خۇدا بارمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ھەئە، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا بارلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپاتلار كەلتۈرۈلگەن. مۇقەددەس كىتاب بىزنى دىنىي كۆزقاراشقا قارغۇلارچە ئىشىنىشكە ئەمەس، ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، خۇداغا ئىشىنىشكە ئۈندەيدۇ (رىملىقلارغا 12:1؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:20). مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقايلى:
كائىناتتىكى ھاياتلىقنىڭ تەرتىپلىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئەلۋەتتە، ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر»،— دەپ يېزىلغان (ئىبرانىيلارغا 3:4). گەرچە بۇ سۆزلەر ئاددىي بولسىمۇ، كۆپلىگەن بىلىملىك ئادەملەر بۇنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات دەپ قارايدۇ. *
ئىنسانلار سۈپىتىدە، بىزدە ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە مەقسىتىنى چۈشىنىش كەبى تەبىئىي ئىستەك بار. ھەتتا جىسمانىي ئېھتىياجلىرىمىز قانائەتلەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىستەك يوقاپ كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مۇقەددەس كىتابتا خۇدانى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياج ھەققىدە سۆز قىلىنغان (مەتتا 4:4؛ 5:3؛ ۋەھىي 4:11). روھىي ئېھتىياجنىڭ بارلىقى پەقەت خۇدا بارلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاشۇ ئېھتىياجىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنى خالايدىغان مېھىر-مۇھەببەتلىك ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ھەم كۆرستىپ بېرىدۇ (مەتتا 4:4).
مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر ئەمەلگە ئېشىشتىن بىرنەچچە ئەسىر ئالدىن يېزىلغان ۋە ئۇلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت-سائەت كەلگەندە، تەپسىلىي ئەمەلگە ئاشقان. بۇ بېشارەتلەرنىڭ تەپسىلىي ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇلارنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 1:21).
مۇقەددەس يازمىلارنى قەلەمگە ئېلىپ يازغان كىشىلەر ئۆز زامانداشلىرى چۈشەنمەيدىغان بىلىملەرگە ئىگە بولغان. مەسىلەن، قەدىمدە كۆپلىگەن ئادەملەر يەر پىل، ياۋا توڭگۇز ياكى بۇقا دېگەندەك ھايۋاناتلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ دەپ ئويلىغان. مۇقەددەس كىتابتا بولسا، خۇدا «زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى»، _ دەپ يېزىلغان (ئايۇپ 26:7). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا يەرنىڭ «شار» شەكلىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان (يەشايا 40:22). مۇقەددەس يازمىلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈلگەن، شۇ سەۋەب نۇرغۇن ئىنسانلار مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغان كىشىلەرگە مەلۇماتلار خۇدادىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ.
مۇقەددەس كىتاب كۆپلىگەن قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ. لېكىن، ئادەملەر مەسىلەن، خۇدا مېھىرىبان ۋە ھەممىگە قادىر بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتلىك قان تۆكۈلۈشلەرگە تولۇپ كەتتى؟ نېمە ئۈچۈن دىنىي-ئېتىقادى سەۋەبلىك ئىنسانلار بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىشىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىسا، خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن (تىتۇس 1:16)
^ مەسىلەن، ئاللان سەنداج ئىسىملىك ئاسترونوم كائىنات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «تەرتىپلىك كائىنات تەرتىپسىزلىكتىن پەيدا بولغان دېگەن كۆزقاراش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بۇ تەرتىپنىڭ قانداقتۇ بىر مەنبەسى بولۇشى كېرەك. مەن ئۈچۈن خۇدا يوشۇرۇن سىر، لېكىن پەقەت ئۇ بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، نېمە ئۈچۈن كائىناتنىڭ قۇپقۇرۇق ئەمەس، شۇنچە كۆپ نەرسىلەرگە تولغانلىقىنى بىزگە دەپ بېرىدۇ ».