4. ئىنسانلار كۆيۈمسىز بولىدۇ
4. ئىنسانلار كۆيۈمسىز بولىدۇ
«ئىنسانلار . . . مېھىر-مۇھەببەتسىز . . . بولىدۇ».—2-تىموتىي 3:1—3.
● شىمالىي ۋېلىس ئۆلكىسىدىكى كرىس ئىسىملىك كىشى ئائىلىسىدە زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدىغان بىر ئورۇندا ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئايالنىڭ كەلگىنى ئېسىمدە. ئۇ ئىلگىرى بىزدىن ياردەم سورىغان ئىدى. ئۇنى شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرۇۋەتكەنكى، ھەتتا بۇ قېتىم ئۇنى كۆرگەندە تونۇيالماي قالغان ئىدىم. باشقا ئاياللارنىڭ قەلبى شۇنچىلىك جاراھەتلەنكى، ھەتتا ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئادەملەرگە قاراشتىن ئۇيۇلىدۇ».
دەلىل-ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئافرىقىدىكى بىر دۆلەتتە ئاياللارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى، بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان. شۇ دۆلەتتە خەلق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆز ئاياللىرىنى ئۇرۇشنى ئاددىي بىر ئىش، دەپ قارايدۇ. بىراق، ئائىلىلەردە، ئائىلە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى پەقەت ئاياللار ئەمەس. مەسىلەن، كانادادا تەخمىنەن 30 پىرسەنت ئەرلەر ئۆز ئاياللىرى تەرىپىدىن خورلاشقا ئۇچرايدۇ.
كەڭ تارقالغان كۆز قاراش
ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇچراش بۇرۇنمۇ بولغان. بىراق، بۇ مەسىلىگە بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقىغا قارىغاندا، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈنىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟
راست، يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىچىدە بۇ مەسىلە پات-پات تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن خەۋەردار بولدى، ئەمما ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ سانى ئازايدىمۇ؟ ياق، ئازايغىنى يوق. ئەكسىنچە، ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇچراش ۋەقەلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.
سىز قانداق ئويلايسىز؟
2-تىموتىي 3:1—3-ئايەتتىكى بېشارەتلىك سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىۋاتامدۇ؟ نۇرغۇن ئائىلىلەردە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاۋاتامسىز؟
كېيىنكى ماقالىدە، بىز مۇقەددەس كىتابتىكى، ماكان-جايىمىز بولغان يەر شارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىر ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بەشىنچى بېشارەتنى كۆرۈپ چىقىمىز.
[قىستۇرما تېكىسىت]
«ئائىلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەققىدىكى ستاتىستىكا مەلۇماتى جەمئىيەتتە ئېلان قىلىنمىغان جىنايەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساپ بويىچە، ئايال تەخمىنەن 35 قېتىم ئېرى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىنلا ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىدىكەن».—ۋېلىس ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلارنى قوغداش ئورنىنىڭ ۋەكىلى.