3-تەتقىق ماقالىسى
زور بىر توپ خالايىق خۇدانى ۋە ئەيسانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا مىننەتدار
«نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزغا ھەم قوزىغا قەرزدارمىز».—ۋەھىي. 7:10.
30-ناخشا يەھۋا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى
بۇ ماقالىدە a
1. 1935-يىلى، ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا ئېيتىلغان نۇتۇق بىر ياش يىگىتكە قانداق تەسىر قىلغان؟
بىر جۈپ ئەر-ئايال بۇرۇن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى، دەپ ئاتالغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئىككى قىزى بولغان ئىدى. بۇ ئاتا-ئانا بالىلىرىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىشقا ئۆگەتكەن. بىر ئوغلى 1926-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە 18 ياشتا ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەككۈزگەندەك، بۇ سەمىمىي ياش يىگىتمۇ شۇنداق قىلغان. بىراق، ئۇ «زور بىر توپ خالايىق» دېگەن تارىخىي نۇتۇقنى تىڭشىغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى ئۆزگەرگەن. بۇ نۇتۇقنى جوسېف ف. رۇتېرفورد 1935-يىلى ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا ئېيتقان. شۇ يىغىلىشتا نېمە ئاشكارە بولغان؟
2. رۇتېرفورد بۇرادەر ئۆز نۇتۇقىدا قانداق ھەقىقەتنى ئاشكارە قىلغان؟
2 رۇتېرفورد بۇرادەر ئۆز نۇتۇقىدا، ۋەھىيلەر 7:9-ئايەتتىكى «زور بىر توپ خالايىق» كىملەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. بۇ نۇتۇقتىن بۇرۇن، مۇشۇ بىر توپ خۇداغا ئانچە قىزغىن خىزمەت قىلمىغان، ئەمما ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئىككىنچى بىر توپ ئادەملەر دەپ قارالغان ئىدى. رۇتېرفورد بۇرادەر يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن «زور بىر توپ خالايىق» ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۇلارنىڭ دەھشەتلىك بالايىئاپەتتىن ئامان قېلىپ، يەردىكى جەننەتتە ياشايدىغان مەسىھنىڭ «باشقا قويلىرى» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن (ۋەھىي. 7:14). ئەيسا مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «مېنىڭ قوتاندىن بولمىغان باشقا يەنە قويلىرىم بار. چوقۇم ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كېلىشىم كېرەك. ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ ۋە بىر پادا، بىر پادىچى بولىدۇ» (يۇھاننا 10:16). «باشقا قويلار» b — يەر يۈزى جەننەتتە ياشاش پۇرسىتى بار سادىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرى (مەتتا 25:31—33، 46). ھازىر بۇ يېڭى چۈشەنچە كۆپلىگەن خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە شۇ 18 ياشلىق بۇرادەرنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.—زەبۇر 97:11؛ پەند. نە 4:18.
يېڭى چۈشەنچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن
3، 4. 1935-يىلى چوڭ يىغىلىشتا، مىڭلىغان ئادەملەر نېمىنى چۈشەنگەن؟
3 بۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان پەيتى كەلدى، ناتىق تىڭشىغۇچىلاردىن: «ئىلتىماس، يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلار، ھەممىڭلار ئورنىڭلاردىن تۇرۇڭلار!»— دەپ سورىغان. بۇنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەخمىنەن 20000 ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرغان. رۇتېرفورد بۇرادەر: «مانا، بۇ زور بىر توپ خالايىق!»— دەپ ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن مەيداندا گۈلدۈر-قاراس ئالقىش ساداسى ياڭرىغان. ئورنىدىن تۇرغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇلار مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنمىغانلىقىنى چۈشەنگەن. چوڭ يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنى 840 يېڭى گۇۋاھچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «باشقا قويلار» توپىدىن ئىدى.
4 بۇ نۇتۇقتىن كېيىن، ئەمدى ئاشۇ ياش بۇرادەر ۋە باشقا مىڭلىغان ئادەملەر خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگمەيدىغان بولغان. بىر بۇرادەر كۆپچىلىكنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى كىچىك پېئىللىق بىلەن بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن 1935-يىلنىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئاخىرقى قېتىم پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگكەن ئىدىم، چۈنكى يەھۋا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق مېنى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشنى ئىشارە قىلمىغان، ئەكسىنچە مېنىڭدە يەردە ياشاش ۋە ئۇنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈمىدى بار ئىدى» (رىملىقلار 8:16، 17؛ 2-كورىنت. 1:21، 22). شۇ ۋاقتىدىن باشلاپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ سانى كۆپىيىپ، مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يەردىكى قالدۇق ئەزالىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ c.
5. يەھۋا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئەمدى ئېغىز تەگمەيدىغانلارغا قانداق قارىغان؟
5 يەھۋا 1935-يىلدىن تارتىپ، پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگمىگەنلەرگە قانداق قارىغان؟ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن گۇۋاھچى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىپ، كېيىن ئۆزىنىڭ مەسىھ قىلىنمىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولسىچۇ؟ (1-كورىنت. 11:28) بەزىلەر ئۆزىلىرىنىڭ قەيەردە ياشاش ئۈمىدىنى چۈشەنمەي، بۇ سىمۋوللارغا ئېغىز تېگىدۇ. بىراق، ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ، نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگمەيدىغان بولسا ۋە يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، يەھۋا ئۇلارنى باشقا قويلار توپىنىڭ ئەزالىرى، دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇلار پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگمىسىمۇ، يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتىپ، يەنىلا خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن قاتنىشىدۇ.
ئاجايىپ ئۈمىد
6. ئەيسا پەرىشتىلەرگە نېمە قىلىشنى بۇيرىغان؟
6 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت بوسۇغىمىز ئالدىغا كېلىپ قالغاچقا، ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ 7-بابىدىكى مەسىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار، يەنى زور بىر توپ خالايىق ھەققىدە يېزىلغانلارنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەيسا پەرىشتىلەرگە تۆت تەرەپتىن كەلگەن شامالنى داۋاملىق مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرىۋاتىدۇ. خۇدانىڭ مەسىھ قىلىنغان خىزمەتچىلىرىنىڭ پېشانىسىگە تامغا بېسىلىپ بولغىچە، يەنى ئۇلار خۇدانىڭ ئاخىرقى قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكىچە، ئاشۇ تۆت تەرەپتىن كەلگەن شامال يەر يۈزىگە زىيان كەلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇلارنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك (ۋەھىي. 7:1—4). مەسىھ قىلىنغانلار ساداقەتمەنلىكى ئۈچۈن مۇكاپات سۈپىتىدە، ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىرگە ھۆكۈمران ۋە روھانىيلار بولىدۇ (ۋەھىي. 20:6). يەھۋا خۇدا، ئەيسا ۋە پەرىشتىلەر 144000 مەسىھ قىلىنغان كىشىنىڭ ئاسماندىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
7. ۋەھىيلەر 7:9، 10-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، يۇھاننا بۇ ۋەھىيدە كىملەرنى كۆرگەن ۋە ئۇلار نېمە قىلغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
7 ئەلچى يۇھاننا مۇشۇ 144000 پادىشاھ ھەم روھانىينى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىشنى، يەنى ئارماگېدوندىن ئۆتۈپ، ئامان قالغان «زور بىر توپ خالايىقنى» كۆرگەن. 144000 كىشىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك توپقا ئوخشىمايدىغان يېرى، زور بىر توپ خالايىقنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە سانى قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس (ۋەھىيلەر 7:9، 10-نى ئوقۇڭ). ئۇلارنىڭ ئاق كىيىم كىيگەنلىكى يەھۋا ۋە ئەيساغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ، شەيتاننىڭ دۇنياسىدىن ئۆزىنى پاك ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ياقۇپ 1:27). «ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: ‹نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن تەختتە ئولتۇرغان [يەھۋا] خۇدايىمىزغا ھەم [ئەيسا] قوزىغا قەرزدارمىز›،— دەپ ۋارقىرىشاتتى». ئۇلارنىڭ قولىدىكى خورما شاخلىرى يەھۋا تەيىنلىگەن ئەيسا مەسىھ ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.—يۇھاننا 12:12، 13-نى سېلىشتۇرۇڭ.
