سوزۇلما كېسەل بىلەن قىينىلىۋاتقانلارغا مۇقەددەس كىتاب ياردەم بېرەلەمدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى جاۋاب
ھەئە، خۇدا كېسەلگە گىرىپتار بولغان خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىسى توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا، پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا، شىپا بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا» (زەبۇر 41:3). سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىپ، تەسەللى تاپالايسىز:
بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سوراپ، دۇئا قىلىڭ. «خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى» قەلبىڭىزدە ئورۇن ئالىدۇ. بۇ تىنچلىق غەم-تەشۋىشلىرىڭىزنى ئازايتىپ، سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7).
ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلاڭ. مۇقەددەس كىتابتا: «بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى، قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى» (پەندى-نەسىھەت 17:22). كۈلكە چاقچاقنى ئۇنتۇماڭ. بۇ پەقەت كۆڭلىڭىزنى كۆتۈرۈپلا قالماي، بەلكى تەن-سالامەتلىكىڭىزگىمۇ ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
كېلەچەككە ئۈمىد باغلاڭ. كۈچلۈك ئۈمىد سىزگە سوزۇلما كېسەلگە قارىماستىن خۇشاللىقنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ (رىملىقلارغا 12:12). مۇقەددەس كىتابتا: «ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ»،— دەپ يېزىلغان (يەشايا 33:24). شۇ ۋاقىتتا، زامانىۋىي ئىلىم-پەن داۋالاشنى تاپالمايۋاتقان سوزۇلما كېسەللەرنى خۇدا ساقايتىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا ياشانغانلار يەنە ياش ۋە ساغلام بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئەت-تېرىلىرى خۇددى بالىلارنىڭكىدەك يۇمرانلىشىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ» (ئايۇپ 33:25).
ئىزاھات: گەرچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇدانىڭ ياردىمىگە تايانسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوزۇلما كېسەلنى داۋالىتىش ئۈچۈن شۇ ساھەدە ئىشلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ياردەم سورايدۇ (مارك 2:17). بىراق، بىز قانداقتۇ بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇۋالمايمىز. ئەكسىنچە تەن-سالامەتلىكى ھەققىدە ھەر بىر ئادەم ئۆزى شەخسەن قارار چىقىرىشى كېرەك دەپ قارايمىز.