نېمە ئۈچۈن بىز ئۈمىدكە مۇھتاج؟
نېمە ئۈچۈن بىز ئۈمىدكە مۇھتاج؟
ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان راك كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دانىيال ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن بولسا، نېمە بولاتتى؟ ئۇ راك كېسىلىنى يېڭىپ، ساقىيىپ كېتەتتىمۇ؟ ئۇ ھازىر ھايات بولاتتىمۇ؟ ھەتتا، ئۈمىد داۋالاش كۈچىگە ئىگە دەيدىغانلارمۇ، ھەددىدىن زىيادە ئۆز ئوي-پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالماسلىقى مۇمكىن. بۇ يەردە مۇھىم بىر ئوي-پىكىر بار. ئۈمىدنىڭ كۈچىنى كۆپتۈرۈپ ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك. ئۇ ھەممە ئاغرىقلارنىڭ داۋاسى ئەمەس.
ئامېرىكا CBS News خەۋەر پروگراممىسىدا، ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە دوختۇر ناتان چېرنى ئېغىر كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىمارلار ھەققىدە سۆزلىگەندە، ئۈمىدنىڭ كۈچىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەرلەر ئاياللىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلمىغانلىقى ياكى ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىمىغانلىقى ئۈچۈن تىللاپ ھاقارەتلىگىنىگە گۇۋاھ بولدۇق. بىراق، بۇنداق ئوي-پىكىر قىلىش تەرزى، يەنى كىشى راك كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كونترول قىلالايدۇ، دېگەن گەپ بىر ناتوغرا ئويدۇرما. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، بىمارلار ئۆز كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى كۈچلۈك بولمىغاچ، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈش، بۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ».
ئەمەلىيەتتە، بىر كىشىنىڭ ئېغىر كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىشى خۇددى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن جەڭچىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقىنىغا ئوخشاش. كېسەل كىشىنىڭ يۈكى تولىمۇ ئېغىر بولغاچ، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنى ئەيىبكاردەك ھېس قىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ. دېمەك، ئۈمىدنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىمىز كېرەكمۇ؟
ياق. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دوختۇر پاللىئاتىۋ (يېنىكلىتىش) داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە مۇتەخەسسىستۇر. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى كېسەللىكنى ساقايتمايدۇ ياكى بىمارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتمايدۇ. لېكىن، بۇ ئۇسۇل كىشىنىڭ ئۆز كېسلى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى يېنىكلەشتۈرىدۇ. بۇنداق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ئۇسۇل ھەتتا ئېغىر كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا خۇشال كەيپىياتنى پەيدا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۈمىدنىڭ كېسەللەرگە ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پايدىلىق تەسىرى بارلىقى ھەققىدە يېتەرلىك ئىسپاتلار بار.
ئۈمىدنىڭ ئەھمىيىتى
تىبابەت ساھەسىدە ئىشلەيدىغان ژۇرنالىست گىففورد-جونس مۇنداق دەيدۇ: «ئۈمىد كۈچلۈك داۋالاش». ئۇ ئېغىر كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىنى ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ پايدىسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى كۆرۈپ چىققان. بۇنداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەش كىشىلەرگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇپ، ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارالغان. 1989-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشكەن بىمارلار ئۇزۇنراق ياشىغان. تەتقىقاتچىلار شۇنى ئېيتىدۇكى، ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىكى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى ئالغان بىمارلار شۇنداق ياردەمنى ئالمىغانلارغا قارىغاندا، ئازراق چۈشكۈنلۈككە چۈشىدۇ ھەم ئازراق ئاغرىق ئازابى تارتىدۇ.
ئىجابىي ياكى سەلبىي كۆزقاراش تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە، يەنى يۈرەك قان تومۇرى ئاغرىقىغا قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى كۆرۈپ چىقايلى. 1300دىن كۆپرەك ئەرلەر ھاياتقا قانداق كۆزقاراش بىلەن، يەنى ئىجابىي ياكى سەلبىي كۆزقاراش بىلەن قارايدىغانلىقىغا قارىتا سىناققا قاتناشتۇرۇلغان. ئون يىلدىن كېيىن، 12 پىرسەنتتىن كۆپرەكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈمىدسىز كىشىلەرنىڭ سانى ئۈمىدۋار كىشىلەردىن كەم دېگەندە ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ چىققانىدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ، تەن-سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي يۈرۈش-تۇرۇشنى تەتقىق قىلىۋاتقان لورا كۇبزانسكى مۇنداق دەيدۇ: ««ئىجابىي كۆزقاراش» تەن-سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن پىكىر بۇرۇن كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىلمىي جەھەتتىن تولۇق ئىسپاتلانمىغان ئىدى. بىراق، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ئىزدىنىش، بۇ ئوي-پىكىرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلمىي جەھەتتىن تەستىقلايدۇ».
بەزى ئىزدىنىشلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، سالامەتلىكىم ناچار دەپ ئويلايدىغانلارغا قارىغاندا، سالامەتلىكىم ياخشى دەپ ئويلايدىغانلار ئوپېراسىيىدىن كېيىن چاپسانراق ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇزاق ياشاش ئۈمىدۋارلىق بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن! بىر ئىزدىنىشتە ياشانغانلارنىڭ قېرىلىققا بولغان ئىجابىي ياكى سەلبىي كۆزقاراشلىرى ئۇلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ياشانغانلار، ئىنسانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە تەجرىبىلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە، ئۇلار جانلىق، جۇشقۇن كەيپىياتتا مېڭىش ئىستىگى پەيدا بولغان. ئەسلى، بۇنداق نەتىجە 12 ھەپتىلىك جىسمانىي چېنىقىش پروگراممىسىنىڭ نەتىجىسىگە باراۋەر!
قىزىق، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق، ئىجابىي كۆزقاراش ۋە كەيپىيات تەن-سالامەتلىككە پايدىلىق؟ ئېھتىمال، ئالىملار ۋە دوختۇرلار ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە تېنىنى تېخىچە تەلتۆكۈس چۈشەنمىگەچكە، بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، مەزكۇر ساھەدە ئىشلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەر تەجرىبىسى، بىلىمى ياكى ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، بەزى قىزىقارلىق پىكىرلەرگە كېلىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا كېسەللىكلىرى ساھەسىدە ئىشلەيدىغان پروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: «ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلايدىغان ئۈمىدۋار كىشى ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ. كىشىنىڭ شۇنداق خۇش كەيپىياتى ئانچە بېسىم پەيدا قىلمايدۇ ۋە تەن-سالامەتلىككە ھەم پايدىلىق. بۇ ساغلام بولاي دېگەن كىشىلەر ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن قىلالايدىغان يەنە بىر ئىش».
بەزى دوختۇرلار، پسىخولوگلار ۋە ئالىملار ئۈچۈن بۇ يېڭى بىر ئوي-پىكىر ياكى بايقاشتەك تۇيۇلىشى مۇمكىن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېڭىلىق ئەمەس. تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇن، پادىشاھ سۇلايمان بۇ ئوي-پىكىرنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «بىر خۇش كۆڭۈل ئوبدان دورا بولار، ئەمما ئېزىلگەن روھ ئۇستىخاننىڭ ئىلىكىنى قۇرىتار» (پەندى-نەسىھەت 17:22). بۇ سۆزلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئايەتتە «شاد كۆڭۈل» ھەرقانداق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ دېيىلمىگەن، ئەكسىنچە ئۇ «شىپالىق دورىدەك» دەپ تەسۋىرلەنگەن.
شەك-شۈبھىسىزكى، ئەگەر ئۈمىد ھەرخىل كېسەللىكلەر ئۈچۈن دورا ئىكەن، قايسى دوختۇر ئۇنى تەۋسىيە قىلمايدۇ؟ بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۈمىد پەقەتلا تەن-سالامەتلىككە ئەمەس، بەلكى باشقا كۆپ جەھەتتىن پايدىلىق.
ئۈمىدۋارلىق، ئۈمىدسىزلىك ۋە ھاياتىڭىز
تەتقىقاتچىلار ئىجابىي كەيپىياتنىڭ ئۈمىدۋار كىشىلەرگە كۆپ جەھەتتىن پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتە شۇنداق كىشىلەر مەكتەپتە، ئىشتا ھەتتا تەنتەربىيە ساھەلىرىدە نەتىجە قازىنالايدۇ. مەسىلەن، يېنىك ئاتلېتىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغانىدى. ترېنېرلىرى ھەربىر ئايالنىڭ قابىلىيەتلىرىنى تەپسىلىي باھالاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى ھەم شۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىگە باھا بەرگەن. نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاياللارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىگە كۆپرەك تەسىر قىلغان. بۇ ترېنېرلارنىڭ ستاتىستىكا مەلۇماتلىرىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ چىققان. خوش، نېمە ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ تەسىر كۈچى شۇنچە چوڭ؟
تەتقىقاتچىلار ئۈمىدۋارلىقنىڭ قارمۇ-قارشىلىقى بولغان ئۈمىدسىزلىك ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارنى ئاشكارە قىلدى. ھايۋاناتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قىلىنغان بىر ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، 1960-يىللاردا «ئادەتلەنگەن ئاجىزلىق» دېگەن سۆز-ئىبارە پەيدا بولدى. تەتقىقاتچىلار شۇنى ئېچىپ بەرگەنكى، ئادەملەرمۇ بۇ ئونىۋېرسال كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىر تۈرىدىن ئازاب چېكىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرگە يېقىمسىز شاۋقۇن ئاۋازنى قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا مەلۇم تەرتىپ بويىچە كونوپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق شۇ شاۋقۇننى ئۆچۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شاۋقۇننى ئۆچۈرەلىگەن.
باشقا بىر توپتىكى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش نەرسىنى ئېيتقان. بىراق، كونوپكىلارنى باسقاندا يېقىمسىز شاۋقۇن توختىمىغان. بۇ توپتىكى كۆپىنچە كىشىلەر ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈشكە باشلىدى. ئۆتكۈزۈلگەن كېيىنكى سىناقلار جەريانىدا ئۇلار ھەرىكەت قىلىشقا ئىككىلەنگەن ئىدى. ئۇلار مەيلى قانداق ھەرىكەت قىلايلى، ھېچ نېمە ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن ئوي-پىكىرگە كەلگەن. ئەمما، بۇ توپتىكى ئۈمىدۋار كىشىلەر ھەتتا ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئۆزلىرىگە تەسىر قىلىشىغا يول قويمىغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىزدىنىشلەرنى تەييارلاشتا ياردەم بەرگەن دوختۇر مارتىن سېلىگمان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى تەتقىق قىلىشقا ھاياتنى بېغىشلىغانىدى. ئۇ ئۆزىنى ئۈمىدسىز دەپ ئويلاشقا مايىل بولغان كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھاياتىدا كۆپلىگەن قىزىقارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان، ھەتتا پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان. سېلىگمان يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يىگىرمە بەش يىللىق ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە شۇنىڭغا كۆزۈم يەتتىكى، ئەگەر ئۈمىدسىز كىشىگە ئوخشاش ھېچقانداق ئىش قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دەپ ئويلاشقا ئادەتلەنسەك، بۇ بارچە ئىشىمىزغا تەسىر قىلىدۇ ۋە ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايمىز. بىراق، ئەكسىچە ئويلىساق، بەلكىم بۇنداق بولمايدۇ».
يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بۇنىڭغا ئوخشاش خۇلاسىلەر، بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر ئوي-پىكىر ياكى بايقاشتەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن، مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ يېڭىلىق ئەمەس. تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرگە دىققەت قىلىڭ: «تەڭلىك [ئېغىر] كۈنىدە جۈرئەتسىز بولساڭ، ھېكمىتىڭنىڭ كەملىكىدىن بولۇر» (پەندى-نەسىھەت 24:10). دەرھەقىقەت، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۇنىڭغا خاس بولغان سەلبىي ئوي-پىكىرلەر سىزنى ھەرىكەت كۈچىڭىزدىن قالدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنداقتا، ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشنى خالىسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
[4، 5-بەتتىكى سۈرەت]
ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ پايدىسى كۆپ