1-تەتقىق ماقالىسى
بېرىپ شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار
2020-يىلنىڭ ئايىتى: «شۇ سەۋەبتىن بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار».—مەتتا 28:19.
139-ناخشا ئۇلارنى چىڭ تۇرۇشقا ئۆگەتكىن
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەيسانىڭ قەبرىسىگە كەلگەن ئاياللارغا پەرىشتە نېمە دېگەن؟ ئەيسانىڭ ئۆزى ئۇلارغا نېمىنى بۇيرۇغان؟
تاڭ سەھەر. مىلادى 33-يىل 16-نىسان كۈنى. قايغۇغا پاتقان خۇدادىن ئەيمىنىدىغان بىر توپ ئاياللار قەبىرە تەرەپكە ماڭماقتا. ئۇ يەرگە ئىككى كۈن بۇرۇن ئەيسا مەسىھنىڭ جەسىتى قويۇلغان. خۇشپۇراق دورا-دەرمەكلەر ۋە مايلارنى ئەكەلگەن بۇ ئاياللار قەبىرىگە كەلگەندە، ھاڭ-تاڭ بولۇشقان. چۈنكى ئۇلار جەسەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەن. شۇ چاغدا پەرىشتە ئۇلارغا ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. پەرىشتە يەنە ئۇلارغا: «ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال جەلىلىيىگە بارىدۇ. ئۇنى شۇ يەردە كۆرىسىلەر»،— دېگەن.—مەتتا 28:1—7؛ لۇقا 23:56؛ 24:10.
2 ئاياللار قەبىرىدىن قايتىۋاتقاندا، ئەيسانىڭ ئۆزى ئۇلارغا: «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خەۋەر قىلىڭلار. ئۇلار جەلىلىيىگە بارسۇن، مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ»،— دەپ بۇيرۇغان (مەتتا 28:10). ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاۋۋال شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ ئۇچرىشىشتا ئەيسا ئۇلارغا بەك مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.
بۇ ئىشنى كىمگە بۇيرۇغان؟
3، 4. نېمە سەۋەبتىن مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردىكى بۇيرۇق پەقەت ئەلچىلەرگىلا قارىتىلمىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
3 مەتتا 28:16—20-نى ئوقۇڭ. ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارغا تاپشۇرۇلغان ئىشنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بىزمۇ بۈگۈن شۇ مۇھىم ئىشنى ئورۇنلاۋاتىمىز. ئەيسا ئۇلارغا: «بېرىپ بارلىق خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. … مەن سىلەرگە بۇيرىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار»،— دەپ ئېيتقان.
4 ئەيسا بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ۋەز ئىشىغا قاتنىشىشىنى خالايدۇ. ئۇ بۇ تاپشۇرۇقنى پەقەت 11 سادىق ئەلچىسىگە بەرمىگەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ سەۋەبى، ئەيسا ۋەز قىلىشنى تاپشۇرغاندا، جەلىلىيىدىكى تاغدا ئۇلاردىن باشقا ئادەملەرمۇ بولغان. پەرىشتە ئاياللارغا: «ئۇنى شۇ يەردە [جەلىلىيىدە] كۆرىسىلەر»،— دەپ ئېيتقان. دېمەك، شۇ ئۇچرىشىشتا شۇ ئاياللارمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، پاۋلۇس يازغاندەك، ئەيسا «بەش يۈزدىن كۆپرەك قېرىنداشلارغا كۆرۈندى» (1-كورىنت. 15:6). ئۇلار قەيەردە بولغان؟
5. 1-كورىنتلىقلار 15:6-ئايەتتىن نېمىنى بىلىمىز؟
5 ئەلچى پاۋلۇس 1-كورىنتلىقلار 15:6-ئايەتتە، ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىش توغرۇلۇق يازغان دەپ ئېيتالايمىز. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، شاگىرتلارنىڭ تەڭدىن تولىسى جەلىلىيىلىك بولغان. شۇڭا، شۇنچىلىك نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىر ئۆيدە يىغىلىشىغا قارىغاندا، جەلىلىيەدىكى تاغدا يىغىلىشى ئاسانراق بولغان. ئىككىنچى سەۋەبى، ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، يېرۇسالىمدىكى بىر ئۆيدە 11 ئەلچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ بولغان ئىدى. ئەيسا ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى پەقەت ئەلچىلەرگە تاپشۇرماقچى بولغان بولسا، ئۇلارنى ۋە ئاياللار بىلەن باشقا ئادەملەرنى جەلىلىيىگە چاقىرمايلا، بۇ ئىشنى يېرۇسالىمدا تاپشۇراتتى.—لۇقا 24:33، 36.
6. شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئورۇنلاش كېرەكلىكىنى مەتتا 28:20-ئايەت قانداق كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ئىش قانداق ئورۇنلانماقتا؟
6 ئۈچىنچى سەۋەبى، ئەيسا شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى پەقەت بىرىنچى ئەسىردە ياشىغان ئەگەشكۈچىلىرىگە تاپشۇرمىغان. ئەيسا سۆزىنى قانداق تاماملىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرايلى. ئۇ: «مانا، مەن بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 28:20). ھەقىقەتەن، ھازىر شاگىرت تەييارلاش ئىشىنىڭ راست قىزىۋاتقان ۋاقتى. ئويلاپ كۆرۈڭە، ھەر يىلى تەخمىنەن 300000 ئادەم يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈپ، مەسىھنىڭ شاگىرتى بولماقتا!
7. بىز نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. لېكىن، بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىدىغان بەزى كىشىلەر مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشتىن قورقىدۇ. ئۇلار ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ئىنتىلمەيدۇ. بىرسى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش دەرسىنى ئۆتكۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىز سۆزسىز. بۇ ماقالىدە ئوقۇغۇچىنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇنى مۇھاكىمە قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ چۈنكى، بەزىدە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىتىشنى قارار قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.
ئوقۇغۇچىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە ياردەم بېرىڭ
8. ئوقۇغۇچىنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشىگە ياردەم بېرىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
8 يەھۋا خۇدا ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنى سۆيىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مەقسىتىمىز — ئوقۇغۇچىلارغا يەھۋانىڭ ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش. بىز ئۇلارنىڭ، يەھۋا «يېتىم بالىنىڭ ئاتىسى، تۇل خوتۇنلارنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشىنى خالايمىز (زەبۇر 68:5). يەھۋانىڭ ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندە، ئۇلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىشى مۇمكىن. بەزى ئۆگەنگۈچىلەر ئاتا مېھرىنى كۆرمىگەنلىكتىن، يەھۋانىڭ ئۇلارنى كۆيۈمچان ئاتىدەك سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى قىيىن (2-تىموت. 3:1، 3). تەتقىق ئۆتكۈزگەندە ئادەمنىڭ دىققىتىنى يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە قارىتىشقا تىرىشىڭ. ئوقۇغۇچىڭىزغا مېھرىبان خۇدايىمىز ئۇنىڭ مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشىنى ۋە شۇ مەقسەتكە قول يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. بىز يەنە نېمە قىلالايمىز؟
9، 10. تەتقىق قىلىش دەرسىنى قايسى كىتابلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
9 «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» ۋە «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابلىرىنى قوللىنىڭ. بۇ كىتابلار ئادەملەرنىڭ يۈرىكىگە يول ئېچىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان. مەسىلەن، «تەلىملەر» كىتابىنىڭ بىرىنچى بابى تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ: «قىيىنچىلىقلار خۇدادىن كەلگەن سىناقمۇ؟ ئىنسانلار ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، خۇدانىڭ ئىچى ئاغرامدۇ؟ خۇدا بىلەن دوست بولۇش مۇمكىنمۇ؟» «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» كىتابى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلسا، ھاياتى ياخشى تەرەپكە ئۆزگىرىپ، ئۇ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىن بولالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. سىز بۇ كىتابلارنى بۇرۇن باشقا ئادەملەر بىلەن تەتقىق قىلغان بولسىڭىزمۇ، ھەر قېتىم تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن، دەرسكە ياخشى تەييارلىق قىلىڭ ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئەستە تۇتۇڭ.