8. ۋەھىيلەر 7:11، 12-ئايەتلەردە، خۇدانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى توغرىسىدا نېمە يېزىلغان؟
8 ۋەھىيلەر 7:11، 12-نى ئوقۇڭ. ئاسماندىكىلەر زور بىر توپ خالايىقنى كۆرگەندە نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ ئەلچى يۇھاننا يەھۋانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى زور بىر توپ خالايىقنى كۆرگەندە، خۇدانى مەدھىيىلەپ خۇشال بولغان. زور بىر توپ خالايىق دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەندە، يەھۋانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى بۇ ۋەھىينىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ زور شاد-خۇراملىققا چۆمۈشىدۇ.
9. ۋەھىيلەر 7:13—15-ئايەتلەرگە ئاساسەن، زور بىر توپ خالايىق ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىدۇ؟
9 ۋەھىيلەر 7:13—15-نى ئوقۇڭ. ئەلچى يۇھاننا: زور بىر توپ خالايىقنى «كىيىملىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاقارتقانلار»،— دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ پاك ۋىجدانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يەھۋا ئۇلاردىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (يەشايا 1:18). ئۇلار ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ، يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز ھاياتىنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر (يۇھاننا 3:36؛ 1-پېتر. 3:21). شۇڭا، ئۇلار روھىي ئىبادەتخانىنىڭ يەردىكى ھويلىسىدا كېچە-كۈندۈز مۇقەددەس خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن «خۇدانىڭ تەختى ئالدىدا» تۇرۇش شان-شەرىپىگە ئىگە. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇلار خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشىنىڭ كۆپ قىسمىنى قىلىۋاتىدۇ.—مەتتا 6:33؛ 24:14؛ 28:19، 20.
10. زور بىر توپ خالايىق نېمىگە ئىشەنچ قىلىدۇ ۋە خۇدا ۋەدىسىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ؟
10 زور بىر توپ خالايىق دەھشەتلىك بالايىئاپەتتىن ئامان قېلىپ، يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. چۈنكى، «تەختتە ئولتۇرغۇچى [يەھۋا] ئۆز چېدىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ». ئەمدى، باشقا قويلار شۇنچە ئارزۇ قىلغان خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ: «خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەر بىر تامچە ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يەنە بولمايدۇ، نە ماتەم، نە پەرياد ۋە ئازاب-ئوقۇبەت باشقا بولمايدۇ».—ۋەھىي. 21:3، 4.
11، 12. (1) ۋەھىيلەر 7:16، 17-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، زور بىر توپ خالايىق قانداق بەرىكەتلەرنى كۈتمەكتە؟ (2) باشقا قويلار نېمە قىلىشى كېرەك ۋە نېمە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
11 ۋەھىيلەر 7:16، 17-نى ئوقۇڭ. ھازىر خۇدانىڭ بەزى خىزمەتچىلىرى ئېغىر ئىقتىسادىي ئەھۋال ۋە ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ئاچارچىلىق ئازابىنى چېكىدۇ. باشقىلار بولسا، ئىمان-ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىلەرگە تاشلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئەزالىرى بۇ رەزىل دۇنيا تۈزۈلمىسى ۋەيران قىلىنغاندا قۇتۇلۇپ ئامان قالىدۇ. شۇ چاغدا، ئۇلاردا جىسمانىي ۋە روھىي ئوزۇق-تۈلۈك مول بولىدۇ ۋە ئۇلار يەھۋادىن يول-يورۇق ئالىدۇ. شەيتاننىڭ دۇنياسى ۋەيران قىلىنغاندا، زور بىر توپ خالايىق خۇدانىڭ ئەللەر ئۈستىگە تۆكىدىغان قاتتىق ئىسسىققا ئوخشاش غەزىپىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئەيسا يەردە ئامان قالغان كىشىلەرنى «ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا» يېتەكلەيدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: زور بىر توپ خالايىق ئۆزگىچە پۇرسەتكە ئىگە. يەر يۈزىدە بۇرۇن ياشىغان مىلياردلىغان ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆلمەسلىكى مۇمكىن.—يۇھاننا 11:26.
