4-تەتقىق ماقالىسى
مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىڭ!
«قېرىنداشلىق سۆيگۈ رىشتىسى بىلەن بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار».—رىملىقلار 12:10.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگۈسى
بۇ ماقالىدە a
1. بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەرنىڭ مېھىر-مۇھەببەتسىز بولۇپ كەتكەنلىكى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب، ئاخىر زاماندا «مېھىر-مۇھەببەتسىز» ئادەملەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن-ئالا ئېيتقان (2-تىموت. 3:1، 3). بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بېشارەتنىڭ ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن، مىليونلىغان ئەر-ئاياللار ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆچ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ھېچكىم ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۆيدىكى ئائىلە ئەزالىرى يات ئادەملەردەك ياشىشى مۇمكىن. بىر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى: «ئاپىسى، دادىسى ۋە بالىلىرى كومپيۇتېر، قول كومپيۇتېر، يانفون ياكى ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارغا بېشى بىلەن كىرىپ كېتىپ، بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشمايدىغان بولدى. گەرچە بۇ ئائىلىلەر بىر ئۆيدە تۇرسىمۇ، بىر-بىرىنى ياخشى بىلمەيدۇ»،— دەپ ئېيتقان.
2، 3. (1) رىملىقلار 12:10-ئايەتكە ئاساسەن، بىز كىمگە مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ (2) بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 بىز بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مېھىر-مۇھەببىتىمىزنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى خالىمايمىز (رىملىقلار 12:2). ئەكسىنچە، بىز ئۆز ئائىلە ئەزالىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپلا قويماي، بەلكى ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىمۇ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك (رىملىقلار 12:10-نى ئوقۇڭ). ئائىلە ئەزالىرىمىزنى سۆيگەندەك، بىز ئېتىقادداشلىرىمىزنى دەل شۇنداق سۆيىشىمىز كېرەك. ئېتىقادداشلىرىمىزنى قېرىنداشلارچە قىزغىن سۆيسەك، بىز ھەقىقىي ئىبادەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز.—مىكاھ 2:12.
3 مېھىر-مۇھەببەتنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋا ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىك خۇدادۇر
4. ياقۇپ 5:11-ئايەت، يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟
4 مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭدا «خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر» دەپ يېزىلغان (1-يۇھاننا 4:8). بۇنى بىلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى خالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب يەھۋا ناھايىتى «مېھىر-شەپقەتلىك» خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (ياقۇپ 5:11-نى ئوقۇڭ) b . بۇ يەھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئاجايىپ بىر ئۇسۇلى!
5. يەھۋا رەھىمدىللىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
5 ياقۇپ 5:11-ئايەتتە، يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇنىڭ رەھىمدىللىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئېسىل پەزىلەت بىزنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ (چىق. 34:6). يەھۋانىڭ ئۆز رەھىمدىللىقىنى كۆرسىتىشىنىڭ بىر يولى — ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرۈش (زەبۇر 51:1). رەھىمدىللىق قىلىش خاتا قىلغان ئادەمنى كەچۈرۈپ قويۇشلا ئەمەس. رەھىمدىللىق ئىنتايىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ھېس-تۇيغۇ، چۈنكى رەھىمدىل ئادەم بىرسىنىڭ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ياردەم قىلىشقا تىرىشىدۇ. يەھۋا ئۆزىنىڭ ياردەم بېرىش ئارزۇسىنى بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىن كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ (يەشايا 49:15). بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى ئۇنى بىزگە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ (زەبۇر 37:39؛ 1-كورىنت. 10:13). ئېتىقادداشلىرىمىز كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتقاندا، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، ئاداۋەت ساقلىمىساق، رەھىمدىللىقنى كۆرسىتەلەيمىز (ئەفەس. 4:32). رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇسـۇلى — قىيىنچـىلىقلارغا دۇچ كەلـگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش. مېھىر-مۇھەببەت بىزنى باشقىلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلغاندا، بىز مېھىر-شەپقەتنىڭ ئەڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىمىز.—ئەفەس. 5:1.
يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا باغلانغان
6. يوناتان بىلەن داۋۇت بىر-بىرىگە قانداق قىزغىن مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن؟
6 مۇقەددەس كىتابتا رەھىمدىللىقنى كۆرسەتكەن نامۇكەممەل ئادەملەر توغرىسىدا يېزىلغان. يوناتان بىلەن داۋۇتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. مۇقەددەس كىتابتا: «داۋۇت بىلەن سائۇل سۆزلىشىپ بولغاندا، يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيدى»،— دەپ يېزىلغان (1-سام. 18:1). داۋۇت پادىشاھ سائۇلنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئاندىن كېيىن، سائۇل داۋۇتقا ئىچ تارلىق قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان دادىسى داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغاندا، دادىسىنى قوللىمىغان. ئۇلار دوستلۇقنى ساقلاپ، ھەر دائىم بىر-بىرىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشكەن.—1-سام. 20:42.
7. يوناتان بىلەن داۋۇتنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان نەرسىلەردىن بىرى نېمە بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟
7 گەرچە يوناتان بىلەن داۋۇت ئارىسىدا دوستلۇق ئورنىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يېقىن ۋە كۈچلۈك بولغان. مەسىلەن، يوناتان داۋۇتتىن تەخمىنەن 30 ياش چوڭ بولغان. يوناتان بۇ تەجرىبىسى ئاز ۋە ياش يىگىت بىلەن ھېچ ئورتاقلىقىم يوق، دېگەن خۇلاسىگە كېلەلەيتتى. لېكىن، يوناتان داۋۇتقا شۇنداق كۆز قاراشتا بولمىغان، ئەكسىنچە ئۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسەتكەن.
8. نېمە ئۈچۈن يوناتان داۋۇتنىڭ شۇنچە ياخشى دوستى بولالىغان؟
8 يوناتان داۋۇتقا كۆرەلمەسلىك قىلالايتتى. پادىشاھ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئىدى (1-سام. 20:31). بىراق، يوناتان كەمتەر ۋە يەھۋاغا ساداقەتمەن كىشى بولغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋانىڭ داۋۇتنى كەلگۈسىدىكى پادىشاھ قىلىپ تاللىغانلىقىنى قەتئىي قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. گەرچە بۇ سائۇلنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ، يوناتان داۋۇتقا ساداقەتمەن بولۇپ قالغان.—1-سام. 20:32—34.
9. يوناتان داۋۇتنى رىقابەتچى دەپ قارىغانمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
9 يوناتان داۋۇتقا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن، شۇڭا ئۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قارىمىغان. يوناتان ماھارەتلىك ئوقيا ئاتقۇچى ۋە جاسارەتلىك جەڭچى بولغان. ئۇ دادىسى سائۇل بىلەن «بۈركۈتلەردىن چاققانراق» ۋە «شىرلاردىن كۈچلۈكرەك» دېگەن نام-ئابرويغا ئېرىشكەن (2-سام. 1:22، 23). شۇڭلاشقا، يوناتان ئۆز قەھرىمانلىقى توغرۇلۇق ماختىنالايتتى. بىراق، يوناتان داۋۇتتىن ياخشىراق ئادەم بولۇشقا تىرىشمىغان ۋە ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىغا ھەسەتخورلۇق قىلمىغان. ئەكسىنچە، يوناتان داۋۇتنىڭ جاسارىتى ۋە يەھۋاغا تايانغانلىقىغا قاراپ زوقلانغان. ئېنىقكى، داۋۇت غولىياتنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشكە باشلىغان. بىز ئېتىقادداشلىرىمىزغا دەل شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلارچە قىزغىن سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
10. «بىر-بىرىڭلارنى چىن يۈرەكتىن قىزغىن سۆيۈڭلار» دېگەن سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
10 مۇقەددەس كىتاب بىزگە: «بىر-بىرىڭلارنى چىن يۈرەكتىن قىزغىن سۆيۈڭلار»،— دەيدۇ (1-پېتر. 1:22). يەھۋا بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، چۈنكى ئۇنىڭغا سادىق بولساق، ھېچ نەرسە بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىمىزنى ئۈزەلمەيدۇ (رىملىقلار 8:38، 39). «قىزغىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى بىرسىنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن قىلغان ناھايىتى زور تىرىشچانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە ئېتىقادداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس. باشقىلار بىزنى رەنجىتكەندە، «سۆيگۈ بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قۇرساق بولۇڭلار. ئىناقلىقنىڭ رىشتىسى بىلەن روھنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار» دېگەن سۆزلەرگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك (ئەفەس. 4:1—3). «ئىناقلىقنىڭ رىشتىسى»نى ساقلاشقا تىرىشساق، ئېتىقادداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆڭلىمىزگە ئالمايمىز. ئېتىقادداشلىرىمىزغا يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قاراشقا قولىمىزدىن كەلگىنىچە تىرىشىمىز.—1-سام. 16:7؛ زەبۇر 130:3.
