مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟
مۇقەددەس يازمىلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىشلەردىن ئامان قالغان
خەۋپ-خەتەر: چىرىش ۋە قارشىلىق كەبى تاشقى خەۋپ-خەتەرلەر مۇقەددەس كىتابنى يوق قىلالمىغان. بىراق، يەنە بىر خەۋپ-خەتەر بار ئىدى. بەزى نۇسخا كۆچۈرگۈچىلەر ۋە تەرجىمانلار مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان. ئۇلار ئۆز تەلىماتلىرىنى مۇقەددەس كىتابقا ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆز تەلىماتلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. كېلىڭ، بەزى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئىبادەت قىلىدىغان جاي. مىلادىدىن ئىلگىرى VI—II-ئەسىرلەر ئارىسىدا، كىشىلەر سامارىيە تەۋراتىنىڭ چىقىش 20:17-ئايىتىگە، «گارىزىم تېغىدا. شۇ يەردە قۇربانگاھ ياسىغىن» دېگەن جۈملىنى قوشۇپ قويغان. شۇنداق قىلىپ، سامارىيەلىكلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ياردىمىدە گارىزىم تېغىدا ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن باھانە-سەۋەب ئىزدەشكە ھەرىكەت قىلغان.
ئۈچبىرلىك تەلىماتى. مۇقەددەس يازمىلار يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، 300 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۈچبىرلىك تەلىماتى تەرەپدارى بولغان بىر كىشى يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:7-ئايىتىگە، «بۇلار ئاتا، كالام ۋە مۇقەددەس روھتۇر. بۇ ئۈچى بىردۇر» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ قويغان. بۇ سۆزلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا يوق. مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى برۇس مېتىسگېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆزلەر «مىلادى IV-ئەسىردىن باشلاپ، كونا لاتىن قوليازمىلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ۋۇلگاتا تەرجىمىسىدە بارغانسېرى كۆپ ئۇچرايدىغان بولغان».
خۇدانىڭ ئىسىمى. نۇرغۇنلىغان مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمانلىرى يەھۇدىيلارنىڭ خۇراپىي ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگىشىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خۇدانىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپ تاشلاشنى قارار قىلغان. ئۇلار خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ ئورنىغا، «خۇدا»، «پەرۋەردىگار» كەبى نام-ئۇنۋانلارنى ئىشلىتىدىغان بولغانىدى. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا بۇ نام-ئۇنۋانلار پەقەت ياراتقۇچىغىلا ئەمەس، بەلكى ئادەملەر، ساختا چوقۇنۇشتا قوللىنىدىغان بۇتلار كەبى نەرسىلەر ۋە ھەتتا ئىبلىسقا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ (يۇھاننا 10:34، 35؛ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:5، 6؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 4:4) *.
مۇقەددەس كىتاب قانداق ساقلىنىپ قالغان؟ بىرىنچى، گەرچە بەزى مۇقەددەس يازمىلارنى كۆچۈرگۈچىلەر سەمىمىيەتسىز ۋە ئىشەنچسىز بولغان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن ئۆز كەسپىگە ماھىر ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىنى قىلغان كۆچۈرگۈچىلەرمۇ بولغان. مەسىلەن، ماسورېتلارنى ئالايلى. ئۇلار مىلادى IV—X-ئەسىرلەردە ئىبرانىي يازمىلارنى كۆچۈرۈپ يازغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ يازمىلار ماسورېت قوليازمىلىرى دەپ تونۇلغان. ماسورېتلار مۇقەددەس يازمىلارنىڭ مەزمۇنىغا خاتالىقلارنى كىرگۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەر بىر ھەرىپنى ساناپ چىققان ئىدى. ئۇلار ئەسلى نۇسخىسىدىكى تېكىست مەزمۇنىغا خاتالىقلار كىرگۈزۈلگەن دەپ گۇمان قىلغان بولسا، ئۇلار تېكىستنىڭ يان گىرۋىكىگە بەلگىلەرنى سېلىپ قويغان. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن بەكمۇ قورققان. پروفېسسور موشې گوشېن-گوتستىن: «ئۇلار بۇ ئادەتكە قەستەن ئەمەل قىلماسلىقنى ئەڭ ئېغىر جىنايەت دەپ قارىغان»،— دېگەن.
ئىككىنچى، بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئىنتايىن كۆپ قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى مۇقەددەس كىتابقا كىرگۈزۈلگەن خاتالىقلارنى ئېنىقلاشقا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، دىنىي رەھبەرلەر ئۆز قوللىرىدىكى مۇقەددەس كىتابلارنىڭ لاتىنچە تەرجىمىلىرىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئۆزى دەپ، ئەسىرلەر بويى كىشىلەرگە يالغان ئېيتىپ كەلگەن. بۇ ماقالىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۇلار يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:7-ئايىتىگە ئارتۇق سۆزلەرنى قوشۇپ قويغان. مەزكۇر خاتالىق ھەتتا مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى داڭلىق پادىشاھ ياقۇپ تەرجىمىسىدە ئۇچرايدۇ! بىراق، باشقا قوليازمىلار تېپىلغاندا، نېمە مەلۇم بولدى؟ برۇس مېتىسگېر مۇنداق دەپ يازغان: «[يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:7]-دىكى ئۈزۈندە، لاتىن تەرجىمىسىدىن باشقا قەدىمقى تەرجىمىلەرنىڭ ھېچ بىرىدە (سۈرىيانچە، كوپتىكچە، ئەرمەنچە، ئېفىئويىچە، ئەرەبچە ۋە سىلاۋيانچە) ئۇچرىمىغان». نەتىجىدە، بۈگۈنكى كۈندىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى پادىشاھ ياقۇپ تەرجىمىلىرىدە، بۇ ئۈزۈندە چىقىرىلىپ تاشلانغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندىكى تەرجىمىلىرىدىمۇ بۇ سۆزلەر ئۇچرىمايدۇ.
قەدىمىي قوليازمىلار مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ 1947-يىلى «ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرى» تېپىلغاندا، تەتقىقاتچىلار ئىبرانىي ماسورېت قوليازمىلىرىنى ئۇلاردىن مىڭ يىل ئىلگىرى كۆچۈرۈپ يېزىلغان مۇقەددەس كىتاب ئورام قوليازمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپىسىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا بىر ئورام قوليازما «يەھۇدىي كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىشەنچىلىك ئىسپاتلايدۇ».
ئىرلاندىيىنىڭ دۇبلىن شەھىرىدىكى چېستېر بىتتى كۇتۇپخانىسىدا گرېك يازمىلارنىڭ (يېڭى ئەھدە) پاپىروسلار توپلىمى ساقلىنىدۇ. بۇ توپلامدا گرېك يازمىلاردىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بار. يەنە بۇ توپلامدا مىلادى ئىككىنچى ئەسىردىكى قوليازمىلارمۇ بار. دېمەك، ئۇلار مۇقەددەس يازمىلار پۈتۈنلەي يېزىپ تاماملىنىپ، 100 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا مەيدانغا كەلگەن. گەرچە پاپىروسلارنىڭ تېكىستى ھەققىدە كۆپلىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بەرمىسىمۇ، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ تېكىستىنىڭ شۇنچە تارىخى جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئېنىق يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
«شۇنى ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى بۈگۈنكى كۈنگە بۇنىڭدەك توغرا يېتىپ كېلەلمىگەن»
نەتىجە نېمە بولدى؟: مۇقەددەس كىتاب قوليازمىلىرىنىڭ شۇنداق ئۇزۇن تارىخى ۋە شۇنچە كۆپ قوليازما نۇسخىلىرى ھازىر قولىمىزدا بار تېكىستلەرنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئەكسىچە تېخى ياخشى ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. مەشھۇر ئالىم فرېدېرىك كېنيون گرېك يازمىلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «باشقا ھېچبىر قەدىمىي كىتابنىڭ، بۇنىڭدەك ئۇزۇن تارىخى ۋە مول قوليازما تېكىستلىرى يوق. ھەر بىر بىتەرەپلىكنى ساقلايدىغان ئالىم قولىمىزدا بار مۇقەددەس كىتابنىڭ تېكىستىنىڭ ئۆزگەرتىلمەي، ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ». تەتقىقاتچى ۋىليام ھېنرى گرىن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «شۇنى ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ ھېچبىرى بۈگۈنكى كۈنگە بۇنىڭدەك توغرا يېتىپ كېلەلمىگەن».
^ كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن jw.org.www تور بەتتىكى «مۇقەددەس كىتاب _ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» قوشۇمچىسىدىكى 1A ۋە 2A ماۋزۇلىرىغا قاراڭ (باشقا تىلدا).