مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇدانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان يالغانچىلىقلار
ھەقىقەت سىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ
بىر كۈنى يېرۇسالىم شەھىرىدە ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتىكى ئاتىسى يەھۋا ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ، ساختا دىن رەھبەرلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىگەن (يۇھاننا 8:12—30). ئۇنىڭ شۇ چاغدا ئېيتقان سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە خۇدا توغرىسىدىكى كەڭ ئومۇملاشقان تەلىماتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەيسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر. ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ».—يۇھاننا 8:31، 32.
ئەيسا ئەلەيھىسسالام «ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار» دەپ، قانداقتۇ بىر دىنىي تەلىماتنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ بىر ئۆلچەم-تەلىپىنى ئورناتقان. ئاللا ھەققىدە بىرەر نەرسە ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «بۇ سۆزلەر ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان سۆزلىرىگە ۋە مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىگە ئۇيغۇنمۇ؟»— دەپ سوراڭ. خۇدانىڭ خىزمەتچىسى ئەلچى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئىبرانىي يازمىلاردا ئېيتىلغان سۆزلەرنى تەكشۈرۈپ، شۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغان كىشىلەردىن ئۈلگە ئېلىڭ.—ئەلچىلەر 17:11.
بۇ بىر قاتار ماقالىلەردە، ماركو، روزا ۋە رايموندالارنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرگەن. خوش، ئۇلار نېمىلەرنى بىلىۋالدى؟
ماركو: «ئايالىم ئىككىمىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگەن كىشى بىزنىڭ بارلىق سوئاللىرىمىزغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بېرەتتى. بىز يەھۋا خۇدانى سۆيۈشكە باشلىدۇق ۋە بىز ئۆزىمىزنىڭ نىكاھ رىشتىسى كۈچەيگەن ئىدى.
روزا: «بېشىدا مەن مۇقەددەس كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرى ئارقىلىق خۇدانى چۈشەندۈرىدىغان پەلسەپە كىتابى دەپ ئويلايتتىم. بىراق، ۋاقىت ئۆتۈپ، مەن سوئاللىرىمغا مۇقەددەس كىتابتىن جاۋابلارنى تاپتىم. ئەمدى بولسا، يەھۋا مەن ئۈچۈن ھەقىقىي رېئال شەخس بولدى. ئۇ مەن ئىشەنچ باغلاشقا بولىدىغان شەخستۇر».
رايموندا: «مەن خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇنى تونۇشۇمغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۈم. بۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەي، ئېرىم بىلەن مەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدۇق. نەتىجىدە، بىز تەڭرى يەھۋا توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلىۋالدۇق! ياراتقۇچى خۇدايىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلگىنىمىزدىن خۇشال بولدۇق».
مۇقەددەس كىتابتا خۇدا توغرىسىدىكى يالغانچىلىقلار ئاشكارا قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئۇشبۇ كىتاب خۇدا تەرىپىدىن روھلاندۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ ياردىمىدە ئېگىمىز بىزگە ھەدىيە قىلىۋاتقان بارلىق نەرسىنى، يەنى ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز (1-كورىنتلىقلار 2:12). ئاللا، ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە كېلەچىكىمىز توغرىسىدىكى كۆپ سورالغان سوئاللارغا مۇقەددەس كىتاب ئۆزى قانداق جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ياخشى ئەمەسمۇ؟ سىز www.pr418.com تور بېكىتىگە كىرىپ ياكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرىدىن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلاشنى سورىسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنسىڭىز، خۇدانى سۆيۈشنىڭ ئىلگىرى سىز ئويلىغاندىنمۇ ئاسانراق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.