12 باشقا قويلار ئاجايىپ ئۈمىدى ئۈچۈن يەھۋا ۋە ئەيساغا بەكمۇ مىننەتدار. گەرچە ئۇلار ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغان بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى بەك قەدىرلەيدۇ. مۇشۇ ئىككى توپنىڭ ئەزالىرى يەھۋا خۇدانى مەدھىيىلەيدۇ ۋە ئەيساغا مىننەتدار بولىدۇ. بۇنى قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش.
يەھۋاغا ۋە مەسىھكە چىن يۈرەكتىن مىننەتدار بولۇڭ
13، 14. نېمە ئۈچۈن ھەر بىر مەسىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى كېرەك؟
13 يېقىنقى يىللاردا خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ تەخمىنەن 1000دىن بىرى پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىۋاتىدۇ. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى جامائەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىدىغان كىشىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولغانلار. ئۇنداقتا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ؟ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلار توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ دوستلىرىغا ئوخشاش. ئۇلار توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتكە ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇ تويغا بارىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، «باشقا قويلار» قاتارىدا بولغانلار مەسىھ ئەيسا ۋە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ھۆرمەت-ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار شۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، يەردە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىنى يارىتىدىغان تۆلەم قۇربانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
14 باشقا قويلارنىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنىڭ سەۋەبى — ئەيسانىڭ ئەمىرىگە بويسۇنۇش. ئەيسا ساداقەتمەن ئەلچىلىرى بىلەن مۇشۇ خاتىرىلەشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «مېنى ئەسلەش ئۈچۈن بۇنى قىلىپ تۇرۇڭلار» (1-كورىنت. 11:23—26). مەسىھ قىلىنغانلاردىن بىرى يەر يۈزىدە ھاياتلا بولسا، باشقا قويلار خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. باشقا قويلار ھەرقانداق ئادەمنى ئۇلار بىلەن بىللە خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
15. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا شەخسەن ئۆزۈمىز خۇدانى قانداق مەدھىيىلەيمىز ۋە مەسىھكە قانداق مىننەتدار بولىمىز؟
15 خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بىزنىڭ خۇدانى مەدھىيىلەش پۇرسىتىمىز بار. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ مۇراسىمدا ھەم يەھۋاغا ۋە ئەيساغىمۇ ئۆز سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى دۇئادا ۋە ناخشىدا ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكىمىز بار. «خۇدا ۋە مەسىھ سىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى قەدىرلەڭ!» ناملىق نۇتۇقنى بۇ يىلى ئاڭلايمىز. بۇ يەھۋا خۇداغا ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. پېتىر نان ۋە شارابنى قولدىن-قولغا سۇنۇپ بىر-بىرىمىزگە بەرگەندە، بۇلار ئەيسانىڭ تېنىنى ۋە قېنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ناتىق ھەممە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ناتىق بىزگە، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى ئۆلۈشكە يول قويغاچقا، بىز مەڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (مەتتا 20:28). ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.
يەھۋا سىزگە بەرگەن ئۈمىد ئۈچۈن مىننەتدار بولۇڭ
16. مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن باشقا قويلارنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟
16 يەھۋا مەسىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرققە قارىماي، ھەر ئىككىلىسىنى قەدىرلەيدۇ. ھەر ئىككى توپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاشلا قەدىر-قىممەتلىك. ھەقىقەتەن، يەھۋا ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق مەسىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار ئۈچۈن ئوخشاشلا تۆلەم تۆلىگەن. ئىككى توپنىڭ پەرقى — ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھەر تۈرلۈك. ھەر ئىككى توپ خۇداغا ۋە مەسىھكە ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشى كېرەك (زەبۇر 31:23). ئۇنتۇماڭلار، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ھەممىمىزگە تەڭ تەسىر قىلىدۇ. دېمەك، يەھۋا ئاتىمىز كېرەك ۋاقتىدا مۇقەددەس روھنى ھەر بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا قاراپ بېرىدۇ.
