4-تەتقىق ماقالىسى
مۇقەددەس روھ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ
«ئۇشبۇ روھ بىلەن قەلب روھىمىز بىرلىكتە، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغىنىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ».—رىملىقلار 8:16.
147-ناخشا ئالاھىدە مۈلۈك
بۇ ماقالىدە a
1، 2. مىلادى 33-يىل، ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا قانداق ۋەقە يۈز بەرگەن؟
مىلادى 33-يىلى. يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىكى يېرۇسالىمدا ئەللىكىنچى كۈن بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى. ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بۆلمىدە تەخمىنەن 120چە شاگىرت يىغىلغان (ئەلچى. 1:13—15؛ 2:1). بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن، ئەيسا ئۇلارغا يېرۇسالىمدىن كەتمەسلىكنى بۇيرىغان. چۈنكى، ئۇلارغا ئالاھىدە بىر سوۋغات بېرىلەتتى (ئەلچى. 1:4، 5). ئاندىن نېمە ۋەقە يۈز بەرگەن؟
2 ئاسماندىن تۇيۇقسىز قاتتىق شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بۇ ئاۋاز پۈتۈن ئۆينى قاپلىغان. ئاندىن شاگىرتلارنىڭ بېشىغا «تىللارغا ئوخشاش كۆيۈپ تۇرغان ئوتتەك» بىر نەرسە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «مۇقەددەس روھقا چۆمدى» (ئەلچى. 2:2—4). يەھۋا شۇنداق ئاجايىپ ئۇسۇلدا مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۆككەن (ئەلچى. 1:8). شۇ شاگىرتلار مۇقەددەس روھ b بىلەن مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ۋە ئاسماندا ئەيسا بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرىنچىسى بولغان.
بىرسى مەسىھ قىلىنغاندا، نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟
3. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن گۇمان قىلمىغان؟
3 ئەگەر شۇ كۈنى سىز شاگىرتلار بىلەن بىللە بولغان بولسىڭىز، بۇ ۋەقەنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتىڭىز. بېشىڭىزغا تىللارغا ئوخشاش كۆيۈپ تۇرغان ئوتتەك بىر ئوت چۈشۈپ، باشقا تىلدا سۆزلەشنى باشلىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! (ئەلچى. 2:5—12). شۇ چاغدا خۇدا سىزنى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلغانلىقىغا قىلچىمۇ گۇمان قىلمايتتىڭىز. ئەمما، ئاشۇ مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى مۆجىزىۋىي ئۇسۇلدا مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنامدۇ؟ ياق. بىز بۇنى نەدىن بىلىمىز؟
4. بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار قايسى ۋاقىتتا مەسىھ قىلىنغان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
4 ئادەم قاچان مەسىھ قىلىندىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى. مىلادى 33-يىلى ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا مۇقەددەس روھ بىلەن پەقەت 120 شاگىرت مەسىھ قىلىنغان. شۇ كۈنى يەنە 3000 كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئىدى (ئەلچى. 2:37، 38، 41). ئەمما، كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسلا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنمىغان. مەسىلەن، سامارىيىلىكلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مۇقەددەس روھ ئارقىلىق مەسىھ قىلىنغان (ئەلچى. 8:14—17). كورنىلىي ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ۋەزىيىتى بولسا، مۇتلەق باشقىچە بولغان. ئۇلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەي تۇرۇپ، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان.—ئەلچى. 10:44—48.
5. 2-كورىنتلىقلار 1:21، 22-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بەزىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندا، نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟
5 ئادەم مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرەيلى. يەھۋا ئۇلارنى تاللاۋالغاندا بەزىلەرنىڭ دەسلەپتە بۇنى قوبۇل قىلىشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار: «خۇدا نېمە ئۈچۈن مېنى تاللاۋالدى؟»— دەپ ھەيران قالىدىغاندۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «ئۇنىڭغا ئىشەنگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇ ئارقىلىق ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار c» (ئەفەس. 1:13، 14). دېمەك، يەھۋا ئۇلارنى تاللاۋالغانلىقىنى ئۆزلىرىگە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئېنىق بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس روھ ئۇلارنى كېلەچەكتە يەردە ئەمەس، ئاسماندا مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ، «كاپالەت» بېرىدۇ.—2-كورىنتلىقلار 1:21، 22-نى ئوقۇڭ.
6. ئاسماندىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچى نېمە قىلىشى كېرەك؟
6 بىر ئېتىقادچى مەسىھ قىلىنغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئاسمانغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. گەرچە ئۇ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسىمۇ، ئۇ تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك: «ئەي قېرىنداشلار، ھەممىڭلار چاقىرىلغان ۋە تاللانغانلىقىڭلارنى تەستىقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك تىرىشىڭلار. چۈنكى، مانا شۇلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، ئەسلا يولدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر» (2-پېتر. 1:10). دېمەك، بىرەر ئېتىقادچى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانغان بولسىمۇ، خۇداغا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن ئاشۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ.—فىلىپى. 3:12—14؛ ئىبرانىي. 3:1؛ ۋەھىي. 2:10.
كىشى ئۆزىنىڭ مەسىھ قىلىنغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
7. ئادەم ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟
7 ئادەم ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى پاۋلۇسنىڭ رىمدىكى «مۇقەددەس كىشىلەر بولۇشقا چاقىرىلغان» ئېتىقادچىلارغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىلەر قايتا سىلەرنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋە قۇل قىلىدىغان بىر روھنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، سىلەرنى خۇدانىڭ ئوغۇللىرى سۈپىتىدە بېقىۋالىدىغان روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ روھ ئارقىلىق: «ئاببا، ئاتا!»،— دەپ چاقىرىمىز. ئۇشبۇ روھ بىلەن قەلب روھىمىز بىرلىكتە، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغىنىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ» (رىملىقلار 1:7؛ 8:15، 16). شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۆز مۇقەددەس روھى ئارقىلىق مەسىھ قىلىنغانلارغا، ئۇلارنىڭ ئاسماندا ياشايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ.—1-سالونىكا. 2:12.
8. 1-يۇھاننا 2:20، 27-ئايەتلەردىكى سۆزلەر، مەسىھ قىلىنغانلار بىرسىنىڭ دەلىللىشىگە مۇھتاج ئەمەس ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
8 مايلانغانلارنى يەھۋانىڭ ئۆزى ئىشەندۈرگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ياكى كۆڭلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىغا ھېچ گۇمان بولمايدۇ (1-يۇھاننا 2:20، 27-نى ئوقۇڭ). ئەمما، شەك-شۈبھىسىزكى، مەسىھ قىلىنغانلارمۇ باشقا قېرىنداشلارغا ئوخشاش جامائەتتە يەھۋادىن تەلىم ئېلىشى كېرەك. لېكىن، ئۇلار مەسىھ قىلىنغانلىقىنى بىرسىنىڭ دەلىللىشىگە مۇھتاج ئەمەس. يەھۋا ئۇلارنىڭ مەسىھ قىلغانلىقىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئالەمدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ، مۇقەددەس روھىدىن پايدىلىنىدۇ!
ئۇلار «قايتىدىن تۇغۇلغان»
9. ئەفەسلىكلەر 1:18-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ قىلىنغان ئادەملەردە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
9 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنىش قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش بەك قىيىن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنمىغان. يەھۋا خۇدا ئىنسانلارنى ئاسماندا ئەمەس، يەردە ياشاش ئۈچۈن ياراتقان (يارىت. 1:28؛ زەبۇر 37:29). بىراق، يەھۋا بەزى ئادەملەرنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللىغان. شۇڭا، يەھۋا مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئاسماندا ياشاشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ.—ئەفەسلىكلەر 1:18-نى ئوقۇڭ.
10. «قايتىدىن تۇغۇلۇش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
10 ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان چاغدا، ئۇ ‹قايتىدىن تۇغۇلىدۇ› d. ‹روھتىن تۇغۇلۇش› ياكى ‹قايتىدىن تۇغۇلۇش› قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئەيسا يەنە مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنمىغان بىرىگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.—يۇھاننا 3:3—8.
