2-تەتقىق ماقالىسى
سىز باشقىلار ئۈچۈن تەسەللى بولالايسىز
«خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەمراھلىرىم. ئۇلار ماڭا كۆپ تەسەللى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ».—كولوسى. 4:11.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. خۇدانىڭ نۇرغۇن سادىق خىزمەتچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ؟
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشايدىغان يەھۋانىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى ناھايىتى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بەلكىم جامائىتىڭىزدىكى قېرىنداشلارمۇ شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقاندۇ؟ بىرلىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى يېقىن كىشىدىن ئايرىلغان. يەنە بىرلىرى تۇققىنى ياكى جان-جېگەر دوستى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقاچ، قايغۇغا پاتقان. باشقا قېرىنداشلار بولسا، تەبىئىي ئاپەتلەردە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىماقتا. بېشىغا كۈن چۈشكەن ئېتىقادداشلارنىڭ ھەممىسى تەسەللىگە مۇھتاج. بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
2. ئەلچى پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن بەزىدە تەسەللىگە مۇھتاج بولغان؟
2 ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ھاياتى كۆپ قېتىم خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولغان (2-كورىنت. 11:23—28). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ تېنىگە سانچىلغان تىكەندىن، بەلكىم قانداقتۇ بىر ئاغرىق تۈپەيلى ئازاب چەككەن (2-كورىنت. 12:7). شۇنداقلا، خىزمەتدىشى بولغان «دېماس بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سۆيۈپ»، پاۋلۇسنى تاشلاپ كەتكەندە، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قالغان (2-تىموت. 4:10). پاۋلۇس مەسىھ قىلىنغان ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىماي باشقىلارغا ياردەم بەرگەن ئېتىقاچى بولسىمۇ، بەزىدە ھەتتا ئۈمىدسىزلىنىپ غەم-قايغۇدا ئازابلانغان.—رىملىقلار 9:1، 2.
3. پاۋلۇس تەسەللىگە قانداق ئېرىشكەن؟
3 پاۋلۇس تەسەللىگە قانداق ئېرىشكەن؟ شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا ئۇنىڭغا كۈچ-مەدەتنى مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بەرگەن (2-كورىنت. 4:7؛ فىلىپى. 4:13). شۇنداقلا يەھۋا خۇدا پاۋلۇسقا ئېتىقادداشلار ئارقىلىق تەسەللى بەرگەن. پاۋلۇس بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىنى ئېيتقان (كولوسى. 4:11). ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىستارخۇس، تىكىكۇس ۋە ماركۇس بولغان. پاۋلۇس قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. خۇدانىڭ بۇ ئۈچ خىزمەتچىسىنىڭ باشقىلارغا يار-يۆلەك بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ بىزمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا قانداق تەسەللى ۋە ئىلھام بېرەلەيمىز؟
ئارىستارخۇستەك ۋاپادار بولايلى
ئارىستارخۇسقا ئوخشاش، ئېتىقادداشلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇلار ئۈچۈن ۋاپادار دوست بولالايلى (4، 5-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
4. ئارىستارخۇس پاۋلۇسنىڭ ۋاپادار دوستى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 ماكېدونىيەدىكى سالونىكىدىن بولغان ئارىستارخۇس پاۋلۇسنىڭ ۋاپادار دوستى ئىدى. پاۋلۇس ئۈچىنچى قېتىملىق مىسسىئونېرلىق سەپىرى داۋامىدا ئەفەس شەھىرىگە كەلگىنىدە ئارىستارخۇس توغرۇلۇق بىرىنچى قېتىم ئاڭلايمىز. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەردىشى ئارىستارخۇسنى تۇتۇۋالغانىدى (ئەلچى. 19:29). ئۇلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولغاندا، ئۇ ئۆزى توغرۇلۇق ئويلىماي، پاۋلۇسنىڭ قېشىدا قېلىپ، ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇپ قالغان. بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، گرېتسىيىدە، دۈشمەنلەر پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندىمۇ، ئارىستارخۇس دوستىنى تاشلاپ كەتمىگەن (ئەلچى. 20:2—4). تەخمىنەن مىلادى 58-يىلى پاۋلۇس رىمغا مەھبۇس سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەندە، ئارىستارخۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، سەپەرداش بولۇپ بىرگە بارغان. ئۇلار سەپەردە كېمە ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئامان قالغان (ئەلچى. 27:1، 2، 41). رىمغا كەلگەندىن كېيىن ئارىستارخۇس بىر مەزگىل پاۋلۇس بىلەن بىللە زىنداندا بولغان بولۇشى مۇمكىن (كولوسى. 4:10). شەك-شۈبھىسىزكى، پاۋلۇس ئاشۇ ۋاپادار دوستىدىن كۆپ ئىلھام ۋە تەسەللى تاپقان!
