مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ ئۇ نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ ئۇ نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ —‏ بۇ خۇ‌دانىڭ قوللىنىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتى ياكى ھە‌رىكە‌ت كۈچى (‏مىكا 3:‏8؛‏ لۇ‌قا 1:‏35‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بۇ روھنى ھە‌رقانداق يە‌رگە ئە‌ۋە‌تىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏30؛‏ 139:‏7‏)‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىبرانىي سۆزى «رۇ‌ئاخ» ۋە گرېك سۆزى «پنېۋما» «روھ» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ كۆپىنچە بۇ سۆزلە‌ر خۇ‌دانىڭ ھە‌رىكە‌ت كۈچى ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى كۆرسىتىدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏2‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ سۆزلە‌رنى باشقا مە‌نىدىمۇ ئىشلىتىدۇ:‏

  •   نە‌پە‌س (‏ھاباققۇ‌ق 2:‏19؛‏ ۋە‌ھىي 13:‏15‏)‏.‏

  •   شامال (‏يارىتىلىش 8:‏1؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏8‏)‏.‏

  •   تىرىك مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ھاياتىي كۈچى (‏ئايۇ‌پ 34:‏14،‏ 15‏)‏.‏

  •   ئىنساننىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى ياكى كۆزقارىشى (‏سانلار 14:‏24‏)‏.‏

  •   روھىي شە‌خس،‏ شۇ جۈملىدىن خۇ‌دا ۋە پە‌رىشتىلە‌ر (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 22:‏21؛‏ يۇ‌ھاننا 4:‏24‏)‏.‏

 بۇ چۈشە‌نچىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئىنسان كۆزى بىلە‌ن كۆرە‌لمە‌يدۇ،‏ لېكىن ئۇ‌لارنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان تە‌سىرىنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ روھى «شامال كە‌بى كۆزگە كۆرۈنمە‌يدۇ،‏ تېنى يوق ۋە ئۇ قۇ‌درە‌تلىك» (‏”An Expository Dictionary of New Testament Words, by W. E. Vine”‏)‏.‏

 بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئۇ‌نىڭ قوللىرى ياكى بارماقلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان (‏زە‌بۇ‌ر 8:‏3؛‏ 19:‏1؛‏ لۇ‌قا 11:‏20؛‏ مە‌تتا 12:‏28-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ھۈنە‌رۋە‌ن بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قوللىرى ۋە بارماقلىرىنى ئىشلە‌تكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دامۇ تۆۋە‌ندىكى ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئىشلە‌تكە‌ن:‏

  •   كائىناتنى ياراتقاندا (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏6؛‏ يە‌شايا 66:‏1،‏ 2‏)‏.‏

  •   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يازدۇ‌رغاندا (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 1:‏20،‏ 21‏)‏.‏

  •   قە‌دىمدە خىزمە‌تچىلىرى مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ندە ۋە قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغاندا (‏لۇ‌قا 4:‏18؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 12:‏4—‏11‏)‏.‏

  •   خۇ‌داغا بويسۇ‌نىدىغان كىشىلە‌ر ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ندە (‏گالاتىيالىقلارغا 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ شە‌خس ئە‌مە‌س

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئۇ‌نىڭ «قوللىرى»،‏ «بارماقلىرى» ياكى «نە‌پىسى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقى،‏ شۇ روھنىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏چىقىش 15:‏8،‏ 10‏)‏.‏ ھۈنە‌رۋە‌ننىڭ قوللىرى،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌قلى ۋە تېنىدىن مۇ‌ستە‌قىل ھالدا ھە‌رىكە‌ت قىلالمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھمۇ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ يېتە‌كلىشى بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ روھى سۇ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان ۋە ئىمان-‏ئېتىقاد ھە‌مدە بىلىمگە ئوخشاش چۈشە‌نچىلە‌ر بىلە‌ن باغلىنىشى بولغان.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ شە‌خس ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏يە‌شايا 44:‏3؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 6:‏5؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏6‏)‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا ۋە ئوغلىنىڭ ئىسىمى ئە‌يسا ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھېچ يېرىدە مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئىسىم بېرىلگە‌نلىكى يېزىلمىغان (‏يە‌شايا 42:‏8؛‏ لۇ‌قا 1:‏31‏)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىستىپان چالما-‏كېسە‌ك قىلىنىپ،‏ ئازاب چە‌ككە‌ندە،‏ مۆجىزىۋىي ۋە‌ھىيلىك كۆرۈنۈش كۆز ئالدىغا كېلىپ،‏ ئاسماندا ئۈچ شە‌خسنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى پە‌قە‌ت ئىككى شە‌خسنىلا كۆرگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا چۆمگە‌ن ئىستىپان بولسا،‏ كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ،‏ خۇ‌دانىڭ پارلاق نۇ‌رىنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئوڭ يېنىدا تۇ‌رغان ھە‌زرىتى ئە‌يسانى كۆردى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 7:‏55‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ ھە‌رىكە‌ت كۈچى ئىستىپانغا بۇ ۋە‌ھىينى كۆرۈشكە ياردە‌م قىلغان.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ھە‌ققىدىكى ناتوغرا پىكىرلە‌ر

