ئۈمىدسىزلىكنى يېڭەلەيسىز
ئۈمىدسىزلىكنى يېڭەلەيسىز
مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى سىزنىڭ ئۈمىدۋار ياكى ئۈمىدسىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارە قىلىدۇ. ھەربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. بەزىلەر باشقىلارغا قارىغاندا، كۆپرەك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. باشقىلار بولسا، كىچىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ، دەرھاللا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ؟
سىز بىر ئىش ئىزدىدىڭىز دەيلى. يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈشكە بارىسىز، بىراق سىزنى ئىشقا قوبۇل قىلمىدى. ئۇنداقتا، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ بۇنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ، ئەسلى بۇ قىيىنچىلىق ھېچقاچان ھەل بولمايدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە: «زادى كىم مېنى ئىشقا ئالىدۇ؟ مەن ھېچقاچان ئىش تاپالمايمەن»،— دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك ھاياتىڭىزغا ھەممە تەرەپتىن تەسىر قىلىپ: «قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ھېچكىمگە كېرىكىم يوق ئىكەن»،— دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، شۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولىدۇ.
ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىش
ئۈمىدسىزلىك بىلەن قانداق كۈرەش قىلىشقا بولىدۇ؟ بىرىنچى مۇھىم قەدەم شۇنداق سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنى ئېنىقلاش. كېيىنكى قەدەم ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىش. نېمە ئۈچۈن سىزنى ئىشقا ئالمىغانلىقىنى باشقا تەرەپتىن ئويلاپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، ئىشقا قوبۇل قىلىنمىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى، ھەقىقەتەن ھېچ كىم سىزنى ئىشقا ئېلىشنى خالىمامدۇ؟ بەلكىم، ئىش بەرگۈچى باشقا شۇ خىزمەتتە كۆپرەك تەجرىبىسى بار كىشىنى ئىزدەۋاتامدۇ؟
ئېنىق سەۋەبلەرنى ئۈستىدە ئويلىنىپ، روھىڭىزنى چۈشۈرىدىغان سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنى ئېنىقلىيالايسىز. بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە دۇچ كەلسىڭىز، ھەقىقەتەن قولۇڭىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ھاياتىڭىزنىڭ باشقا ساھەلىرىدە، مەسىلەن روھىي ئىشلاردا، ئائىلىۋى ياكى دوستلۇق مۇناسىۋەتتە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىز توغرىسىدا بىراز ئويلاپ بېقىڭ. كېلەچەك نېمە ئىش بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق پەرەزلىرىڭىزنى كاللىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاشنى ئۆگىنىڭ. سىز ھېچقاچان ئىش تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيسىزغۇ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىزگىمۇ بىر ئىش تېپىلىپ قالار! سەلبىي ئوي-پىكىرلەرنى يېڭىشنىڭ كۆپلىگەن ئۇسۇللار بار.
ئىجابىي كۆزقاراش ۋە مەقسەتلەر
يېقىنقى يىللاردا، تەتقىقاتچىلار ئۈمىد چۈشەنچىسىگە قىزىقارلىق، ئەمما تار ئېنىقلىما بەردى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈمىد مەقسەتلەرگە قول يەتكۈزەلەيمەن، دېگەن ئىشەنچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، ئۈمىد ئەسلىدە بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. لېكىن، يۇقىرىدا ئۈمىدكە بېرىلگەن ئېنىقلىمىنى بىرنەچچە ۋەزىيەتتە قولىنىشقا ئەرزىيدۇ. دىققىتىمىزنى بۇنداق ئۈمىدلىرىمىزگە ئاغدۇرساق، ئىجابىي كۆزقاراشنى يېتىلدۈرەلەيمىز ۋە مەقسەتلەرگە قول يەتكۈزۈشكە ئىنتىلىمىز.
مەقسەتلەرگە يېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇشنى ئۆگىنىپ، ئۇلارغا يېتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھېچقاچان شۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز، ئالدىڭىزغا قويغان مەقسەتلىرىڭىز ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. ئەسلى قانداقتۇ بىر مەقسەتلىرىڭىز بارمۇ؟ ھاياتىمىز بەك ئاسانلا بىر قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشى ۋە غەم-تەشۋىشلەرگە بېرىلىپ كېتىپ، ئەمەلىيەتتە ھاياتتا زادى نېمىلەرنى قىلماقچى ئىدۇق ۋە بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مۇھىم مەقسەتلەرنى ئېنىقلاشقا قارىتا، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىلگەنلىكىنى تاپالايمىز. ئۇ يەردە مۇھىمراق نەرسىگە كۆز يەتكۈزۈڭ دېيىلگەن (فىلىپىلىكلەر 1:10).