10 ئوقۇغۇچى تەلىم بېرىش قوراللىرى قاتارىغا كىرمەيدىغان بىر باشقا ئەدەبىياتلىرىمىزدىكى مەلۇماتقا قىزىقىش كۆرسەتسىچۇ؟ سىز ئۇنى شۇ مەلۇماتنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇشقا دەۋەت قىلسىڭىز بولىدۇ ھەمدە «تەلىملەر» ۋە «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» كىتابلىرىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالايسىز.
11. ھەر قېتىم تەتقىق دەرسىدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن دۇئا قىلىشنى قاچان باشلىشىمىز كېرەك؟ بۇنى ئوقۇغۇچىغا قانداق چۈشەندۈرەلەيسىز؟
11 ئۆگىنىش دەرسىنى دۇئا بىلەن باشلاڭ. دەرستىن ئاۋۋال ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن دۇئا قىلىشنى مۇمكىنقەدەر بالدۇرراق بەلكىم تەتقىق قىلىش مۇنتىزىم بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە باشلىساق ياخشى بولىدۇ. بىز ئوقۇغۇچىنىڭ خۇدا سۆزىنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىسىز چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بەزى قېرىنداشلار ئوقۇغۇچىلارغا دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ياقۇپ 1:5-ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇ يەردە: «ئەگەر ئاراڭلاردا كىمدە بىرىدە دانالىق كەم بولسا، … خۇدادىن داۋاملىق تىلىسۇن»،— دەپ يېزىلغان. كېيىن ئوقۇغۇچىغا: «خۇدادىن دانالىقنى قانداق سورىيالايمىز؟»— دېگەن سوئالنى قويىدۇ. ئېھتىمال، ئوقۇغۇچى دۇئادا خۇدادىن ئىلتىجا قىلىشىمىز كېرەكلىكىگە قوشۇلىدۇ.
12. زەبۇر 139:2—4-ئايەتنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ يەھۋاغا كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق ئېيتىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
12 ئوقۇغۇچىڭىزغا دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىڭ. ئوقۇغۇچىغا يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققان دۇئاسىنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. دۇئالىرىمىزدا يەھۋاغا ئىچ-سىرىمىزنى تۆكۈپ، ھەتتا باشقا ھېچكىمگە ئېيتالمايدىغان ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىمۇ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈڭ. چۈنكى، يەھۋا ھەتتا قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئوي-خىيالىرىمىزنى بىلىدۇ (زەبۇر 139:2—4-نى ئوقۇڭ). شۇنداقلا، بىز ئوقۇغۇچىنىڭ ناتوغرا ئوي-پىكرىنى ئۆزگەرتىشى ۋە يامان ئادەتلىرىنى تاشلىشى ئۈچۈن خۇدادىن ياردەم سوراشقا دەۋەت قىلالايمىز. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەم يالغان دىن بىلەن مۇناسىۋىتى بار بىر بايرامنى ياخشى كۆرىدۇ دەيلى. ئۇ بۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، شۇ بايرامنىڭ بەزى نەرسىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنى يەھۋاغا ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئوچۇق ئېيتىشقا ۋە خۇدا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىلا ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياردەم سوراشقا دەۋەت قىلىڭ.—زەبۇر 97:10.