5. پەندى-نەسىھەت 17:17-ئايەتكە ئاساسەن، ۋاپادار دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
5 ئارىستارخۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ ئېتىقادداشلىرىمىز ئۈچۈن پەقەت ياخشى كۈنلەردە ئەمەس، «ئېغىر كۈنلەردە» ۋاپادار دوست بولۇشىمىز مۇھىم (پەندى-نەسىھەت 17:17-نى ئوقۇڭ). قېرىندىشىمىز ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، ۋاقىت ئۆتۈپ ئۇلار تېخىچە تەسەللىگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. راك كېسەل سەۋەبلىك، ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان فرانسىس b مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بېشىمىزغا چۈشكەن سىناقلار بىزنى بىراز ۋاقىت گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا كۆپ يىللار بولغان بولسىمۇ، تېخىغىچە قايغۇ-ھەسرەتتە يۈرگىنىمنى ئۇنتۇمايدىغان سادىق دوستلىرىمغا بەك مىننەتدارمەن».
6. ساداقەتمەنلىك بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
6 سادىق دوست قېرىندىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ۋاقتى ۋە كۈچىنى ئايىمايدۇ. مەسىلەن، پېتىر ئىسىملىك بۇرادەر ساقايمايدىغان ۋە تېز ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ ئايالى كەسرېن مۇنداق دەيدۇ: «جامائىتىمىزدىكى بىر ئەر-ئايال بىزنى ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. شۇ چاغدا پېتىرنىڭ كېسىلى توغرۇلۇق بىلدۇق. ئۇلار دەل شۇ كۈنى، بىزنىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان ۋە بىزگە ياردەم كېرەك بولغاندا ھەرقاچان يېنىمىزدا بولغان». قىيىن كۈنلەردە بەل قويۋەتمەي، چىدامچان بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ھەقىقىي دوستلارنىڭ قېشىمىزدا بولۇشى نېمە دېگەن چوڭ تەسەللى!
تىكىكۇستەك ئىشەنچىلىك بولايلى
باشقىلار قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن تىكىكۇسقا ئوخشاش ئىشەنچىلىك دوست بولايلى (7—9-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
7، 8. كولوسىلىقلار 4:7—9-ئايەتلەرگە ئاساسەن، تىكىكۇس ئۆزىنىڭ سادىق دوست ئىكەنلىكىنى قانداق دەلىللىگەن؟
7 رىم زېمىنىنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدىن بولغان تىكىكۇس پاۋلۇسنىڭ ۋاپادار خىزمەتدىشى بولغان (ئەلچى. 20:4). تەخمىنەن مىلادى 55-يىلى پاۋلۇس يەھۇدىي ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە يىغىشنى ئۇيۇشتۇرغان (2-كورىنت. 8:18—20). كېيىنرەك، پاۋلۇس بىرىنچى قېتىم رىمدا قاماقتا ئولتارغاندا، تىكىكۇس ئۇنىڭغا خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەسەللى بېرىدىغان خەتلىرىنى ئاسىيادىكى جامائەتلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.—كولوسى. 4:7—9.