11. بىرسى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندا، ئۇنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش تەرزى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟
11 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆي-پىكىر قىلىش تەرزى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟ ئۇلار مەسىھ قىلىنىشتىن ئاۋۋال، يەردە ياشاش ئۈمىدىنى قەدىرلىگەن. ئۇلار يەھۋا خۇدا بارلىق ياۋۇزلۇقنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدىغان ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن. بەلكىم، ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرى تىرىلگەندە، ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، جەم بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يۈرگەندۇ. ئەمما، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار باشقىچە ئويلاشقا باشلىغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنىڭ ئەمدى ھېچ ئەھمىيىتى يوق، دەپ قاراشقا باشلىمىغان. ھېس-تۇيغۇلىرى ياكى روھىي بېسىم سەۋەبلىك، ئۇلار ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتمىگەن. ياكى ئۇلار توساتتىنلا يەردە ياشاش زېرىكىشلىك بولىدۇ، دەپمۇ ئويلىمىغان. ئەكسىنچە، يەھۋا خۇدا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىنى ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى ئۆزگەرتكەن.
12. 1-پېترۇس 1:3، 4-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ قىلىنغانلار ئۆز ئۈمىدى توغرۇلۇق قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
12 بەزى مەسىھ قىلىنغانلار، ئۆزىنى شۇنداق شان-شەرەپكە لايىق ئەمەستەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى يەھۋا خۇدا ئۆزى تاللىۋالغانلىقىغا قىلچە گۇمان قىلمايدۇ. ئۇلار ئاسماندىكى ئۈمىدى توغرۇلۇق ئويلىغاندا، قەلبى شاد-خۇراملىق ۋە مىننەتدارلىققا تولىدۇ.—1-پېترۇس 1:3، 4-نى ئوقۇڭ.
13. مەسىھ قىلىنغانلار يەردىكى ھاياتىغا قانداق قارايدۇ؟
13 دېمەك، مەسىھ قىلىنغانلار ئۆلۈشنى خالامدۇ؟ بۇ سوئالغا ئەلچى پاۋلۇس جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ تېنىنى چېدىر بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇ چېدىر كەبى تېنىمىزدە ياشاپ، ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئۇھ تارتىمىز. چۈنكى، بۇنى يېشىپ تاشلاشنى خالىمايمىز، ئەكسىچە ئۇنى كىيىپ، ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغان تېنىمىزنى يۇتۇۋېتىشىنى خالايمىز» (2-كورىنت. 5:4). مەسىھ قىلىنغانلار يەردىكى ھاياتىدىن زېرىكىپ، تېزراق ئۆلۈشنى خالىمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار ھايات كەچۈرۈشنى خالايدۇ ۋە ئائىلىسى ھەم دوستلىرى بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان ھەربىر كۈننى قەدىرلەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مەيلى نېمە قىلىۋاتقان بولسۇن، ھەرقاچان كېلەچەكتىكى ئاجايىپ ئۈمىدى توغرۇلۇق ئويلايدۇ.—1-كورىنت. 15:53؛ 2-پېتر. 1:4؛ 1-يۇھاننا 3:2، 3؛ ۋەھىي. 20:6.
يەھۋا سىزنى مەسىھ قىلدىمۇ؟
14. ئادەمنىڭ مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلىقىنى نېمە ئىسپاتلىمايدۇ؟
14 بەلكىم، سىز «مەن مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندىمەنمۇ»، دەپ ئويلايدىغانسىز. ئۇنداقتا، مونۇ مۇھىم سوئاللار ئۈستىدىن ئويلاپ كۆرۈڭ: يەھۋا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئورۇنلايمەنمۇ؟ ئۆزۈمنى ۋەز خىزمىتىدە ئالاھىدە قىزغىنلىق كۆرسىتىدىغان ئادەم دەپ ھېسابلايمەنمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتىن ئىزدىنىپ، «خۇدانىڭ چوڭقۇر ئىشلىرىنى» تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەنمۇ؟ (1-كورىنت. 2:10). يەھۋا ۋەز خىزمىتىمگە بەرىكەت بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەنمۇ؟ باشقىلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىم بار، دەپ كۈچلۈك ھېس-تۇيغۇدا بولۇمەنمۇ؟ يەھۋا خۇدا ماڭا كۆپ قېتىم ئايرىم يوللار بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆردىممۇ؟ بۇ سوئاللارغا «ھەئە»، دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، سىزدە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق، بىلدۈرمەيدۇ. سەۋەبى، پەقەت مەسىھ قىلىنغانلارلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق ئۈمىدى بولمىسۇن، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش مۇقەددەس روھ ئارقىلىق كۈچ بېرەلەيدۇ. «مەن مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلغانمۇ»، دەپ گۇمان قىلىشنىڭ ئۆزى مەسىھ قىلىنمىغانىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، يەھۋا تاللىغان ئادەملەر مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلىقىغا قىلچىمۇ گۇمان قىلمايدۇ. ئۇلار بۇنى ئېنىق بىلىدۇ!