13. (1) نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىنى يىغىلىشلارغا مۇمكىنقەدەر بالدۇرراق چاقىرىش كېرەك؟ (2) ئوقۇغۇچى ئىبادەت يىغىلىشىغا كەلگەندە ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
13 مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەمنى مۇمكىنقەدەر بالدۇرراق يىغىلىشقا چاقىرىڭ. ئوقۇغۇچىغا يىغىلىشتا ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرى تەسىر قىلىپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا «ئىبادەت زالىغا نېمە ئۈچۈن يىغىلىمىز؟» ناملىق فىلىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنى جامائەت يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىڭ. مۇمكىن بولسا، يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايغا كېلىپ-كېتىشىگە ياردەملىشىڭ. ھەر قېتىم تەتقىق دەرسىگە ئوخشاش ئەمەس قېرىنداشلارنى چاقىرسىڭىز ياخشى. شۇ چاغدا ئۆگەنگۈچى جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇپ، يىغىلىشقا كەلگەندە ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلالايدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىڭ
14. ئوقۇغۇچىنى روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشكە نېمە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
14 بىزنىڭ مەقسىتىمىز — ئوقۇغۇچىغا روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشكە ياردەم بېرىش (ئەفەس. 4:13). بىرسى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولغاندا، بۇ ماڭا قانداق ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئويلايدىغاندۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئاشقانسېرى، ئۇ باشقىلارغا ۋە جامائەتتىكىلەرگە قانداق ياردەم بەرسەم بولار، دەپ ئويلىنىشى مۇمكىن (مەتتا 22:37—39). ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، پادىشاھلىق ئىشىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش شان-شەرىپى توغرۇلۇق ئوقۇغۇچىغا ئېيتىشتىن ئىككىلەنمەيلى.
15. ئوقۇغۇچىغا قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
15 قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىڭ. مەسىلەن، سىز چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتىسىز ۋە ئۇ جامائەتتىكى بىرسىگە رەنجىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى دەيلى. شۇ چاغدا بىرىگە يان باسماي، ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى چۈشەندۈرۈڭ. ئۇ قېرىندىشىنى كەچۈرۈپ، بولغان ئىشنى ئۇنتۇپ كەتسە، ياخشى بولىدۇ. ئۇنداق قىلالمىسا، قېرىندىشى بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىپ، مېھرىبانلىق بىلەن، ئىللىق سۆزلەشسە بولىدۇ (مەتتا 18:15-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئوقۇغۇچىنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزلىرىنى تەييارلاشقا ياردەم بېرىڭ. ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «®JW Library» پروگراممىسى، «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچى» ياكى ®jw.org تور بېكىتىدىن مەلۇمات ئىزدەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىڭ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن چاغدا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئۆگەنسە، چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ قېرىنداشلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ.
16. تەتقىق دەرسىگە باشقىلارنى چاقىرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
16 تەتقىق ئۆگىنىشىگە جامائەتتىكىلەرنى ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنى چاقىرىڭ. بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ جامائەتتىكى قېرىنداشلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەمگە سىز بېرەلمەيدىغان ياردەمنى بېرەلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئوقۇغۇچى تاماكا چېكىشنى تاشلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بىراق بۇ يامان ئادىتىدىن ئايرىلىش تېخى قولىدىن كەلمىدى دەيلى. ئۇنداقتا، تەتقىق دەرسىگە دەل شۇنداق قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەشكەن ۋە ئاشۇ ئادەتنى يېڭىپ چىققان بىر قېرىنداشنى چاقىرسىڭىز بولىدۇ. قېرىنداش ئۇنىڭغا پايدىلىق مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. ئەگەر تەجرىبىلىك قېرىنداشنىڭ قېشىدا دەرسنى ئۆتكۈزۈشتىن تارتىنسىڭىز، مۇشۇ قېتىم دەرسنى ئۇ ئۆتكۈزۈشىنى سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۆگىنىش دەرسىگە باشقىلارنى چاقىرسىڭىز، ئوقۇغۇچى ئۇلاردىن كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش.
