يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىلەرنى بۇزامدۇ ياكى مۇستەھكەملەمدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆزىنىڭمۇ، قوشنىلىرىنىڭمۇ ئائىلىسىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ. سەۋەبى، بىز خۇدانى ئائىلە قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيمىز (يارىتىلىش 2:21—24؛ ئەفەسلىكلەرگە 3:14، 15). خۇدا مۇقەددەس كىتابتا ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرگەن. شۇ نەسىھەتلەر دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆز نىكاھىنى مۇستەھكەملىشىگە ۋە خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىلەرنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر بىزگە ياخشى ئەر ياكى ئايال ۋە ياخشى ئاتا ياكى ئانا بولۇشقا ياردەم بەرگەچكە، شۇ مەسلىھەتلەر بويىچە ياشاشقا تىرىشىمىز (پەندى-نەسىھەت 31:10—31؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:22—6:4؛ تىموتىيغا 1-خەت 5:8). مۇقەددەس كىتابتىكى دانا سۆزلەر ھەتتا ئېتىقادى ھەرخىل بولغان ئائىلىلەرنىڭمۇ بەختلىك تۇرۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1، 2). مەسىلەن، يولدىشى ياكى ئايالى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان، ئۆزلىرى بولسا يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئېيتقان كۆڭۈل سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى:
«توي قىلغاندىن كېيىن، دەسلەپكى ئالتە يىل تۇرمۇشىمىز جېدەل-ماجرا ۋە كۆڭۈل رەنجىتىش بىلەن ئۆتكەن. لېكىن، ئايالىم ئېۋىتى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندا، ئۇ مېھرىبان ۋە سەۋرچان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ شۇنداق ئۆزگەرگەنلىكى نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالدى» (كلائۇئېر، برازىلىيە).
«ئېرىم چانسا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندا، مەن ئۇلار ئائىلىلەرنى بۇزىدۇ، دەپ ئويلىغاچ، ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئېدىم. بىراق بايقىسام، مۇقەددەس كىتاب، ئەكسىچە نىكاھىمىزغا ياردەم بەردى» (ئاگنېس، زامبىيە).
بىز ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەردە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمىز:
ئۆمۈرلۈك جۈپتىنى دانالىق بىلەن تاللاش
نىكاھنىڭ بىرىنچى يىلىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش
ھەمراسىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تىل تېپىشىش
پۇلنى توغرا ئىشلىتىش
تالاش-تارتىشنى توختىتىش
كەچۈرۈمچان بولۇشنى ئۆگىنىش
بالىلارنى تەربىيىلەش
ئادەم ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشى سەۋەبتىن ئائىلىدە جىلدەل-ماجرالار بولامدۇ؟
ئەپسۇسكى، بەزىدە شۇنداق بولىدۇ. مەسىلەن، «سوفرىس» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ 1998-يىلدىكى دوكىاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەر-ئايالدىن پەقەت بىرى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشىنى قارار قىلغان 20 ئائىلە ئىچىدە 1 نىڭ نىكاھىدە قىيىنچىلىق بولغان.
ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلغانلار بەزىدە ئائىلىسىدە قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەتكەن (مەتتا 10:32—36). تارىخشۇناس ۋىل دۇرانتنىڭ ئېيتىشىچە، رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە «مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دىنىي-ئېتىقادى ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى دەپ ئەيىبلەنگەن» a. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇشۇنداق ئەيىبلەشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلارغا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سەۋەبچىمۇ؟
ياۋرۇپا ئىنسان ھوقۇقلىرى سوتى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىلەرنى بۇزىدۇ، دېگەن ئەيىبلەشكە قاراپ چىققاندا، ئائىلىدىكى ئۇرۇش-جىدەلنى كۆپىنچە ۋاقىتتا گۇۋاھچى ئەمەس ئائىلە ئەزالىرى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سوتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار «ئۇرۇق-تۇققىنىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلىمەي، ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاشقا يول بېرىشنى خالىمايدۇ... مۇشۇنداق ئەھۋال ئېتىقادى ھەرخىل بولغان ئائىلىلەردە پات-پات ئۇچرايدۇ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىمۇ بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس». b بىراقئ باشقىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ دىنىي كۆزقارىشىنى ھۆرمەتلىمىسىمۇ، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى: «ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، . . . ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار»،— دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىدۇ (رىملىقلارغا 12:17، 18).
نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادتا بولغان ئادەم بىلەنلا توي قىلىدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نىكاھقا مۇناسىۋەتلىك، مۇقەددەس كىتابتىكى «ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك»، يەنى ئېتىقادداش بىلەن نىكاھ قۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سالىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:39). بۇ بۇيرۇق خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بولغاندىن باشقا، ئۇ ئەمەلىي پايدىلىق. مەسىلەن، 2010-يىلى «نىكاھ ۋە ئائىلە» ناملىق ژۇرنالدا (Journal of Marriage and Family) نەشىر قىلىنغان بىر ماقالىدە «ئىمان-ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئىشەنچى ئوخشاش بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ» مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىراق بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. c
لېكىن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئېتىقادداشلارنى گۇۋاھچى ئەمەس ئۆمۈرلۈك جۈپتىسى بىلەن ئاجرىشىشقا دەۋەت قىلمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «قېرىنداشنىڭ ئېتىقادسىز ئايالى بولسا ۋە ئايالى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئۇنى قويۇپ بەرمىسۇن. ئېتىقادچى ئايالنىڭ ئېتىقادسىز ئېرى بولسا ۋە ئېرى ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇۋېرىشكە رازى بولسا، ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسۇن» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:12، 13، كالام تەرجىمىسى). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇشۇ سۆزلەرگە بويسۇنىدۇ.
a «قەيسەر ۋە مەسىھ» (Caesar and Christ, p. 647).
b «موسكۋا شەھىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ روسىيە فېدېراسىياسىگە قارشى ئەزرىگە» چىقىرىلغان ھۆكۈم (26، 27-ب.، 111-ئابز.).
c «نىكاھ ۋە ئائىلە» ژۇرنىلى (Journal of Marriage and Family, Volume 72, Number 4, (August 2010), page 963).