-يىلى، ئاپرېل ئېيىدا مەن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. ئۇزاق ئۆتمەي، بۇرادەرلەر مېنى كىتاب-ماتېرىياللار ۋە ئىبادەت زالىدىكى ئاۋاز كۈچەيتىش ئاپپاراتىغا مەسئۇل بولۇشنى ئۆگەتتى.
كېيىن، بەكمۇ ئېچىنارلىق يېرى، 2007-يىلى مېنىڭ دادام كېمىدىن چۈشۈپ كېتىپ، كېمە ماتورىنىڭ پېقىرغۇچىسى يارلاندۇرۇپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. ئائىلىمىز قاتتىق قايغۇردى. گرانۋىل بۇرادەر بىز بىلەن دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس كىتابتىن تەسەللى بېرىدىغان ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇپ بەردى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بىز يەنە بىر شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. گرانۋىلنىڭ كېمىسى كەچقۇرۇن ئۆرۈلۈپ چۆكۈپ كەتكەن ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.
بىزنىڭ كىچىك، قايغۇلۇق جامائىتىمىزدە بىرمۇ ئاقساقال ياكى خىزمەت ياردەمچىسى قالمىدى. گرانۋىل بۇرادەرنىڭ ئۆلۈمى بىزگە قاتتىق زەبە بولدى. ئۇ مېنىڭ جان دوستىم ئىدى. ئۇ مېنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېھتىياجلىرىمغا چىن كۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كۆپ ئۆتمەي، ماڭا «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق ماقالىسىنى ئوقۇش تاپشۇرۇلغان ئىدى. مەن بىرنەچچە ئابزاسلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مېنى قاتتىق يىغا تۇتۇپ، كۆز يېشىم تارام-تارام ئاقتى. شۇڭا، ماڭا سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىشىمگە توغرا كەلدى.
باشقا جامائەتتىن بۇرادەرلەر ئورېئاللاغا بىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەندە، مەن ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، بەيتەل كوجو ئىسىملىك مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى ئەۋەتتى. ئاپام بىلەن ئىنىم مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى ۋە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى، بۇ مېنى بەكمۇ خۇشال قىلدى. كېيىن، مەن 2015-يىلى مارت ئېيىدا خىزمەت ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەندىم. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن بىرىنچى نۇتۇقنى ئېيتتىم. شۇ كۈنى گرانۋىلنىڭ نۇرغۇن يىل بۇرۇن، ماڭا: «بىر كۈنى سىز نۇتۇق ئېيتىسىز. بۇ چوقۇم بولىدۇ»،— دېگەن سۆزلىرىنى كۈلۈمسىرەپ ۋە يىغلاپ ئېسىمگە ئالدىم.
JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق، ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن باشقا قېرىنداشلىرىم ھەققىدە بىلدىم. لېكىن، ئۇلار پالەچ بولۇپ چەكلەنگەن ئىمكانىيەتلىرىگە قارىماستىن، ئەھمىيەتلىك ۋە خۇشال ھايات كەچۈرىدۇ. مەنمۇ يەنە بەزى ئىشلارنى قىلالايمەن. يەھۋاغا بار كۈچىمنى چىقىرىپ خىزمەت قىلىش ئىستىكىم، مېنى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا دەۋەت قىلدى. 2019-يىلى سېنتەبىردە ئاجايىپ بىر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدىم! شۇ ئايدا، 40 قېرىنداش بار جامائىتىمىزدە، مەن ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلدىم.
مېنىڭ بىلەن ئوقۇپ، ۋەز خىزمىتىمگە قاتنىشىشىمغا ياردەم بەرگەن قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋانىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمەن.
a يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلىغان كىتاب، بىراق ھازىر نەشىر قىلىنمايدۇ.