8 تىكىكۇس پاۋلۇسنىڭ سادىق دوستى بولۇپ قالغان (تىتۇس 3:12). قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى تىكىكۇسقا ئوخشاش ئىشەنچىلىك دوست بولمىغان. تەخمىنەن مىلادى 65-يىلى پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىم قاماقتا ئولتارغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك قارشىلىقلاردىن قورققاچقا، پاۋلۇسدىن يۈز ئۆرگەن (2-تىموت. 1:15). تىكىكۇسقا بولسا پاۋلۇس ئىشەنچ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان (2-تىموت. 4:12). پاۋلۇس جەزمەن تىكىكۇسقا ئوخشاش دوستىنىڭ بولغىنى ئۈچۈن مىننەتدار بولغان.
9. تىكىكۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
9 بىزمۇ تىكىكۇسقا ئوخشاش سادىق دوست بولالايمىز. مەسىلەن، قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىمىز دەپلا قويماي، ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم قولىمىزنى سوزىمىز (مەتتا 5:37؛ لۇقا 16:10). يادەمگە مۇھتاج قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئۇلارغا يار-يۆلەك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلگەندە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى چوڭ تەسەللى تاپىدۇ. بۇنى بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «سىزگە ياردەم قولىنى سونۇشقا ۋەدە قىلغان كىشىنىڭ ئېغىزدىن چىقارغان سۆزىنى چوقۇم ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، ئۇ ياردەم بېرەرمۇ، بەرمەسمۇ، دەپ غەم-ئەندىشە قىلمايسىز».
10. پەندى-نەسىھەت 18:24-ئايەتكە ئاساسەن، قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلار كىمدىن تەسەللى تاپالايدۇ؟
10 قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلار كۆپ ۋەزىيەتلەردە ئىشەنچىلىك دوستلىرىدىن تەسەللى تاپىدۇ (پەندى-نەسىھەت 18:24-نى ئوقۇڭ). چوڭ ئوغلى جامائەتتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە تولغان بىجاي مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمنى چۈشىنىدىغان بىرسى بىلەن سۆزلىشىشكە مۇھتاج ئىدىم». كارلوس ئىسىملىك بۇرادەر ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن جامائەتتىكى شەرەپلىك ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى يۈزۈمگە سالمايدىغان بىرسى بىلەن سۆزلىشىشكە ئىنتايىن مۇھتاج ئىدىم». ئاقساقاللار كارلوسقا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن. شۇنداقلا كارلوسنىڭ سۆزلىرىنى ئاقساقاللار مەخپىي ساقلايدىغانلىقىنى بىلىش ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن.
11. ئىشەنچىلىك دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
11 سادىق ۋە ئىشەنچىلىك دوست بولۇش ئۈچۈن چىداملىق بولۇشىمىز كېرەك. جاننا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنى يولدىشى تاشلاپ كەتكەندە، ئۇ يېقىن دوستلىرىغا ئىچ-سىرىنى ئېيتىپ، تەسەللى ئالغان. ئۇ: «بىر نەرسىنى قايتا-قايتا ئېيتساممۇ، ئۇلار مېنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشىغان»،— دەيدۇ. سىزمۇ ياخشى تىڭشىغۇچى بولسىڭىز، ياخشى دوست ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.
ماركۇستەك باشقىلارغا خىزمەت قىلايلى
ماركۇس پاۋلۇسقا ياردەم قولىنى سۇنغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ بېشىدىن قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن يار-يۆلەك بولايلى (12—14-ئابزاسلارغا قاراڭ) e
12. ماركۇس كىم بولغان ۋە ئۇ قانداق تەييارلىق روھىنى كۆرسەتكەن؟
12 يېرۇسالىمدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ماركۇس يەھۇدىي خەلقىدىن چىققان خۇدانىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. ئۇنىڭ تۇققىنى بارناباس ھەممىگە تونۇش مىسسىئونېر بولغان (كولوسى. 4:10). ماركۇسنىڭ ئائىلىسى باياشاتچىلىقتا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇ باي بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمىغان. ماركۇس دائىم تەييارلىق روھىنى كۆرسىتىپ، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلغان. مەسىلەن، ئۇ ئەلچى پاۋلۇس ۋە ئەلچى پېترۇس بىلەن خىزمەتداش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بەرگەن. بەلكىم ماركۇس ئۇلارنىڭ تاماق سېتىۋېلىش ھەم قونىدىغان جاي تېپىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن (ئەلچى. 13:2—5؛ 1-پېتر. 5:13). خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىشتا، پاۋلۇس ئۆزىگە ماركۇسنىڭ خىزمەتداش ۋە چوڭ ئىلھام، تەسەللىي بەرگۈچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.—كولوسى. 4:10، 11.
13. 2-تىموتىي 4:11-ئايەتتىكى سۆزلەر، پاۋلۇس ماركۇسنىڭ سادىق خىزمىتىنى قەدىرلىگەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
13 پاۋلۇس ماركۇسنىڭ سادىق خىزمىتىنى بەك قەدىرلىگەن. شۇڭا، ماركۇس پاۋلۇسنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى بولغان. مەسىلەن، مىلادى 65-يىلى پاۋلۇس ئاخىرقى قېتىم رىمدا قاماقتا ئولتۇرغاندا، ئۇ تىموتىيغا يازغان ئىككىنچى خېتىدە ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئېيتقان (2-تىموت. 4:11). بەلكىم، پاۋلۇس پات-ئارىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ، ماركۇسنىڭ كېلىشىنى سورىغان. ماركۇس پاۋلۇسنى ئوزۇق-تۈلۈك ياكى خەت يېزىش ئۈچۈن كېرەك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ماركۇسنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ئىلھامى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە پاۋلۇسقا كۈچ-مەدەت بەرگەن.
14، 15. مەتتا 7:12-ئايەتتىكى سۆزلەردىن باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش توغرۇلۇق نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
14 مەتتا 7:12-نى ئوقۇڭ. بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلەرگە چەكسىز مىننەتدار بولىمىز! دادىسى تۇيۇقسىز قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان رايانا مۇنداق دەيدۇ: «قىيىن كۈنلەردە ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلالماي قالىسىز. بىرسى سىز ئۈچۈن ھەتتا كىچىككىنە بىر نەرسىنى قىلسىمۇ، بۇ سىزگە چوڭ تەسەللى بېرىدۇ».
15 دىققەتچان بولساق، باشقىلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پېتىر بىلەن كەسرېن بىر قېرىنداشنىڭ دوختۇرغا بېرىپ كېلىشكە ياردەم بەرگەن. يا پېتىر، يا كەسرېن ئەمدى ماشىنا ھەيدىيەلمىگەن. شۇڭا، ھېلىقى قېرىنداش، جامائەتتىكىلەردىن ياردەم بېرەلەيدىغانلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ ماشىنا بىلەن توشۇشى ئۈچۈن بىر جەدۋەل تۈزۈپ بەرگەن. بۇ ئۇلارغا ياردەم بەردىمۇ؟ كەسرېن مۇنداق دەيدۇ: «يەلكىمىزدىن چوڭ بىر تاغنى تاشلىۋەتكەندەك ھېس قىلدۇق». باشقىلارغا كىچىككىنە ئىشلار ئارقىلىق تەسەللى بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇمايلى.
16. باشقىلارغا تەسەللى بېرىش توغرۇلۇق ماركۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 ئەيسا مەسىھنىڭ زامانىدا ياشىغان ماركۇس دائىم روھىي ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتكەن بىر ئېتىقادچى بولغان. ئۇنىڭغا خۇدانىڭ خىزمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلغان ئىدى، شۇ جۈملىدىن ئۆز ئىسىمى بىلەن ئاتالغان كىتابنى يازغان. شۇنداقلا ئۇ پاۋلۇسقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان. پاۋلۇسمۇ ماركۇستىن ياردەم سوراشتىن تارتىنمىغان. ئانجېلا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ تۇققىنى زوراۋانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئانجېلا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن قېرىنداشلارغا بەك مىننەتدار بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دوستلىرىڭىز چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشكە كەلسە، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئاسان بولىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ياردەملىشىشنى خالايدۇ ۋە ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارتمايدۇ ياكى ئىككىلەنمەيدۇ». بىزمۇ ئۆزۈمىزدىن: «باشقىلار مېنى ئېتىقادداشلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان ئادەم دەپ تونامدۇ؟»— دەپ سورىساق بولىدۇ.