نېمە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىساق، ھاياتىمىزنىڭ تۈرلۈك ساھەسىدە، مەسىلەن، خۇداغا ئىبادەت قىلىشتا، ئائىلىمىزدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم مەقسەتلەرنى قويۇش ئاسانراق بولىدۇ. باشتا ھەددىدىن زىيادە كۆپ مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ ئورنىغا، قول يەتكۈزەلەيدىغان مەقسەتلەرنى قويالايمىز. ئەگەر كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يېتىش ئىنتايىن قىيىن بولسا، قىزغىنلىقىمىز سوۋۇپ، بەل قويۇۋېتىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، نۇرغۇن ۋاقىتنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ ئورنىغا، قىسقا ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە يېتىشكە بولىدىغان مەقسەتلەرنى قويۇش ئەۋزەل.
«خاھىش بار بولسا، ئىمكان تېپىلىدۇ»، دېگەن كونا ماقال بىر ھەقىقەتنى ئاشكارە قىلىدۇ. ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا قول يەتكۈزۈشكە بەل باغلىشىمىز لازىم. مەقسەتلىرىمىزنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇلارغا يېتىش قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلساق، ئىرادىمىز كۈچىيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە توسالغۇلار پەيدا بولىدۇ. بىراق، مانا ئەمدى ئامال يوق، دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى يېڭەلەيمەن، دەپ قارىشىمىز كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەقسەتلىرىمىزگە يېتىشنىڭ ئەمەلىي يوللىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئۈمىدنىڭ مۇھىملىقىنى تەتقىق قىلغان رىك سنايدېر مەقسەتكە يېتىشنىڭ بىرنەچچە يوللىرىنى ئىزدەش كېرەك، دەپ مەسلىھەت بەردى. ئەگەر بىرىنچىسى ياردەم بەرمىسە، ئىككىنچىسى، ئۈچىنچىسى ۋە باشقىلىرىنى قوللانساق بولىدۇ.
شۇنداقلا سنايدېر بىر مەقسەتنى باشقا مەقسەتكە ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئەگەر مەقسىتىمىزگە يېتىشنىڭ يولى يېپىلغان بولسا، غەم-تەشۋىشكە بېرىلىپ، روھىمىز چۈشىدۇ. بىراق، قىيىن مەقسەتنى قولىمىزدىن كېلىدىغان باشقا مەقسەتكە ئالماشتۇرساق، ئۈمىد ئۈچۈن ئاساس پەيدا بولىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى بىر مىسال بۇ ئوي-پىكىرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، پادىشاھ داۋۇت ياراتقۇچىسى يەھۋا خۇدا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى مەقسەت قىلغان. بىراق، يەھۋا ئىبادەتخانا سېلىش شان-شەرىپىنى نى ئوغلى سۇلايمانغا بېرىدىغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقان. داۋۇت بولسا، بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزى دېگەن سۆزىدە تۇرۇۋالماي، ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى. ئۇ كېلەچەكتىكى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ ۋە ماتېرىياللارنى يىغىشقا بار كۈچىنى چىقىرىپ، ئۆز ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بەرگەن (1-پادىشاھلار 8:17—19؛ 1-تارىخنامە 29:3—7).
ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىجابىي كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈش كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك ئۈمىدنى تۇرغۇزغان بولسىڭىزمۇ، بۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز بۇ دۇنيادا ئۇچراۋاتقان ئۈمىدسىزلىك، كۆپىنچە ۋاقىتتا بىزگە باغلىق ئەمەس. ئۇنداقتا، كەمبەغەللىك، ئۇرۇشلار، ئادالەتسىزلىك، قورقۇنچلۇق كېسەللىكلەر ھەم ئۆلۈم قاتارلىق تۈرلۈك تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنمۇ؟
[7-بەتتىكى سۈرەت]
ئەگەر كىرمەكچى بولغان ئىشقا سىزنى قوبۇل قىلمىسا، ئەمدى ھېچ قاچان ئىش تاپالمايمەن، دەپ ئويلامسىز؟
[8-بەتتىكى سۈرەت]
پادىشاھ داۋۇت مەقسەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ۋەزىيەتلەرگە ماسلاشقان ئىدى