نېمە ئۈچۈن بىز خۇدا پادىشاھلىقىغا موھتاج؟
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىشىدا، يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەككە-يېگانە ھۆكۈمران ياراتقۇچىمىز يەھۋا ئىدى. ئۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ گۈزەل ئېرەم بېغىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۇ يەرگە ماكانلاشتۇرۇپ، مول ئوزۇق-تۈلۈكلەر بىلەن تەمىنلىگەن ۋە كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مەنىلىك ئىشنى تاپشۇرغان (يارىتىلىش 1:28، 29؛ 2:8، 15). ئەگەر ئىنسانلار خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن تولغان ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغان بولسا، ئۇلار تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغان بولاتتى.
مۇقەددەس كىتاب شۇنى ئاشكارا قىلىدۇكى، ئىسىيان كۆتەرگەن بىر پەرىشتە خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارشى چىقىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى يوق دېگەن. كېيىنچە، بۇ پەرىشتە ئىبلىس شەيتان دەپ ئاتالغان. شەيتان ئىنسانلار خۇدانىڭ يول-يورۇقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنمىسا، تېخىمۇ بەختلىك بولالايدۇ دېگەننى يوشۇرۇن ئىشارەت قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، تۇنجى ئاتا-ئانىمىز ئادەم بىلەن ھاۋا شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ، خۇداغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن.—يارىتىلىش 3:1–6؛ ۋەھىيلەر 12:9.
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران بولۇشىنى رەت قىلغاچ، ئۇلار گۈزەل ماكانى، مۇكەممەل تەن-سالامەتلىكى ۋە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان (يارىتىلىش 3:17–19). ئۇلارنىڭ قارارى كېيىنرەك تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ھەم تەسىر قىلغان. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغاچ، «گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پەيدا بولدى. … ئۆلۈم ھەممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى» (رىملىقلار 5:12). گۇناھ باشقا ئېچىنارلىق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلگەن: «ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت زىيان-زەخمەت كەلتۈرىدىكەن» (ۋەز 8:9). دېمەك، ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلسا، چوقۇم ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۇغۇلىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى
مۇقەددەس كىتاب، ئىنسانلار ئارىسىدا نىمرود ئىسىملىك كىشىنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمران بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن. نىمرودنىڭ زامانىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، ھۆكۈمرانلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇن، سۇلايمان پادىشاھ شۇنداق يازغان: «ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم، لېكىن ئۇلارغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. زۇلۇم قىلغۇچىلار كۈچلۈك».—ۋەز 4:1.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ ۋەزىيەت ھېچقانداق ئۆزگەرگىنى يوق. 2009-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نەشىر قىلغان بىر ماتېرىيالدا، «بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە يۈر بېرىۋاتقان بارچە يامان ئىشلارنىڭ تۈپ يىلتىزى» — ياخشى ھۆكۈمرانلىقنىڭ بولمىغانلىقى دەپ كۆرسىتىلگەن.
خۇدا ھۆكۈمرانلىقنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ!
بۇ دۇنيا ياخشىراق ھۆكۈمرانلار ۋە ياخشىراق ھۆكۈمەتكە موھتاج. ياراتقۇچىمىز ھەم دەل مۇشۇ توغرۇلۇق ۋەدە قىلىپ كەلگەن!
خۇدا ئاللىقاچان بىر پادىشاھلىقنى، يەنى ھۆكۈمەتنى تىكلىدى. بۇ ھۆكۈمەت بارچە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، «يالغۇز ئۆزى مەڭگۈ قالىدۇ» (دانىيال 2:44). بۇ دەل مىليونلىغان ئادەملەر دۇئالىرىدا تىلغا ئالغان پادىشاھلىقتۇر (مەتتا 6:9، 10). بىراق، خۇدا بۇ پادىشاھلىققا ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەر يۈزىدە ئىنسان بولۇپ ياشاپ باققان بىرىنى بۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇشقا تاللىدى. ئۇ كىشى كىم؟