17. يەردىكى مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرى نېمىنى كۈتىدۇ؟
17 مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بىلەن تۇغۇلمايدۇ. بۇ ئۈمىدنى يەھۋا ئۇلارغا بەرگەن. ئۇلار ئۆز ئۈمىدى ھەققىدە ئويلايدۇ، دۇئا قىلىدۇ ۋە ئاسماندىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي تېنى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەتتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ (فىلىپى. 3:20، 21؛ 1-يۇھاننا 3:2). لېكىن، ئۇلار يەھۋا خۇدا، مەسىھ ئەيسا، پەرىشتىلەر ۋە تىرىلدۈرۈلگەن مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. ئۇلار ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى خالايدۇ.
18. باشقا قويلار نېمىنى كۈتىدۇ؟
18 باشقا قويلارنىڭ يەردە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار. بۇ ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن تەبىئىي نەرسە (ۋەز 3:11). ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدىغان كۈننى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدىغان، باغلارنى بەرپا قىلىدىغان ۋە مۇكەممەل، ساغلام بالىلارنى چوڭ قىلىدىغان كۈننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدۇ (يەشايا 65:21—23). ئۇلار يەھۋانىڭ سان-ساناقسىز ياراتمىلىرىنى، يەنى يەر-زېمىننى، تاغلارنى، ئورمانلارنى ۋە دېڭىزلارنى تەتقىق قىلىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇلار ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، تېخىمۇ يېقىن بولۇشىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتمەكتە.
19. خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەر بىرىمىزگە قانداق مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇ يىل بۇ مۇراسىم قاچان ئۆتكۈزۈلىدۇ؟
19 يەھۋا ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەر بىر خىزمەتچىسىگە كېلەچەك ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈمىد بەرگەن (يەرەم. 29:11). خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەر قايسىمىزغا يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ مەڭگۈ ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشىمىز ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرىغا مىننەتدار بولۇشىمىزغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىشى. بۇ يىغىلىش 2021-يىل، 27-مارت، شەنبە كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ يىلى نۇرغۇنلىرى مۇشۇ ۋەقەنى ئەركىن-ئازادە ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن. باشقىلىرى بولسا، قارشىلىقلارغا قارىماستىن ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. بەزىلەر بۇ خاتىرىلەشنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھەر بىرىمىز ئەستىن شۇنى چىقارمايلىكى، يەھۋا خۇدا، مەسىھ ئەيسا، پەرىشتىلەر ۋە تىرىلدۈرۈلگەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بىزگە قاراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق جامائەت، توپ ياكى ئادەم بولسۇن، خاتىرىلەش مۇراسىمىنى ياخشى ئۆتكۈزگەي!
49-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
a 2021-يىلى، 27-مارت يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن. شۇ كۈنى كەچقۇرۇنلىقى بىز ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىمىز. بۇ مۇراسىمغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەيسا مەسىھ «باشقا قويلار»، دەپ ئاتىغان توپقا مەنسۇپ. 1935-يىلى بۇ توپ ھەققىدە قانداق ھاياجانلىق ھەقىقەت ئاشكارىلانغان ئىدى؟ ئۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتتىن كېيىن قانداق ئاجايىپ كېلەچەكنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان «باشقا قويلار» يەھۋا خۇداغا ۋە ئەيسا مەسىھكە مىننەتدارلىقنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «باشقا قويلار» ئاخىر زاماندا يىغىلىپ بىر جەم بولغان ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىدۇ ۋە يەردىكى جەننەتتە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە. «زور بىر توپ خالايىق» دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە مەسىھ ئىنسانىيەتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، ئامان قالىدىغان باشقا قويلارنىڭ ئەزالىرىنى بىلدۈرىدۇ.
c سۆز-ئىبارە مەنىسى: «قالدۇق ئەزالار» دېگەن سۆز خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگكەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يەر يۈزىدىكى قالدۇق ئەزالىرىنى بىلدۈرىدۇ.