يەھۋا گۇۋاھچىلىرى پەقەت ئۆزلىرىلا قۇتقۇزۇلۇپ ئامان قالىدۇ، دەپ قارامدۇ؟
ياق. ئۆتمۈشتە نۇرغۇن ئەسىرلەردە ياشغان، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان مىليونلىغان ئادەملەرنىڭمۇ قوتقۇزۇلۇش ئۈمىدى بار. مۇقەددەس كىتاب خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيادا «ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىي ئەمەسلەرنىڭ تىرىلىشى» بولىدۇ، دەپ ئۆگىتىدۇ (ئەلچىلەر 24:15). ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر تېخى خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىمىغان ئادەملەر كۆپ ۋە ئۇلارمۇ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى مۇمكىن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىمنىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قېلىش-قالماسلىقىنى قارار قىلىش، بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. بۇنى ھۆكۈم قىلىش ئەيسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان (يۇھاننا 5:22، 27).