11. نېمە ئۈچۈن بەزىدە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيدۇ؟
11 ئېتىقادداشلارغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئۇلارغا قىزغىن سۆيگۈ كۆرسىتىش ئاسان ئەمەس. ئېنىقكى، بىرىنچى ئەسىردىكى بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگىمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن. ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە ئۈچۈن پاۋلۇس بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئاسان بولغان. لېكىن، قانداقتۇ بىرەر سەۋەب تۈپەيلى ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشى قىيىنغا توختىغان. شۇڭا، پاۋلۇس ئۇلارنى «رەبدە ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.—فىلىپى. 4:2، 3.
12. بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
12 بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟ ئېتىقادداشلارنى يېقىنراق تونۇساق، ئۇلارنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇلارغا مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىشكە ئوڭايراق بولىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراق ياكى مەدەنىيىتى ھەرخىل بولسۇن، ئۇلار بىلەن يېقىن دوست بولالايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، يوناتان داۋۇتتىن تەخمىنەن 30 ياش چوڭ بولغان، لېكىن ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇقنى ئورناتقان. جامائىتىڭىزدە سىزدىن چوڭ ياكى كىچىك ئېتىقادداشلار بىلەن دوست بولالامسىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز «پۈتۈن قېرىنداشلارنى» سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.—1-پېتر. 2:17.
13. نېمە ئۈچۈن جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن يېقىن دوست بولۇش مۇمكىن ئەمەس؟
13 ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن يېقىن دوست بولۇشنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. بەزىلىرى بىلەن ئورتاق قىزىقىشقا ئىگە بولغاچقا، ئۇلارغا باشقىلارغا قارىغاندا يېقىنراق بولۇپ كېتىشىمىزنىڭ ھېچ يامىنى يوق. ئەيسا ھەممە ئەلچىلىرىنى «دوستلىرىم» دەپ ئاتىغان، بىراق ئەلچى يۇھاننانى ئالاھىدە يېقىن كۆرەتتى (يۇھاننا 13:23؛ 15:15؛ 20:2). ھالبۇكى، ئەيسا ئەلچى يۇھاننانىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن. مەسىلەن، يۇھاننا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى ياقۇپ ئەيسادىن خۇدا پادىشاھلىقىدا مەرتىۋە ئورنىنى سورىغاندا، ئۇ ئۇلارغا: «ئوڭ ياكى سول تەرىپىمدە ئولتۇرىدىغانلارنى تاللاش ھوقۇقى ماڭا بېرىلمىدى، بۇ ئورۇنلار كىملەر ئۈچۈن تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ»،— دېگەن (ماركۇس 10:35—40). يېقىن دوستلىرىمىزنىڭ بىرسىنى ئەڭ يېقىنىمىز دەپ كۆرسەتمىسەك، ئەيسانى ئۈلگە قىلىمىز (ياقۇپ 2:3، 4). ئەگەر ئەيسانى ئۈلگە قىلمىساق، جامائەتتە بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان بولىمىز.—يەھۇدا 17—19.