تەتقىق دەرسىنى توختىتىش كېرەكمۇ؟
17، 18. تەتقىق دەرسىنى توختىتىش-توختاتماسلىقنى قارار قىلغاندا نېمىنى ئەستە تۇتقان ياخشى؟
17 ئوقۇغۇچى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەرنى قىلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى توختىتىش ياكى توختاتماسلىقنى قارار قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، ئوقۇغۇچىنىڭ قابىلىيەتلىرى توغرۇلۇق ئويلىشىڭىز كېرەك. بەزىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن ئالغا بېسىشى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت كېرەك. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ئوقۇغۇچى ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا روھىي جەھەتتىن ئۆسۈۋاتامدۇ؟ ئۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشنى باشلىدىمۇ؟» (مەتتا 28:20). ئوقۇغۇچى روھىي جەھەتتىن بەك تېز ئۆسمىسىمۇ، بىراق ھاياتىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشى لازىم.
18 مـۇقـەددەس كىتابنـى خېلـى ۋاقىتـتىن بېـرى ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۆگـەنگەنلـىرىنى قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتسىچۇ؟ مەسىلەن، ئۇ «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» ياكى ھەتتا «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابىنى باشلىدى دەيلى. لېكىن، ئۇ بىر قېتىم بولسىمۇ، يىغىلىشقا ياكى مەسىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كەلمىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆگىنىشنى يوقلاڭ بىر سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە قالدۇرىۋېرىدۇ b.
19. ئۆگەنگەنلىرىنى قەدىرلىمەيدىغاندەك كۆرۈنگەن كىشىگە نېمە دېسىڭىز بولىدۇ ۋە سىز نېمە توغرۇلۇق ئويلىشىڭىز كېرەك؟
19 «يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشقا سىزگە نېمە توسالغۇق قىلماقتا؟» دېگەن سوئال بىلەن باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇغۇچى: «مەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، بىراق مەن ھەرگىزمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمايمەن»،— دەيدىغاندۇ. ئادەم بىراز ۋاقىت ئۆگەنگەندىن كېيىن، يەنىلا شۇنداق كۆز قاراشتا بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ئالغا بېسىشقا نېمە توسالغۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى قېتىم ئوچۇق ئېيتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلالمايمەن دەپ ئويلايدىغاندۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز.
20. تەتقىق دەرسىنى توختىتىش ياكى توختاتماسلىقنى قارار قىلغاندا، ئەلچىلەر 13:48-ئايەتتىكى سۆزلەر قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
20 ئەپسۇسكى، بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەزەكىيالنىڭ زامانىدا ياشىغان ئىسرائىللارغا ئوخشايدۇ. يەھۋا ئۇلار توغرۇلۇق ھەزەكىيالغا: «مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت ماھىرلىق بىلەن چېلىنغان تارىلىق سازلارغا تەڭكەش قىلىنىپ، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن»،— دېگەن (ھەزەك. 33:32). ئادەمگە ئۆگىنىشنى توختىتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش ئاسان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، قالغان ۋاقىت قىسقىدۇر (1-كورىنت. 7:29). شۇڭا، نەتىجىسىز ئۆگىنىشلەرگە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەڭگۈ ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىشىمىز كېرەك.—ئەلچىلەر 13:48-نى ئوقۇڭ.
21. 2020-يىللىق ئايەت قايسى ئايەت ۋە ئۇ بىزگە نېمە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ؟
21 2020-يىللىق ئايەت شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەيسا جەلىلىيىدىكى بىر تاغدا ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە مۇھىم يىغىلىشتا بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئېيتقان: «شۇ سەۋەبتىن بېرىڭلار، … شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. ئۇلارنى … سۇغا چۆمۈلدۈرۈڭلار».—مەتتا 28:19.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
a 2020-يىللىق ئايەت بىزنى «شاگىرتلارنى تەييارلاشقا» چاقىرىدۇ. بۇ يەھۋانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرىگە بېرىلگەن تاپشۇرۇق. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگە مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇشقا قانداق ياردەملىشەلەيمىز؟ كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا قانداق ئۇسۇللاردا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالايلى. شۇنداقلا بىرسى بىلەن ئۆگىنىشنى قاچان توختىتىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
b JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى «نەتىجىسىز ئۆگىنىشلەرنى توختىتىش» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.