يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىلىم-پەنگە قانداق قارايدۇ؟
بىز ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ھۆرمەتلەيمىز ۋە دەللىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان ئىلمىي بايقاشلارغا ئىشىنىمىز.
«ئىلىم-پەن — تەبىئەت دۇنياسىنى ھەم جانلىقلارغا خاس ئىش-ھەرىكەتلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە شۇ ھەققىدە توپلانغان بىلىم» (Collins Cobuild Advanced Learner’s Engilsh Dictionary). گەرچە مۇقەددەس كىتاب ئىلم-پەن تەتقىقاتى ھەققىدىكى كىتاب بولمىسىمۇ، ئۇ ئادەملەرنى تەبىئەت دۇنياسىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە باشقىلارنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرىدىن پايدىلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى:
ئاسترونومىيە: «سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسىمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟» (يەشايا 40:26).
بىئولوگىيە: «ئۇ ھەرخىل دەل-دەرخلەر، لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلىگىچە سۆزلەپ ئۆتكەن. ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان» (پادىشاھلار 1-يازما 4:33).
تىبابەت: «ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر» (لۇقا 5:31).
مېتېئورولوگىيە: «قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ... شەرق شامىلى قايسى تەرەپتىن زېمىنغا ئۇرۇلدى؟ شەرق شامىلىنىڭ چىقدىغان جايى قەيەردە؟» (ئايۇپ 38:22—24).
بىزنىڭ ماتېرىياللىرىمىزدا، تەبىئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتلىرى ھەققىدە ماقالىلەر نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ ئىلىم-پەنگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆز بالىلىرىنى ئەتراپتىكى دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن تەبىئەت ھەققىدە بىلىشكە دەۋەت قىلىدۇ. بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىلىم-پەننىڭ بىئوخىمىيە، ماتېماتىكا، فىزىكىغا ئوخشاش ساھەلىرىدە ئىشلەيدۇ.
ئىلىم-پەن ھەممە سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمدۇ؟
ئىلىم-پەن ئادەملەرنىڭ ھەممە سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلەيدۇ، دەپ قارىمايمىز. a مەسىلەن، گېئولوگىيە ئالىملىرى يەرنىڭ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش تەركىۋىنى ئانالېز قىلىدۇ، بىئولوگىيە ئالىملىرى بولسا، ئادەمنىڭ بەدىنى قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. بىراق، يەر شارى نېمە ئۈچۈن شۇنچە چىرايلىق يارىتىلغان ۋە بەدىنىمىزدىكى ئەزالار نېمە ئۈچۈن شۇنچە ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ؟ ئىلىم-پەن بۇنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، مۇنداق سوئاللارغا قانائەتلەندۈرىدىغان جاۋابلارنى پەقەت مۇقەددەس كىتاب بېرەلەيدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز (زەبۇر 139:13—16؛ يەشايا 45:18). دېمەك، ياخشى تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەن ۋە مۇقەددەس كىتاب ھەر ئىككىسىنى تەتقىق قىلىش كېرەك.
بەزى ۋاقىتلاردا، ئىلىم-پەن بىلەن مۇقەددەس كىتاب بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەگەر، ئادەم مۇقەددەس كىتابنىڭ نېمىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى توغرا چۈشەنمىگەن بولسا، شۇنداق ئوي-پىكىرلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب يەر ئۇدۇل مەنىدە ئالتە كۈن ئىچىدە يارىتىلغان، دەپ ئۆگەتمەيدۇ (يارىتىلىش 1:1؛ 2:4).
بەزى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىملار، كەڭ تارقالغان بەزىبىر نەزەرىيەلەرنى تولۇق دەلىللەنمىگەن، دەپ قاراپ، ئۇلارنى رەت قىلغان. مەسىلەن، كۆپلىگەن بىئولوگىيە، خىمىيە ئالىملىرى ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار تىرىك جانلىقلار تاسادىپىي ئۆزگۈرۈش ياكى تەبىئىي تاللاش ئارقىلىق تەدرىجىي تەرەقىقىي قىلمىغان، دەپ يەكۈنلىگەن. تەبىئەت دۇنياسى ئەقىل-پاراسەت بىلەن يارىتىلغاچقا، بىز شۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ چىقارغان شۇنداق خۇلاسىگە قوشۇلىمىز.
a ئاۋسترىيىلىك فىزىكا ئالىمى ۋە نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن ئېرۋىن شرېدىنگېر مۇنداق ئېيتقان: «ئىلىم-پەن بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە يېقىن نەرسىلەر ۋە بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن مۇھىم نەرسىلەر توغرۇلۇق ھېچنەرسە ئېيتالمايدۇ». ئالبېرت ئېنىشتېين مۇنداق دەپ قوشتى: «پەقەت ئەقلىمىزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئادەمزاتنىڭ ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۆز تەجرىبىمىزدىن كۆردۇق».