مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

‏«زېمىن ئۆز ھوسۇ‌لىنى بېرىدۇ؛‏ تە‌ڭرى،‏ بىزنىڭ تە‌ڭرىمىز بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 67:‏6

ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏

ياراتقۇ‌چىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ڭ!‏

ياراتقۇ‌چىمىز ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادىدىن بىرى ئارقىلىق يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ممە خە‌لقلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يارىتىلىش 22:‏18‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ۋە‌دە قىلىنغان شۇ ئە‌ۋلاد كىم؟‏

خۇ‌دا تە‌خمىنە‌ن 2000 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌ۋلادى بولغان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رگە زور مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىش كۈچىنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ مۆجىزىلە‌ر ئاللانىڭ ئىبراھىمغا بە‌رگە‌ن شۇ ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام ئارقىلىق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏گالاتىلىقلار 3:‏14.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرى —‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ دە‌ل خۇ‌دا تاللىغان ئە‌ۋلاد ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئاللانىڭ كېلە‌چە‌كتە ئىنسانىيە‌تنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرمە‌كچى بولغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھازىر ئاشۇ مۆجىزىلە‌ر ئە‌يسانىڭ بە‌زى ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى قانداق ئاشكارە قىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلايلى.‏

رە‌ھىمدىللىق:‏ ئۇ ئاغرىقلارنى ساقايتقان.‏

بىر كۈنى،‏ ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن ئۆزىنى ساقايتىشنى ئۆتۈنگە‌ندە،‏ ئۇ:‏ «خالايمە‌ن.‏ پاك بولغىن»،‏—‏ دە‌پ ئۇ‌نىڭغا قولىنى تە‌ككۈزگە‌ن.‏ شۇ ھامان ئۇ كىشى كېسىلىدىن ساقىيىپ كە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏40—‏42‏.‏

مە‌ردلىك:‏ ئۇ قوسىقى ئاچلارنى تويغۇ‌زغان.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئاچ قېلىشىنى خالىمىغان.‏ ئۇ كە‌م دېگە‌ندە ئىككى قېتىم مۆجىزىلە‌ر ئارقىلىق بىرنە‌چچە نان ۋە كىچىك بېلىقلارنىڭ سانىنى كۆپە‌يتىپ،‏ مىڭلىغان كىشىلە‌رنى تويغۇ‌زغان (‏مە‌تتا 14:‏17—‏21؛‏ 15:‏32—‏38‏)‏.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنى يە‌پ،‏ قوسىقى تويۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئېشىپ قالغان ئىدى.‏

ھېسداشلىق:‏ ئۇ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏

بىر كۈنى،‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقان تۇ‌ل ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان يالغۇ‌ز ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 7:‏12—‏15‏.‏