يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بۇرۇن ئۇلارنىڭ دىنىدا بولغانلاردىن ئۆزىنى قاچۇرامدۇ؟
بىز ھەرگىزمۇ ئىلگىرى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن، ئەمما كېيىنچە ۋەز خىزمىتىگە قاتناشماي، ھەتتا ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن ئارىلاشماي، كېتىپ قالغان ئادەملەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايمىز. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆزىگە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشكە تىرىشىمىز.
ئېغىر گۇناھ قىلغان ئادەم ئۆزلىكىدىن دەرھاللا جامائەتتىن چىقىرىلمايدۇ. ئەمما، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن گۇۋاھچى مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىنى قەستەن بۇزۇپ، قىلغان گۇناھىغا توۋا قىلمىسا، جامائەتتىن چىقىرىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار»،— دەپ ئېنىق يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:13).
ئەگەر ئەر كىشى جامائەتتىن چىقىرىلىپ، بىراق ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بالا-چاقىسى تېخى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولۇپ قېلىۋەرسىچۇ؟ ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان دىنىي-ئېتىقادتىكى مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگىنى بىلەن، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمەيدۇ. نىكاھ مۇناسىۋىتى، ئائىلىدىكى مېھىر-مۇھەببەت رىشتى ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش بۇرۇنقىدەكلا قېلىۋېرىدۇ.
جامائەتتىن چىقىرىلغانلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا كەلسە بولىدۇ. ئەگەر خالىسا، ئۇلار جامائەت ئاقساقاللىرىدىن روھىي جەھەتتىن ياردەم سورىيالايدۇ. ئاقساقاللارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى — جامائەتتىن چىقىرىلغانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قاتارىغا قايتىدىن قوشۇلالىشىغا لايىق بولۇشىغا ياردەم بېرىش. جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى ناتوغرا ئىشلىرىنى تاشلاپ، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاشنى چىن يۈرەكتىن خالىسا، ئۇ قايتىدىن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولالايدۇ.