2-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسا ياخشى كۆرگەن شاگىرتتىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىز
«داۋاملىق بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، چۈنكى سۆيگۈ-مۇھەببەت خۇدادىندۇر».—1-يۇھاننا 4:7.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
1. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزلەرگە نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ؟
ئەلچى يۇھاننا: «خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر»،— دەپ يازغان (1-يۇھاننا 4:8). بۇ ئاددىي بىر جۈملە سۆز ئاساسىي ھەقىقەتنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: خۇدا ھاياتنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ مەنبەسىدۇر. يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ! ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىزنى بىخەتەر، شاد-خۇرام ۋە قانائەت تاپقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.
2. مەتتا 22:37—40-ئايەتلەرگە ئاساسەن، قانداق ئىككى ئەڭ مۇھىم ئەمر بار ۋە نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى ئەمرنى ئورۇنلاش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 مەسىھىيلەردىن مېھىر-مۇھەببەتنى چوقۇم كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر (مەتتا 22:37–40-نى ئوقۇڭ). يەھۋا خۇدانى ياخشى بىلگەندە، ئۇنىڭ بىرىنچى ئەمرىنى ئورۇنلاش بىز ئۈچۈن ئاسان بولۇشى مۇمكىن. سەۋەبى، يەھۋا مۇكەممەل، مېھرىبان ۋە غەمخور خۇدادۇر. بىراق، ئىككىنچى ئەمرنى ئورۇنلاش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمىز، يەنى ئېتىقادداشلىرىمىز نامۇكەممەل. بەزىدە ئۇلار كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن. يەھۋا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى يازغۇچىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق مەسلىھەتنى يېزىشقا روھلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ بىرى ئەلچى يۇھاننا بولغان ئىدى.—1-يۇھاننا 3:11، 12.
3. يۇھاننا مېھىر-مۇھەببەت توغرىسىدا نېمە ئېيتقان؟
3 يۇھاننا يازغان يازمىلاردا خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ھەقىقەتەن، ئىنجىلنىڭ باشقا ئۈچ يازغۇچىسىغا قارىغاندا، ئەلچى يۇھاننا ئەيسانىڭ ھاياتى ھەققىدە يازغاندا، «مۇھەببەت» دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم قوللانغان. ئۇ يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر كىتابىنى ۋە ئۈچ پارچە خەتنى يازغاندا، تەخمىنەن يۈز ياشتا ئىدى. مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان شۇ يازمىلار مەسىھ ئەگەشكۈچىسىنىڭ بارچە ئىشلىرىغا سۆيگۈ-مۇھەببەت تەسىر قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ (1-يۇھاننا 4:10، 11). ئەمما، بۇنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن يۇھانناغا ۋاقىت كېرەك بولغان ئىدى.
4. يۇھاننا ھەردائىم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنمۇ؟
4 يۇھاننا ياش چېغىدا دائىم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن. مەسىلەن، بىر كۈنى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن سامارىيەدىن ئۆتۈپ يېرۇسالىمغا قاراپ سەپەر قىلغان. سامارىيەدىكى بىر يېزىنىڭ كىشىلىرى ئۇلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتمىگەن. شۇ چاغدا يۇھاننا نېمە قىلغان؟ ئۇمۇ شۇ يېزىنىڭ خەلقىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈشنى سوراش ھەققىدە ئەيسادىن سورىغان (لۇقا 9:52—56). يەنە بىر ۋەزىيەتتە، يۇھاننا باشقا ئەلچىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن. ئۇ ئاكىسى ياقۇپ بىلەن ئانىسىنى ئەيسادىن ئۇلارغا خۇدا پادىشاھلىقىدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئورۇن بېرىشنى سوراشقا كۆندۈرگەن. ئەلچىلەر يۇھاننا ۋە ياقۇپنىڭ قىلغان ئىشىنى بىلگەندە، ئۇلار قاتتىق غەزەپلەنگەن (مەتتا 20:20، 21، 24). لېكىن، يۇھاننانىڭ ھەممە كەمچىلىكلىرىگە قارىماستىن، ئەيسا ئۇنى ياخشى كۆرگەن.—يۇھاننا 21:7.
5. مۇشۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
5 بۇ ماقالىدە، يۇھاننانىڭ مىسالىنى ۋە ئۇ يازغان مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدىكى بەزى ئوي-پىكىرلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز. ھەمدە ئائىلىنىڭ بېشى بولغۇچىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
مېھىر-مۇھەببەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش
6. يەھۋا بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق روشەن كۆرسەتكەن؟
6 بىز مېھىر-مۇھەببەت، دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا ئىللىق ھېس-تۇيغۇلار بىلەن ئىپادىلەنگەن يېقىملىق سۆزلەر پات-پات ئېسىمىزگە كېلىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن باشقا، چىن مېھىر-مۇھەببەت ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرەك (ياقۇپ 2:17، 26-نى سېلىشتۇرۇڭ). مەسىلەن، يەھۋا خۇدا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ (1-يۇھاننا 4:19). ئۇ ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىنى مۇقەددەس كىتابتىكى گۈزەل سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ (زەبۇر 25:10؛ رىملىقلار 8:38، 39). لېكىن، خۇدا پەقەت سۆزلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ . يۇھاننا مۇنداق دەپ يازغان: «خۇدا بىزگە بولغان مۇھەببىتىنى شۇنداق ئاشكارە قىلدىكى، بىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىردىن-بىر يالغۇز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى» (1-يۇھاننا 4:9). يەھۋا ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئازاب چېكىشىگە ۋە بىز ئۈچۈن ئۆلۈشىگە يول قويغان (يۇھاننا 3:16). شۇڭا، يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گۇمان قىلمايمىز.
7. ئەيسا بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
7 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن (يۇھاننا 13:1؛ 15:15). ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ۋە بىزنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پەقەت سۆزلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىغان. ئەيسا: «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا قىلغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىدىن چوڭقۇرراق مۇھەببەت ھېچكىمدە يوقتۇر»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 15:13). يەھۋا بىلەن ئەيسا بىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىرى ھەققىدە ئويلىغاندا، ئۇ بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
8. 1-يۇھاننا 3:18-ئايەتكە ئاساسەن، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
8 بىـز يـەھۋا بىلـەن ئەيسـاغا بولغـان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى، ئۇلارغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز (يۇھاننا 14:15؛1-يۇھاننا 5:3). ئەيسا بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشنى بۇيرىغان (يۇھاننا 13:34، 35). بىز ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى پەقەت سۆزلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەنمۇ كۆرسىتىشىمىز لازىم (1-يۇھاننا 3:18-نى ئوقۇڭ). ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈش
9. مېھىر-مۇھەببەت ئەلچى يۇھاننانى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟
9 ئەلچى يۇھاننا دادىسى بىلەن قېلىپ، ئائىلىسىنىڭ بېلىقچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپالايتتى. بىراق، بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ھاياتىنى باشقىلارغا يەھۋا ۋە ئەيسا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە بېغىشلىغان. يۇھاننانىڭ تاللىغان ھايات يولى ئاسان بولمىغان. يۇھاننا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئازاب چەككەن ۋە مىلادى بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياشانغان چېغىدا، سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى (ئەلچى. 3:1؛ 4:1—3؛ 5:18؛ ۋەھىي. 1:9). ھەتتا، ئۇ ئەيسا توغرۇلۇق ۋەز قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقىلار ھەققىدە ئويلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. مەسىلەن، ئۇ پاتموس ئارىلىدا بولغاندا، ئېتىقادداشلىرىنىڭ يېقىندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن، ئۆزى كۆرگەن ۋەھىينى يېزىپ، جامائەتلەرگە ئەۋەتكەن (ۋەھىي. 1:1). بەلكىم، ئۇ پاتموس ئارىلىدىكى سۈرگۈندىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى ھەققىدىكى ئىنجىلنىڭ بىر كىتابىنى يازغان. يەنە ئۇ قېرىنداشلىرىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈچ پارچە خەتنى يازغان. سىز ئەلچى يۇھاننانىڭ پىداكارلىقىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟
10. ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايسىز؟
10 سىز ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايسىز. شەيتاننىڭ دۇنياسى بار ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى پۇل تېپىش ھەم نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى بارچە پىداكار ۋەز ئېيتقۇچىلار خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋە ئادەملەرنىڭ يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئۆز ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا ئۆز ۋاقتىنى تولۇق ئاجراتماقتا.
11. كۆپلىگەن ساداقەتمەن ۋەز ئېيتقۇچىلار يەھۋانى ۋە قېرىنداشلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
11 كۆپلىگەن ساداقەتمەن يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تولۇق ۋاقىت ئىشلىشى زۆرۈر. بۇنىڭغا قارىماستىن، بۇ سادىق ۋەز ئېيتقۇچىلار خۇدا تەشكىلاتىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قولىدىن كەلگىنىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. مەسىلەن، بەزىلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردە ياردەم بېرىشكە ئىمكانىيىتى بار. باشقا بىرلىرى بولسا، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ ياكى ھەركىم ئىئانە قىلىش ئارقىلىق دۇنيا يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيدۇ. ئۇلار خۇدانى ۋە يېنىدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۆرگەچ، بۇنى قىلىدۇ. شۇنداقلا قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ھېرىپ-چارچىشىمىزغا قارىماستىن، ھەر ھەپتىدىكى جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. ھەتتا بىز خىجىل بولساقمۇ، جاۋابلارنى بېرىشكە تىرىشىمىز. ھەممىمىز شەخسىي قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن، يىغىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىمىز (ئىبرانىي. 10:24، 25). ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمىز!
12. ئەلچى يۇھاننا قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى يەنە قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق كۆرسەتكەن؟
12 ئەلچى يۇھاننا قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى پەقەت ئۇلارنى ماختاش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا نەسىھەت بېرىش ئارقىلىقمۇ كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئەلچى يۇھاننا ئۆز خەتلىرىدە قېرىنداشلىرىنى ئېتىقادى ۋە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختىغان ھەم ئۇلارغا گۇناھ ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارە نەسىھەت بەرگەن (1-يۇھاننا 1:8—2:1؛ 1:13، 14). ئۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ماختىشىمىز كېرەك. ئەمما، ئەگەر بىرسىنىڭ ناتوغرا كۆز قارىشى ياكى يامان ئادىتى پەيدا بولسا، بۇ توغرىسىدا مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، دوستقا نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك، بىراق مۇقەددەس كىتاب دوستلارمۇ بىر-بىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرەلەيدۇ ياكى توغرا يولغا سالالايدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ.—پەند. نە 27:17.
13. قانداق ئىش-ھەرىكەتلەردىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك؟
13 بەزىدە قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بەزى ئىش-ھەرىكەتلەردىن بېرى تۇرۇش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە تېزلا رەنجىپ قالمايمىز. ھازىر بولسا، ئەيسانىڭ يەردىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدە، قانداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تېنىنى يېيىش ۋە قېنىنى ئىچىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان (يۇھاننا 6:53—57). بۇ سۆزلەر شاگىرتلارنى شۇنچىلىك چۆچۈتكەنكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەيسانى تاشلاپ كەتكەن. بىراق، ئەيسانىڭ ھەقىقىي دوستلىرى بولسا، شۇ جۈملىدىن ئەلچى يۇھاننا ئۇنداق قىلمىغان. ئۇلار ئەيساغا ئەگىشىشنى توختاتمىغان. بەلكىم ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۆزلىرى ھەيران بولغان. بىراق، ئەيسانىڭ بۇ سادىق دوستلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ناتوغرا دەپ ئويلىمىغان ۋە ئۇنىڭدىن خاپا بولمىغان. ئەكسىنچە، ئۇلار ئەيسانىڭ سۆزلىرى راست ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 6:60، 66—69). دوستلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلىمىزگە ئالماسلىقىمىز ناھايىتى مۇھىم! خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا، دوستلارغا كېلىشمەسلىكنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۇرسەت بېرىڭ.—پەند. نە 18:13؛ ۋەز 7:9.
14. نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆچ كۆرمەسلىكىمىز زۆرۈر؟
14 ئەلچى يۇھاننا قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆچ كۆرۈشتىنمۇ ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر بىز مۇشۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىساق، ئاسانلا شەيتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىمىز (1-يۇھاننا 2:11؛ 3:15). مىلادى بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن شەيتان قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان. ئەلچى يۇھاننا ئۆز خەتلىرىنى يازغاندا، شەيتاننىڭ روھىنى كۆرسەتكەن كىشىلەر ئاللىقاچان جامائەتكە كىرگەن. مەسىلەن، دىئوترېپىس بىر جامائەتتە ئېغىر بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلغان ( 3-يۇھاننا 9، 10). ئۇ يېتەكچى كېڭەش جامائەتلەرگە ئەۋەتكەن ئاقساقاللارنى ھۆرمەتلىمىگەن. دىئوترېپىس ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بۇرادەرلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارنى توسۇپ، ھەتتا ئۇلارنى جامائەتتىن قوغلاپ چىقىرىشقا تىرىشقان. نېمە دېگەن ھاكاۋۇر كىشى! شەيتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، خۇدانىڭ خەلقىنى بۆلۈۋېتىش ۋە ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈش ئۈچۈن بار كۈچنى سالىدۇ. كېلىڭلار، ئۆچمەنلىكنىڭ جامائىتىمىزنى بۆلۈۋېتىشىگە ھېچقاچان يول بەرمەيلى!
ئائىلىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ
15. ئائىلە باشلىرى نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك؟
15 ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى — ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش (1-تىموت. 5:8). بىراق، ئۇ شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەككى، ماددىي نەرسىلەر ئائىلىسىنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ (مەتتا 5:3). ئەيسانىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا قالدۇرغان ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر كىتابىدا، ئەيسا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ، ھەتتا ئۆلۈمى ئالدىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى يېزىلغان. تۈۋرۈك ئالدىدا يۇھاننا بىلەن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم تۇرغان ئىدى. ئەيسا قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا قارىماستىن، ئۆز ئانىسىغا غەمخورلۇق قىلىشنى يۇھانناغا تاپشۇرغان (يۇھاننا 19:26، 27). ئەلۋەتتە، ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئىنىلىرى بىلەن سىڭىللىرى بولغان، بىراق ئۇلارنىڭ بىرىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شاگىرتى بولمىغان. شۇڭا، ئەيسا ئانىسى مەريەمنىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنىمۇ قامدايدىغان كىشىنىڭ بولۇشىنى خالىغان.
16. ئەلچى يۇھاننانىڭ نۇرغۇن قانداق ۋەزىپىلىرى بولغان؟
16 ئەلچى يۇھاننانىڭ ۋەزىپىلىرى بەك نۇرغۇن بولغان. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەز قىلىش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. بەلكىم، يۇھاننانىڭ ئايالى بولغان. شۇڭا، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ماددىي ھەم مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك ئىدى (1-كورىنت. 9:5). بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە باشلىرى بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىدۇ؟
17. ئائىلە بېشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
17 ئائىلە بېشى سۈپىتىدە، بۇرادەر بىرنەچچە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ ئۆز يۈرۈش-تۇرۇشى بىلەن يەھۋانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن، ئىشتا تىرىشچان بولۇشى لازىم (ئەفەس. 6:5، 6؛ تىتۇس 2:9، 10). يەنە ئۇنىڭ جامائەتتە كۆپلىگەن ۋەزىپىلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ ئېتىقادداشلارغا ئىلھام بېرىپ، غەمخورلۇق كۆرسىتىدۇ ھەم ۋەز قىلىش ئىشىدا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى دائىم ئوقۇپ تەتقىق قىلىشى زۆرۈر. ئائىلە بېشى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جىسمانىي، ھېسسىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدار بولىدۇ.—ئەفەس. 5:28، 29؛ 6:4.
«سۆيگۈ-مۇھەببىتىمدە قالىسىلەر»
18. ئەلچى يۇھاننا نېمىگە كۈچلۈك ئىشەنچ باغلىغان؟
18 ئەلچى يۇھاننانىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغان ۋە ھاياتىدا كۆپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۇنىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. لېكىن، ئۇ ئەيسانىڭ ئەمرلىرىنى، شۇ جۈملىدىن قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈش ئەمرىنى ھەردائىم قولىدىن كېلىشىچە ئورۇنلىغان. نەتىجىدە، يۇھاننانىڭ يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل بولغان (يۇھاننا 14:15—17؛ 15:10؛ 1-يۇھاننا 4:16). نە شەيتان، نە ئۇنىڭ دۇنياسى يۇھاننانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ھېس قىلىشى، ئىپادىلىشى ۋە كۆرسىتىشىگە توسالغۇلۇق قىلالمىغان.
19. 1-يۇھاننا 4:7-ئايەت، بىزنى نېمىگە دەۋەت قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 بىز يۇھانناغا ئوخشاش، ھېچ كىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان شەيتان باشقۇرۇۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز (1-يۇھاننا 3:1، 10). گەرچە شەيتان قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى توختىتىشىمىزنى خالايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يول بەرمىسەك، ئۇ بىزنى بۇنى قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ. قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى گەپ-سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بەل باغلايلى. شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇشتىن ھۇزۇرلىنىمىز ۋە ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرىمىز.—1-يۇھاننا 4:7-نى ئوقۇڭ.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلايلى
a ئەلچى يۇھاننا مۇقەددەس كىتابتا، «ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى» دەپ ئاتالغان (يۇھاننا 21:7). ئۇ ياش چېغىدا كۆپ ئاجايىپ ياخشى خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان. يىللار ئۆتۈپ، يەھۋا ئۇنى قوللىنىپ، مېھىر-مۇھەببەت توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى يازدۇرغان. بۇ ماقالىدە يۇھاننانىڭ يازغانلىرىنى ۋە ئۇنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتتە: ئىشلەمچان ئائىلە بېشى تەبىئىي ئاپەتلەردە ياردەم بېرىدۇ، دۇنيا يۈزلۈك ۋەز قىلىش ئىشىنى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق قوللايدۇ ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلىۋى ئىبادەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.