مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش

تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش

ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ 12 سىرى

تۇ‌رمۇ‌شتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالمىغاچ،‏ ئائىلىلە‌رنىڭ بۇ‌زۇ‌لغانلىقى ھە‌ققىدە دائىم ئاڭلايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ سىرى نېمە؟‏

  • 1990—‏2015-‏يىللار ئارىسىدا،‏ ئامېرىكىدا 50 ۋە ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرى ياشتىكى كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئاجرىشىپ كە‌تكە‌ن ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ سانى ئىككى ھە‌سسە،‏ 65 ۋە ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرى ياشتىكى كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئۈچ ھە‌سسە كۆپە‌يدى.‏

  • ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلىشنى بىلمە‌يدۇ:‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر بالىلارنى دائىم ماختاپ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌يدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ ئۇ‌لارغا قاتتىق قوللار بولۇ‌ش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏

  • مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌پلا،‏ ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قە‌دە‌م تاشلايدۇ.‏

بىراق،‏ شۇ‌نىڭغا قارىماستىن:‏

  • نىكاھ رىشتىسى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە بولىدۇ.‏

  • ئاتا-‏ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

  • ياشلار كىشىلىك ھاياتقا قە‌دە‌م تاشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ زۆرۈر پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ھۈنە‌ر ماھارە‌تلىرىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

قانداق قىلىپ؟‏ «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلىنىڭ بۇ سانىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئائىلىۋى بە‌ختنىڭ 12 سىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