15. مۇقەددەس روھقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاسماندا ياشىمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
15 مۇقەددەس كىتابتا مۇقەددەس روھقا ئېرىشكەن، ئەمما ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بولمىغان خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان. مەسىلەن، داۋۇت پادىشاھنى مۇقەددەس روھ يېتەكلىگەن (1-سام. 16:13). مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشكە ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى قىسىملىرىنى يېزىشقا ياردەم بەرگەن (ماركۇس 12:36). ھەتتا ئەلچى پېترۇس: «داۋۇت ئاسمانغا چىقمىغان»،— دېگەنىدى (ئەلچى. 2:34). چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا «مۇقەددەس روھقا» چۆمگەن ئىدى (لۇقا 1:13—16). ئەيسا ئۇنىڭدىن ئۇلۇغراق بىر كىشى يوقلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاسمان پادىشاھلىقىغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 11:10، 11). يەھۋا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق داۋۇت ۋە يەھياغا ھەيران قالارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ بەرگەن. بىراق، خۇدا ئۇلارغا ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى بەرمىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تاللانغانلارغا قارىغاندا، ئاجىزراق بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. بۇ يەھۋانىڭ ئۇلارنى يەردىكى جەننەتتە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.—يۇھاننا 5:28، 29؛ ئەلچى. 24:15.
16. كۆپ ساندىكى خۇدا خىزمەتچىلىرى نېمىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە؟
16 بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى يوق. ئىبراھىم، سارە، داۋۇت، يەھيا چۆمۈلدۈرگۈچى ۋە قەدىمدە ياشىغان باشقا ساداقەتمەن ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا يەر يۈزىدە ياشاشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە.—ئىبرانىي. 11:10.
17. كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئاللار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؟
17 مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى تېخىغىچە يەردە ياشاۋاتقانلىقتىن، بەزى سوئاللار پەيدا بولىدۇ (ۋەھىي. 12:17). مەسىلەن، مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق قانداق ئويدا بولۇشى لازىم؟ جامائىتىڭىزدە بىرسى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تەككۈزسە، ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭىز كېرەك؟ مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى كېيىنكى ماقالىدىن بىلىۋالىمىز.
a مىلادى 33-يىل ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدىن باشلاپ، يەھۋا خۇدا بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەيسا بىلەن بىللە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىشىدۇ؟ ھازىر مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالىمىز. بۇ ماقالە «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2016-يىل، يانۋار سانىدا نەشىر قىلىنغان ماقالىگە ئاساسلانغان.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىش. يەھۋا ئەيسا بىلەن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەملەرنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن تاللايدۇ. مۇقەددەس روھ ئارقىلىق يەھۋا خۇدا شۇ ئادەملەرگە ئاسماندا ياشايدىغانلىقىغا «كاپالەت» بېرىدۇ (ئەفەس. 1:13، 14). مۇقەددەس روھ ئاشۇ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپىتى ئاسماندا ئىكەنلىكىگە «گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ».—رىملىقلار 8:16.
c سۆز-ئىبارە مەنىسى: مۆھۈر. ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان مەسىھ قىلىنغانلار بۇ مۆھۈرگە پەقەت ئۆلۈشكە بىراز ۋاقىت قالغاندا ياكى دەھشەتلىك بالايىئاپەت باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېرىشىدۇ (ئەفەس. 4:30؛ ۋەھىي. 7:2—4). «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2016-يىل، ئاپرېل سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» سەھىپىسىگە قاراڭ.
d «قايتىدىن تۇغۇلۇشنىڭ» مەنىسى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2009-يىل، 1-ئاپرېل سانىنىڭ 3—12 بەتلىرىگە قاراڭ.
151-ناخشا خۇدا ئوغۇللىرىنىڭ ئايان بولۇشى
e سۈرەتتە: مەيلى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنايلى ياكى ئەركىن-ئازادە ۋەز قىلىپ، ئادەملەرگە تەلىم بېرەيلى، ھەممىمىز خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا يەردە ياشايدىغانلىقىمىزنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز.