مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌دىر ئۆز نامىدىن خە‌تنى يېزىش ئۈچۈن كاتىپىنى ئىشلە‌تكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دامۇ بە‌زى سادىق كىشىلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يازدۇ‌رغان.‏

ئاللا ئۆز ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئاللا ئۆز ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئە‌زە‌لدىن تارتىپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۆز سۆزلىرىنى پە‌رىشتىلە‌ر ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئارقىلىق ئىنسانىيە‌تكە يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئۆز سۆزلىرى ۋە ۋە‌دىلىرىنى يازدۇ‌رۇ‌پ،‏ كېلە‌چىكىمىز ھە‌ققىدە بىزگە ئالدىن خە‌ۋە‌ر بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شۇ ۋە‌دىلە‌رنى قە‌يە‌ردىن ئوقۇ‌يالايسىز؟‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌تكۈزمە‌كچى بولغان خە‌ۋە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا يازدۇ‌رغان (‏2-‏تىموتىي 3:‏16‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ ئە‌قلىگە سالغان.‏ ئۇ‌لار بولسا،‏ شۇ ئوي-‏پىكىرلە‌رنى قە‌لە‌مگە ئالغان (‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏21‏)‏.‏ بۇ‌نى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌گە‌ر بىر شىركە‌ت مۇ‌دىرى ئۆز نامىدىن خە‌ت يېزىش ئۈچۈن كاتىپىنى ئىشلە‌تسە،‏ بۇ خە‌تنىڭ مۇ‌ئە‌للىپى كاتىپ ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌دىر بولىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانمايمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ممىگە قادىر ئاللا ئادە‌ملە‌رنى ئىشلىتىپ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يازدۇ‌رغان بولسىمۇ،‏ ئاللا ئۆزى بۇ كىتابنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ئە‌للىپىدۇ‌ر.‏

ياراتقۇ‌چىنىڭ سۆزى كە‌ڭ تارقالغان

خۇ‌دادىن كېلىدىغان خە‌ۋە‌ر ئىنتايىن مۇ‌ھىم بولغاچ،‏ ئۇ بارچە ئىنسانلارنىڭ شۇ خە‌ۋە‌رنى ئوقۇ‌پ چۈشىنىشىنى خالايدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە «ھە‌ر بىر مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لق» خۇ‌دانىڭ مە‌ڭگۈلۈك خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ئاڭلىيالايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6‏)‏.‏ ئاللانىڭ رە‌ھمىتى ۋە بە‌رىكىتى بىلە‌ن،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار تولۇ‌ق ياكى قىسمە‌ن 3000دىن كۆپرە‌ك تىلغا تە‌رجىمە قىلىنىپ،‏ يە‌ر يۈزىدە ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان.‏