بالايىئاپەتلەر ئۈمىد بېرەر
بالايىئاپەتلەر ئۈمىد بېرەر
«ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار كېلىدۇ».—2-تىموتىي 3:1.
سىز تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان ئېچىنارلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلىدىڭىز ياكى كۆردىڭىزمۇ؟
● نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ۋابا كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.
● ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ.
● يەر تەۋرەشتە مىڭلىغان ئادەملەر جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆي-ماكانسىز قېلىۋاتىدۇ.
كېيىنكى ماقالىلەردە، سىز مۇشۇ ۋەقەلەرگە ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يەنە باشقا ۋەقەلەرنى كۆرۈپ چىقىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋەقەلەر مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىر زامان» دەپ ئاتالغان دەۋردە يۈز بېرىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز.
بەلكىم، سىز بۇنداق ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلەن كۆرۈۋاتقانسىز. شۇڭا، بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ مەقسىتى سىزنى بالايئاپەتلەرگە تولغان دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۈمىد بېرىشتۇر. بىز ئالتە بېشارەتنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى، مۇشۇ «ئاخىر زامان»نىڭ پات-يېقىندا ئاخىرلىشىدىغان كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر قاتار ماقالىلەردە، «ئاخىر زامان»نىڭ ئالامەتلىرىگە قارشى كەڭ تارقالغان كۆزقاراش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ۋە كەلگۈسىدە ئاجايىپ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆرسىتىلىدۇ.