ياشلار ئۈچۈن
12. مەقسەت قويۇش
دېگەن نېمە؟
مەقسەت قويۇش بىرەر ئىشنى خىيال قىلىش ياكى شۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشلا ئەمەس. ئۇ ئەتراپلىق پىلان تۈزۈش، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىش ۋە تىرىشىپ قەدەم-قەدەم كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەقسەتلەر قىسقا مۇددەتلىك (بىرنەچچە كۈن ياكى ھەپتىلىك)، ئورتا مۇددەتلىك (بىرنەچچە ئايلىق) ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك (بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىتلىق) بولۇشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەتلىك مەقسەتلەرگە ئەڭ ئاۋۋال بىرنەچچە قىسقا مۇددەتلىك مەقسەتلەرنى قويۇش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
مەقسەتلەرگە يېتىش ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۆپرەك خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ. كىچىك مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا يەتكەندە چوڭراق مەقسەتلەرگە يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كامىل بولىدۇ. بۇ تۇرمۇشىڭىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا، شۇ جۈملىدىن تەڭداشلىرىڭىزنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز كۈچلۈك بولىدۇ.
دوستلۇق مۇناسىۋىتى. ئادەملەر ئادەتتە ئۆز ئەھۋالىغا ماس مەقسەتلەرنى قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تىرىشىدىغان كىشىلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە دېگەندەك، ئورتاق بىر مەقسەت ئۈچۈن تىرىشىش دوستلۇق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى.
خۇشاللىق. مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا قول يەتكۈزگەندە قانائەت ھاسىل قىلىسىز.
«ئالدىمغا مەقسەتلەرنى قويۇشنى ياخشى كۆرىمەن. شۇنداق بولغاندا ھەر كۈنى بەنت بولىدىغان ئىشلىرىم بولىدۇ. ھەر بىر مەقسىتىڭىزگە يەتكەندە، خۇرسەنلىك بىلەن ئارقىڭىزغا قاراپ: «ۋاھ، ئاخىرى كۆزلىگەن مەقسىتىمگە يەتتىم، قىلماقچى بولغان ئىشىمنى پۈتتۈردۈم!»— دەيسىز (كرىستوفېر).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «شامالغا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت تېرىماس ۋە بۇلۇتقا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت ئورىماس».—ۋەز 11:4.
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
تۆۋەندىكى قەدەم-باسقۇچلار مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
مەقسەتلەرنى ئېنىقلاڭ. يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىڭىزنى تىزىملاپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەپ مۇھىملىقىنى بەلگۈلەپ قويۇڭ.
پىلان تۈزۈڭ. ھەر بىر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىڭ.
-
مۇۋاپىق مۇددەت بەلگىلەڭ.
-
تەپسىلىي قەدەم-باسقۇچلارنى يېزىپ قويۇڭ.
-
ئالدىڭىزدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
ھەرىكەت قىلىڭ. ئىشىڭىزنى باشلاش ئۈچۈن ھەممە نەرسە تەلتۆكۈس تەييار بولۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭ. ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: «مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال نېمە قىلسام بولىدۇ؟». كېيىن، ھەرىكەت قىلىڭ. ھەر بىر قەدەم-باسقۇچنى تاماملىغاندا، پىلان قىلغان مەقسەتكە يېتىشكە يەنە قانچىلىك قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «چاققاننىڭ ئوي ئويلىنىشى بايلىققا سەۋەب بولادۇر».—پەندى-نەسىھەت 21:5.