نېمە ئۈچۈن سىلەر «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى»، دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان؟
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، خۇدانىڭ خاس ئىسمى — يەھۋا (چىقىش 6:3؛ زەبۇر 83:18). گۇۋاھچى — بۇ ئۆزى كۆز يەتكۈزگەن ئوي-پىكىرلەر ۋە ھەقىقەتلەرنى جاكارلايدىغان ئادەم.
دېمەك، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن بۇ ئىسىم — بىزنى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يەھۋا خۇدا توغرىسىدا ھەقىقەتنى جاكارلايدىغان بىر توپ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ (ۋەھىي 4:11). بىز يۈرۈش-تۇرۇشىمىز ھەم مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىمىز (يەشايا 43:10—12؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:12).