2. كىمگە دۇئا قىلىش كېرەك؟
كىمگە دۇئا قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ياراتقۇچى بارلىق دۇئالارغا قۇلاق سالامدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە كىشىلەر: ھەئە، قۇلاق سالىدۇ،— دەيدۇ. كىشى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ياكى كىمنىڭ نامىدىن دۇئا قىلسۇن، بۇ ئوي-پىكىر كەڭ تارقالغان. بىراق، بۇ توغرىمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا، خۇدا بارلىق دۇئالارغا قولاق سالىدۇ دەپ يېزىلمىغان. مۇقەددەس كىتاب يېزىلىۋاتقان دەۋردە، ئادەملەر جېنى يوق نەرسىلەرگە، مەسىلەن بۇتلارغا دۇئا قىلغان. لېكىن، خۇدا بۇ يولنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابقا مۇنداق سۆزلەرنى يازدۇرغان: «ئۇلارنىڭ ... قۇلاقلىرى بار، ئەمما ئاڭلىيالماس» (زەبۇر 115:4—6). شەك-شۈبھىسىزكى، جېنى يوق ئىلاھقا دۇئا قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.
مۇقەددەس كىتابتا، بايان قىلىنغان بىر قىزىقارلىق ۋەقە بۇنى ياخشىراق چۈشىنىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھەق خۇدانىڭ پەيغەمبىرى ئىلياس، ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ، ئۇلارنى ئۆز ئىلاھىغا دۇئا قىلىشقا چاقىرغان. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزۈمنىڭ ھەق خۇدايىمغا دۇئا قىلىمەن دەپ ئېيتقان. ئىلياس پەيغەمبەر ھەق خۇدا دۇئايىمغا جاۋاب بېرىدۇ، بىراق، ساختا ئىلاھ شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرمەيدۇ دېگەن. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇزۇن ۋاقىت، ھەتتا يوقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلاپ، ئۆز خۇداسىنى چاقىرىپ دۇئا قىلغان. مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغىنىمىزدەك: «لېكىن يەنىلا ھېچبىر ئاۋاز ياكى جاۋاب كەلمىدى؛ ھېچكىم ئۇلارغا پەرۋا قىلىپ قويمىدى» (1-پادىشاھلار 18:29). خوش، ئىلياس دۇئا قىلغاندا، نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
ئىلياس پەيغەمبەر دۇئا قىلغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىغا دەرھاللا جاۋاب بېرىپ، ئەكەلگەن قۇربانى ئۈستىگە ئاسماندىن ئوت چۈشەرگەن. ئۇنداقتا، ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرى بىلەن ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ 1-پادىشاھلار 18: 36، 37-ئايەتلەردىكى، ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىدىن مۇھىم ساۋاق ئالالايمىز. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا، ئۇ دۇئاسىدا بار-يوقى 30 سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئاللانىڭ يەھۋا دېگەن خاس ئىسىمىنى ئۈچ قېتىم ئىشلەتكەن.
قەدىمقى زاماندا قانانلىقلار چوقۇنغان ساختا ئىلاھنىڭ بائال دېگەن نامى، «خوجايىن» ياكى «ئىگە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قانان زېمىنىدىكى يات خەلقلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان بائال بۇتلىرىغا چوقۇنغان. بىراق، پۈتكۈل كائىناتتا پەقەت ئاللا ئۆزىگە خاس ئىسىمغا ئىگە. خۇدا ئۆزى خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مەن يەھۋامەن، بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇر. ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى باشقا بىرىگە . . . بەرمەيمەن».—يەشايا 42:8.
خۇدا يەنە نېمە ئۈچۈن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرىغا ئەمەس، ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەرگەن؟ بائالغا چوقۇنغانلار ئىبادەتخانىلىرىدا پاھىشىۋازلىق قىلىپ، گۇناھقا پاتقان، ھەتتاكى ئادەملەرنى قۇربانلىققا ئەكېلەتتى. بىراق، يەھۋا ئىسرائىل خەلقىنى توغرا يولغا سېلىپ، ئۇلارنى شۇنداق ئەخلاقسىز ئىشلاردىن ھىمايە قىلغان. ئەمدى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: سىز ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى نام-ئابرويلۇق دوستىڭىزغا خەت يېزىپ ئەۋەتمەكچىسىز. لېكىن، خەت دوستىڭىزنىڭ ئەمەس، رەزىل، ئەخلاقسىز كىشىنىڭ قولىغا چۈشتى. خۇشال بولامسىز؟ ئەلۋەتتە، ياق.
ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ، ھەممە دۇئالار ئوخشاش بىر جايغا بارمايدۇ، دەپ بائالغا چوقۇنغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى قىلغان سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان
ئەگەر يەھۋاغا دۇئا قىلسىڭىز، ئەسلى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولغان ياراتقۇچىغا دۇئا قىلىسىز a. يەشايا پەيغەمبەرمۇ خۇدانى بىزنىڭ ئاتىمىزسەن دەپ چاقىرغان (يەشايا 63:16). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا پەيغەمبەر شاگىرتلىرىغا مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلارنىڭ، مېنىڭ خۇدايىم ۋە سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقى[مەن]» (يۇھاننا 20:17). كۆرگىنىمىزدەك، ئەيسا ئۆز ئاتىسى يەھۋاغا دۇئا قىلغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە شۇنى قىلىشنى ئۆگەتكەن.—مەتتا 6:9.
قانداق ئويلايسىز، يەھۋادىن باشقا ئەجدادلارنىڭ روھىغا، ئەرۋاھلارغا ياكى ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا دۇئا ئوقۇش ياكى قىلىش توغرىمۇ؟ ياق، پەقەت يالغۇز يەھۋاغا دۇئا قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، دۇئا ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى بولغاچ، تەڭرى يەھۋاغىلا دۇئا قىلىش كېرەك (چىقىش 20:5). ئىككىنچىدىن، مۇقەددەس كىتابتا پەقەت يەھۋا «دۇئانى ئاڭلىغۇچى» دەپ ئاتالغان (زەبۇر 65:2). گەرچە ھەممىگە قادىر يەھۋا بەزى ھوقۇقىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىمۇ، دۇئالارنى ئاڭلاش مەسئۇلىيىتىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەرھەقىقەت، خۇدا شەخسەن ئۆزى دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.
دېمەك، ئەگەر خۇدانىڭ دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سېلىشىنى خالىسىڭىز، «يەھۋانىڭ ئىسىمىنى چاقىرغان ھەر بىر ئادەم قۇتقۇزۇلىدۇ»، دېگەن مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك (ئەلچىلەر 2:21). بىراق، خۇدا دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى بىلىشىمىز كېرەك؟
a بەزى دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئاساسەن، خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى ھەتتا دۇئادىمۇ تىلغا ئېلىش مەنئىي قىلىنغان. بىراق، ياراتقۇچىنىڭ ئىسىمى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا تەخمىنەن 7000 قېتىم ئۇچرايدۇ. قەدىمدە ياشىغان سادىق كىشىلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دۇئالىرىدا، يەھۋا دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتكەن.