«ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ»، يەنى ئاخىر زاماننىڭ بەلگۈلىرى نېمە؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا بۇ دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى، يەنى «زامان ئاخىرىنىڭ»، يېقىنلاشقان ۋاقتىنىڭ بەلگۈسى بولىدىغان ۋەقەلەر ۋە شارائىتلار تەسۋىرلەنگەن (مەتتا 24:3، ھ.ز). مۇقەددەس كىتابتا بۇ ۋاقىت «ئاخىرقى كۈنلەر»، «ئاخىر زامان» ياكى «زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 3:1؛ دانىيال 8:19، ھ.ز). ئاخىرقى كۈنلەردە يۈز بېرىدىغان بەزى ئالاھىدە ۋەقەلەر تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن:
دۇنياۋىي ئۇرۇشلار (مەتتا 24:7؛ ۋەھىي 6:4).
ئاچارچىلىق (مەتتا 24:7؛ ۋەھىي 6:5، 6).
قاتتىق يەر تەۋرەشلەر (لۇقا 21:11).
جۇقۇملۇق كېسەللەر (لۇقا 21:11).
جىنايەتچىلىكنىڭ كۆپىيىشى (مەتتا 24:12).
ئىنسانىيەتنىڭ يەرنى گۇمران قىلىشى (ۋەھىي 11:18).
ئادەملەرنىڭ مۈجەز-خۇلقى بۇزۇلغانلىقتىن، كۆپلىگەن ئادەملەر «مىننەتدارسىز، سادىقسىز،... جاھىل، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، ھىممەتلىككە ئۆچ، ساتقۇن، مەنمەن» بولىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—4).
ئائىلىلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، ئادەملەر «تۇغقانلىقتىن بەزگەن» ۋە بالىلار «ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان» بولىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 3:2، 3).
نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى سوۋۇپ كېتىدۇ (مەتتا 24:12).
دىنىي ئىككىۈزلۈكنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈشى (تىموتىيغا 2-خەت 3:5).
ئاخىرقى كۈنلەر ھەققىدىكى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا بەشارەتلەرگە تېگىشلىك بىلىمنىڭ كۆپىيىشى (دانىيال 12:4).
پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋەز قىلىنىشى (مەتتا 24:14).
ئاخىرقى كۈنلەر بەلگۈلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە ھەتتا زاڭلىق قىلىنىشى (مەتتا 24:37—39؛ پېترۇسنىڭ 2-خېتى 3:3، 4).
بەشارەتلەرنىڭ پەقەت بىرنەچچىسى ئەمەس، ھەممىسىنىڭ بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىشى (مەتتا 24:33).
بىز «ئاخىرقى كۈنلەردە» ياشاۋاتىمىزمۇ؟
ھە، بۇ دۇنيادا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ خرونولوگىياسى ئاخىرقى كۈنلەر 1914-يىلى باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يىلدىن تارتىپ خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ، شەيتاننى ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاسماندىن يەرگە تاشلىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ تەسىرى پەقەت يەر بىلەن چەكلەنگەن (ۋەھىي 12:7—12). شەيتاننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى ئاخىر زاماننى «ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن ۋاقىت» قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يامان مۈجەز-خۇلقى بىلەن ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 3:1).