14. فىلىپىلىكلەر 2:3-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۆزۈمىزنى شۇ رىقابەتچىلىك روھىدىن قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ؟
14 بىز بىر-بىرىمىزگە قىزغىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، جامائەتنى رىقابەتچىلىك روھىدىن قوغدايمىز. ئېسىمىزگە ئالايلى، يوناتان داۋۇتقا ھەسەتخورلۇق قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا تىرىشمىغان. بىز ھەممىمىز يوناتاننى ئۈلگە قىلالايمىز. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى ئۈچۈن رىقابەتچىمىز دەپ قارىماي، «كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈڭلار» دېگەن سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز (فىلىپىلىكلەر 2:3-نى ئوقۇڭ). ئەستىن چىقارماڭ، ھەرقايسىمىز جامائەتكە ياردەم بېرىشتە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. ئۆزۈمىزگە كەمتەرلىك بىلەن قارىساق، ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىك ئۈلگىسىدىن پايدا ئالىمىز.—1-كورىنت. 12:21—25.
15. تانىيا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
15 بىز تۇيۇقسىز سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا قېرىنداشلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئەمەلىي ياردىمى ئارقىلىق تەسەللى بېرىدۇ. ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»، دەپ ئاتالغان 2019-يىلنىڭ خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشنىڭ شەنبە كۈنىدىكى پروگراممىسىغا قاتناشقان بىر ئائىلىنىڭ بېشىدىن نېمە ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى تانىيا مۇنداق دەيدۇ: «بىز مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا، باشقا بىر ماشىنا كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ، يولىمىزغا چىقىپ كېتىپ، ماشىنىمىزغا ئۇرۇلدى. ھېچكىم يارىلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ماشىنىدىن چىقىپ، يولدا ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدۇق. بىرسى بىزنى كۆرۈپ قېلىپ، بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئۆز ماشىنىسىغا ئولتۇرۇشقا چاقىردى. بۇ چوڭ يىغىلىشتىن كېلىۋاتقان بىر بۇرادەر ئىدى. توختىغان يالغۇز بىرلا ئۇ ئەمەس. شۋېتسىيەدىن كەلگەن بەش قېرىنداشمۇ توختىدى. بۇ قېرىنداشلار قىزىمنى ۋە مېنى ئىللىق قۇچاقلىغاندىن كېيىن، بىز ئۆزۈمىزنى ياخشى ھېس قىلدۇق. ئۇلار بىزنى ھەممىسى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ۋە بىزنى تاشلاپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلار بىز بىلەن قېلىپ، بىزدە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئېغىر ئەھۋالدا يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇق. بۇ ۋەقە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى». مۇھتاج بولغاندا، ئېتىقاددىشىڭىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋاقىتنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟
16. نېمە سەۋەبتىن بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر؟
16 بىر-بىرىمىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقەت قانداق نەتىجىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللى بېرىمىز. بىز خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىمىز. بىز ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز ۋە بۇ سەمىمىي ئادەملەرنى ھەقىقىي ئىبادەتكە جەلپ قىلىدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال، «رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا ۋە بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان» تەڭرى يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز (2-كورىنت. 1:3). ھەر قايسىمىز قىزغىن سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆز-ئارا قېرىنداشلارچە سۆيگۈنى كۆرسىتەيلى!
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a ئەيسا شاگىرتلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن تونۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز ھەممىمىز ئەيسانىڭ بۇ ئەمرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئائىلە ئەزالىرىمىزنى سۆيگەندەك ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ سۆيۈشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. بۇ ماقالە، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدۇ.
b ياقۇپ 5:11-ئايەت، «بىز سەۋر-تاقەت كۆرسەتكەنلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز. سىلەر ئايۇپنىڭ سەۋر-تاقىتى ھەققىدە ئاڭلىدىڭلار ۋە يەھۋانىڭ ئۇنى قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى كۆردۈڭلار. يەھۋا ھەقىقەتەن مېھىر-شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇر».
c سۈرەتتە: ياشانغان ئاقساقال ئۇنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدا ئالغان ياش ئاقساقالنى ئۆيىدە ئىللىق قارشى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىر-بىرىگە مېھماندوستلۇق ھەم مەردلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ.