يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنى ئۆز ئېتىقادىغا ماس ئۆزگەرتىۋالغانمۇ؟
ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئەكسىچە، ئېتىقادىمىز مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى چۈشەنگەندە، ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىنى ئۆزگەرتتۇق.
1950-يىلى «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نەشىردىن چىقىشتىن خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت بۇرۇن، بىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان. بىز قولدا بار تەرجىمىلەردىن پايدىلىنىپ، ھەقىقەتلەرنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ، ھەقىقەت ئاساسىدا ئىشەنچمىزنى مۇستەھكەملىدۇق. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئىشەنگەن بەزى تەلىملەرنى تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتكە ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ.
خۇدا ئۈچبىرلىك ئەمەس. 1882-يىلنىڭ ئىيۇل سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنالىدا (ئىنگلىزچە) مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «ئوقۇرمەنلىرىمىز بىزنىڭ خۇدا يەھۋاغا، ئەيسا مەسىھكە ۋە مۇقەددەس روھقا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى، ئەمما ئۈچ ئىلاھ بىر شەخس ياكى ئۈچبىرلىك دېگەن تەلىماتقا ئىشەنمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق تەلىمات مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان».
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «تەڭرىمىز رەب خۇداۋەندە ئۆزى بىردۇر» (تەكرار قانۇن 6:4، مۇقەددەس كالام). «بىراق بىز ئۈچۈن پەقەت يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدا ئاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:6، ھازىرقى زامان تەرجىمىسى). ئەيسا پەيغەمبەرمۇ ئۆزى توغرىلىق: «ئاتام مەندىن ئۇلۇغتۇر»— دەپ تەستىقلىغانىدى (يۇھاننا 14:28، ھازىرقى زامان تەرجىمىسى).
مەڭگۈ ئازابلايدىغان دوزاخ ئوتى يوق. 1882-يىلنىڭ ئىيۇن سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنالىدىكى (ئىنگلىزچە) «گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم» ناملىق ماقالىدە مۇشۇنداق يېزىلغان: «بۇ ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەر. مۇقەددەس كىتابنى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئىتىراپ قىلغانلارمۇ مۇشۇ پىكىرگە قەتئىي قارشى چىقىپ، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب گۇناھنىڭ بەدىلى مەڭگۈ دوزاختا ئازابلىنىش، دەيدۇ دەپ ئۆز سۆزىدە تۇرۇۋالغان!» (رىملىقلارغا 6:23، ھازىرقى زامان تەرجىمىسى).
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «گۇناھ قىلغۇچى جان ئېگىسى ئۆلىدۇ» (ھەزەكىيال 18:4، 20، مۇقەددەس كالام) خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرقى جازا — مەڭگۈ ئازابلىنىش ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر» (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 1:9، ھازىرقى زامان تەرجىمىسى).
خۇدا پادىشاھلىقى — قەلبنىڭ كەيپىيات ھالىتى ئەمەس، ھەقىقىي ھۆكۈمەت. 1881-يىلنىڭ دېكابىر سانىدىكى «سىئون كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنالىدا (ئىنگلىزچە) خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە: «بۇ پادىشاھلىقنىڭ تىكلىنىشى يەر يۈزىدىكى بارچە پادىشاھلىقلارنىڭ يوق قىلىندىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»،— دەپ يېزىلغان ئىدى.
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئۇ ھۆكۈمدارلار تەختتە ئولتارغان مەزگىلدە، ئاسماندىكى خۇدا ئۆرۈلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلقلەرگە بويسۇنمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى تەل-تۆكۈس گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ» (دانىيال 2:44، مۇقەددەس كالام).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىلا» قوللىنامدۇ؟
ياق، بىز گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىمىزدە باشقا تەرجىمىلەردىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابنى ھەقسىز تەتقىق قىلىش پروگراممىسىنىڭ قىسمى سۈپىتىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»دىن بىر نۇسخا بەرسەكمۇ، كىشىلەر ئۆزىدە بار باشقا تەرجىمىلەردىن پايدىلىنىشنى خالىسا، ئۇلار بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشتىن خۇشال بولىمىز.