مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش كېرە‌ك

قانداق ۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌ش ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ؟‏

قانداق ۇ‌سۇ‌لدا ئوقۇ‌ش ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلايدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش سىزگە زېرىكىشلىك تۇ‌يۇ‌لامدۇ ياكى ھۇ‌زۇ‌ر بېغىشلامدۇ؟‏ بۇ كۆپىنچە سىزنىڭ قانداق ئوقۇ‌شىڭىزغا باغلىق.‏ كېلىڭ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ۋە ئوقۇ‌شتىن كۆپرە‌ك ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان بىرقانچە مە‌سلىھە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىشە‌نچىلىك ۋە زامانىۋىي تىلدىكى تە‌رجىمىنى تاللاڭ.‏ ئە‌گە‌ر كىتابتا مۇ‌رە‌ككە‌پ ياكى كونا ۋە ئىشلىتىشتىن قالغان سۆز-‏ئىبارىلە‌ر كۆپ بولسا،‏ بە‌لكىم بۇ كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ سۆز-‏جۈملىلە‌رنىڭ قە‌لبىڭىزگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن،‏ ئاسان چۈشىنىدىغان تىلدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تېپىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ سىز تاللىغان تە‌رجىمىنىڭ ئېنىق ۋە توغرا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ a‏.‏

زامانىۋى پە‌ن-‏تېخنىكىدىن پايدىلىنىڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرىنىڭ پە‌قە‌ت باسما نە‌شىرى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئېلېكترونلۇ‌ق نە‌شىرىمۇ بار.‏ بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تور بە‌تتە ياكى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇ‌تېر،‏ قول كومپيۇ‌تېر ياكى تېلېفوندا شە‌خسىي ئوقۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ردە ئوخشاش بىر تېمىدىكى باشقا ئايە‌تلە‌رنى تېزلىكتە تە‌كشۈرە‌لە‌يدىغان ياكى بىر قانچە تە‌رجىمىنى سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدىغان قوشۇ‌مچە قوراللار بار.‏ ئە‌گە‌ر ئوقۇ‌شنى ئە‌مە‌س،‏ ئاڭلاشنى ياخشى كۆرسىڭىز،‏ ئاۋازلىق نە‌شىرى بار.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلە‌ن سە‌پە‌رگە چىققاندا،‏ كىر يۇ‌يغاندا ياكى باشقا پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغاندا،‏ تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لنى سىناپ باقمايسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش قوراللىرى ئوقۇ‌غانلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغان ئېلىنغان جايلارنىڭ خە‌رىتىلىرى بار،‏ بۇ ئوقۇ‌غان چاغدا،‏ ئۇ‌چراتقان جاي ناملىرىنى تېپىشىڭىزغا ۋە ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ ژۇ‌رنالدىكى ياكى org.‏jw تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىكى ماقالىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن مە‌زمۇ‌نلىرىنىڭ مە‌نىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئوقۇ‌ش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنى ئۆزگە‌رتىڭ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى باشتىن-‏ئاخىرىغىچە ئوقۇ‌ش قىيىن تۇ‌يۇ‌لسا،‏ نېمە ئۈچۈن سىزنى ئالاھىدە جە‌لپ قىلىدىغان قىسىمدىن باشلاپ،‏ ئوقۇ‌ش قىزغىنىلىقىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىپ باقمايسىز؟‏ ئە‌گە‌ر سىز يازمىلاردىكى مە‌شھۇ‌ر كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە بىلمە‌كچى بولسىڭىز،‏ ئاشۇ شە‌خسنى ئاساس قىلىپ ئوقۇ‌شنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌لنىڭ بىر ئۈلگىسى «‏ خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن غە‌زىنە قېزىش‏» ناملىق ئىزاھاتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ماۋزۇ ياكى ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىش تە‌رتىپى بويىچە ئوقۇ‌سىڭىز بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌للارنىڭ بىرىنى سىناپ بېقىڭ!‏

 

a نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنىڭ توغرا،‏ ئىشە‌نچلىك ۋە ئوقۇ‌پ چۈشىنىشكە ئاسان ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌رىپىدىن نە‌شىر قىلىنغان بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 130 دىن ئارتۇ‌ق تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ سىز org.‏jw تور بېكىتىدىن ئېلىكترونلۇ‌ق نۇ‌سخىسىنى چۈشۈرە‌لە‌يسىز ياكى JW كۈتۈپخانىسىنى چۈشۈرە‌لە‌يسىز.‏ خالىسىڭىز،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى باسما نۇ‌سخىسىنى ئۆيىڭىزگە يە‌تكۈزۈپ بېرە‌لە‌يدۇ.‏