 ناتوغرا پىكىر:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زىبىر تە‌رجىمىسىدىكى يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ شە‌خس ۋە ئۈچ بىرلىكنىڭ بىر قىسمى.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بە‌زىبىر تە‌رجىمىسىدە يۇ‌ھاننانىڭ 1-‏خېتى 5:‏7-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان:‏ « .‏ .‏ .‏ ئاسماندا ئاتا،‏ سۆز ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بار؛‏ ۋە ئۇ‌لار ئۈچى بىرلىكتۇ‌ر».‏ بىراق،‏ تە‌تقىقاتچىلار ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ بۇ سۆزلە‌رنى يازمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تە‌ۋە ئە‌مە‌س.‏ پروفېسسور برۇ‌س .‏ مېتسگېر مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «بۇ سۆزلە‌ر ئويدۇ‌رۇ‌پ چىقىلغان يالغانچىلىق ۋە چوقۇ‌م يېڭى ئە‌ھدىدە بولماسلىقى كېرە‌ك» (‏”A Textual Commentary on the Greek New Testament”‏)‏.‏

 ناتوغرا پىكىر:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى جانلاندۇ‌رۇ‌پ كۆرسىتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بۇ ئۇ‌نىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زىدە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ جانلاندۇ‌رۇ‌پ كۆرسىتىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردە‌مچى سۈپىتىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىدىغانلىقى،‏ يېتە‌كلە‌يدىغانلىقى،‏ سۆزلە‌يدىغانلىقى،‏ ئاڭلايدىغانلىقى،‏ جازالايدىغانلىقى،‏ ئۇ‌لۇ‌غلايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 16:‏7—‏15‏)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نىڭغا ئوخشاش دانالىق،‏ ئۆلۈم ۋە گۇ‌ناھ جانلاندۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كۆرسىتىلگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏19؛‏ لۇ‌قا 7:‏35؛‏ رىملىقلارغا 7:‏8،‏ 11‏)‏.‏

 مە‌سىلە‌ن،‏ دانالىقنىڭ «ئىشلىرى» بارلىقى ۋە گۇ‌ناھ ئازدۇ‌رىدىغانلىقى،‏ ئۆلۈمگە دۇ‌چار قىلىدىغانلىقى ۋە ھە‌رتۈرلۈك يامان ھە‌ۋە‌سلە‌رنى قوزغايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىلغان.‏

 ناتوغرا پىكىر:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ نامى بىلە‌ن چۆمۈلدۈرۈش ئۇ‌نىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ‏.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زىدە كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ كۈچ ياكى ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نام ياكى ئىسىم سۆزى قوللىنىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏5،‏ 19—‏22‏؛‏ ئە‌ستېر 8:‏10)‏.‏ بۇ بە‌زىدە تىلدا ئىپادىلە‌نگە‌ن «قانۇ‌ن نامى بىلە‌ن» ياكى «قانۇ‌ن نامىدىن» سۆز-‏ئىبارىلە‌رگە ئوخشاش.‏ بىراق،‏ بۇ سۆزلە‌ر قانۇ‌ننىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏مە‌تتا 28:‏19‏)‏.‏

 ناتوغرا پىكىر:‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى ۋە باشقا ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ شە‌خس ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن.‏

 ھە‌قىقە‌ت:‏ نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ نە تارىخ بۇ‌نى تە‌ستىقلىمايدۇ.‏ برىتانىكا قامۇ‌سىدا مۇ‌نداق دە‌پ چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئالاھىدە ئىلاھىي شە‌خس ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى چۈشە‌نچە،‏ مىلادى 381-‏يىلى كونستانتىنوپول كېڭىشىدە ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌لۇ‌پ،‏ قوبۇ‌ل قىلىنغان» (‏Encyclopædia Britannic‏)‏.‏ بۇ ئاخىرقى ئە‌لچى ئۆلۈپ،‏ 250 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن يۈز بە‌رگە‌ن.‏