باشقىلارغا تەسەللى بېرەيلى
17. 2-كورىنتلىقلار 1:3، 4-ئايەتتىكى سۆزلەر، بىزنى باشقىلارغا تەسەللى بېرىشكە قانداق ئۈندەيدۇ؟
17 تەسەللىگە مۇھتاج قېرىنداشلار ئاز ئەمەس. بىز تەسەللىگە مۇھتاج قېرىنداشلارغا باشقىلار بىزگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتالايمىز. مومىسى ئۆلۈپ كەتكەن نىنو: «يەھۋانىڭ بىزنى قوللىنىشىغا يول بەرسەك، ئۇ بىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسەللى بېرەلەيدۇ»،— دەپ ئېيتقان (2-كورىنتلىقلار 1:3، 4-نى ئوقۇڭ). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فرانسىس مۇنداق دەيدۇ: «2-كورىنتلىقلار 1:4-ئايەتتىكى سۆزلەر ھەقىقەت. بىز ئۆزۈمىز ئاڭلىغان تەسەللى سۆزلىرى بىلەن باشقىلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز».
18. (1) بەزىلىرى نېمە ئۈچۈن تەسەللى بېرىشتىن قورقىدۇ؟ (2) باشقىلارغا قانداق تەسەللى بېرەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
18 قايغۇرۇۋاتقان ئادەمگە نېمە دېيىش ياكى قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيمەن، دەپ قورقساقمۇ، ياردەم بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پائۇل ئىسىملىك بىر ئاقساقال تەسەللى بېرىشكە تىرىشقان بەزى قېرىنداشلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ماڭا كېلىپ، سۆز باشلىشى ئاسان بولمىغان. ئۇلار نېمە دېيىشنى بىلمىسىمۇ، ماڭا تەسەللى بېرىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگىچە بەك مىننەتدارمەن». شۇنىڭغا ئوخشاش، تاجون ئىسىملىك بۇرادەر دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېتىقادداشلارنىڭ ئۇنى قانداق قوللىغانلىقىنى ئەسلەپ: «راستىنى دېسەم، شۇ كۈنى قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ھەربىر ئۇچۇرى ئېسىمدە يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ ماڭا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئېسىمدە»،— دەپ ئېيتقان. ئەگەر قېرىنداشلارغا كۆيۈنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتسەك، ئۇلارغا ياخشى تەسەللى بېرەلەيمىز.
19. قېرىنداشلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا نېمە ئۈچۈن بەل باغلىدىڭىز؟
19 مۇشۇ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ھاياتىمىز تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ (2-تىموت. 3:13). نامۇكەممەل بولغاچ ۋە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەچ، تەسەللىگە داۋاملىق مۇھتاج بولىمىز. دوستلىرى دائىم يار-يۆلەك بولغاچقا، ئەلچى پاۋلۇس ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ساداقەتمەن بولۇپ قالالىغان. ئۇنداقتا ئارىستارخۇستەك ۋاپادار، تىكىكۇستەك ئىشەنچىلىك ۋە ماركۇستەك باشقىلارغا خىزمەت قىلايلى. شۇنداق قىلساق، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.—1-سالونىكا. 3:2، 3.
a ئەلچى پاۋلۇس بېشىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەن. شۇنداق ئېغىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا بەزى قېرىنداشلار تەسەللى بەرگەن. شۇ قېرىنداشلارنىڭ باشقىلارغا تەسەللى بېرىشىگە قايسى ئۈچ خىسلەت ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىۋالايلى. يەنە ئۇلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
b بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
28-ناخشا يېڭى ناخشا