سىز بىلەمسىز؟
قەدىمىي يېزىق مۇقەددەس كىتابنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ؟
يېرۇسالېمدىكى «مۇقەددەس يازمىلار زېمىنلىرى مۇزېيى»غا تەۋە، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 700—600-يىللىرى ئارىلىقىدا خەت ئويۇلغان بىر پارچە تاش بار. بۇ تاش ئىسرائىل زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس بىر جايدىكى قەبرىستانلىق قىلىنغان ئۆڭكۈرىدىن ئېلىنغان. بۇ تاشتا مۇنداق يېزىلغان: «ياھۋەھ سابائوت ھاگاۋنىڭ ئوغلى ھاگافقا لەنەت قىلسۇن». بۇ قەدىمىي يېزىق مۇقەددەس كىتابنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. قانداق؟ خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا، قەدىمىي ئىبرانىيچىدە يھۋھ ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان. دېمەك، بۇ خۇدا ئىسىمىنىڭ، قەدىمقى دەۋردە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، باشقىمۇ قەبرە قىلىنغان ئۆڭكۈرلەردىكى يازمىلار ئادەملەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈش ياكى ئۆزلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ تاملىرىدا خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ باشقا شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئىسىملىرىنى ۋە خۇدانىڭ ئىسىمىنى يازغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
گرۇزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى رېچېل نابۇلسى بۇ يېزىقلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ تاشتىكى يېزىقلاردا خۇدانىڭ ئىسىمى قايتا-قايتا ئىشلىتىلگەنلىكى بىز ئۈچۈن مۇھىم ۋە ئۇلار ئىسرائىل ۋە يەھۇدا خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خۇدانىڭ ئىسىمى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ». ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇقەددەس كىتابتا ئىبرانىيچە يھۋھ ھەرىپلىرى بىلەن يېزىلغان خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ نەچچە مىڭ قېتىملاپ ئۇچرىشى ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ. ئادەملەرنىڭ شەخسىي ئىسىملىرى پات-پات خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تاشتا يېزىلغان «ياھۋەھ سابائوت» دېگەن ئىبارە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، پەقەت خۇدانىڭ ئىسىمى دېگەن ئىبارىلا ئەمەس، بەلكى «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا»، دېگەن ئىبارىنىڭ ھەم قەدىمقى زامانلاردا كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى يەھۋا» دېگەن ئىبارە ئىبرانىي يازمىلاردا بولۇپمۇ يەشايا، يەرەمىيا ۋە زەكەرىيا كىتابلىرىدا، 283 قېتىمچە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ بەكمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.