نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تۇغۇلغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەيدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تۇغۇلغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى — خۇدا شۇنداق تەبرىكلەشلەردىن خۇرسەن بولمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزمەڭلار، دېگەن بۇيرۇق بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئ شۇ تەبرىكلەشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ، خۇدانىڭ تۇغۇلغان كۈنگە بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنەلەيمىز. مۇشۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆت ئالاھىدىلىكنى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقايلى.
تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش بۇتپەرەسلىككە ئاساسلانغان. بىر كىتابقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۆرپ-ئادەت ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «يامان روھلار بىلەن كۈچلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن»، ئەمما «ئۇنىڭ دوستلىرى بىللە بولسا ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرى ئۇ كىشىنى قوغدايدۇ» دېگەن ئىشەنچىگە ئاساسلانغان (Funk & Wagnalls Standard Dictionary of Folklore, Mythology, and Legend). باشقا بىر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «قەدىمقىي زامانلاردا تۇغۇلغان كۈنلەر توغرۇلۇق خاتىرىنىڭ يېزىلىپ قويۇلۇشى بەك مۇھىم بولغان، سەۋەبى تۇغۇلغان كۈننىڭ ئاساسىدا يۇلتۇزلارغا قاراپ پال ئېچىلاتتى». بۇ بولسا، مۇنەججىملەرنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق ئىلىمىنىڭ بىر قىسمى بولغان (The Lore of Birthdays). ئۇ كىتابتا يەنە: «خەلق ئارىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت بويىچە، تۇغۇلغان كۈندە يېقىلىدىغان شاملار تىلەكلەرنى ئورۇنلايدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە»،— دەپ يېزىلغان.
لېكىن مۇقەددەس كىتابتا سېھىرگەرلىك، پال ئېچىش، جىنكەشلىك ۋە «شۇنىڭدەك ئىشلار» ئەيىبلىنىدۇ (تەكرار قانۇن 18:14؛ گالاتىلىقلارغا 5:19—21). خۇدانىڭ قەدىمقى بابىل شەھىرىنى ئەيىبلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى — ئۇنىڭ تۇرغۇنلىرى پال ئېچىشنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇنەججىملىك بىلەن شۇغۇللانغان (يەشايا 47:11—15). ئەلۋەتتە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەر بىر ئەنئەنىنىڭ ياكى ئۆرپ-ئادەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە تىرىشمايدۇ، بىراق مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ مەلۇم مەسىلىگە بولغان كۆزقارشى ئېنىق ئىپادىلەنگەندە، ئۇنىڭغا بېپەرۋالىق قىلمايدۇ.
دەسلەپكى مەسىھ ئەگشكۈچىلىرى تۇغۇلغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزمىگەن. «دۇنيا كىتاب قامۇسىدا»، دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى «ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى غەيرى ئىلاھلارغا چوقۇنۇش ئۆرپ-ئادىتى» دەپ قارىغانلىقى يېزىلغان. مەسىھ ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلغان ئادەملەر كېيىنكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇرغان. مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 3:6).
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى خاتىرىلەش كېرەك بولغان بىردىن-بىر كۈن —تۇغۇلغان كۈن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلگەن كۈنى (لۇقا 22:17—20). بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس، چۈنكى مۇقەددەس كىتابتا «ئادەمنىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇغۇلۇش كۈنىدىن ئەۋزەلدۇر»،— دەپ يېزىلغان (ۋەز 7:1). ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدە بولغاندا، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇداغا سادىق بولغان، شۇڭا ئۇ ئۆلگەندە ياخشى نامى قالغان. دېمەك، ئۇ ئۆلگەن كۈنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى (ئىبرانىيلارغا 1:4).
مۇقەددەس كىتابتا خۇدا خىزمەتچىلىرى ئىچىدە كىمدۇ بىرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئېيتىلمىغان. مۇقەددەس كىتابتا خۇداغا خىزمەت قىلمىغان ئادەملەر ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈن ھەققىدە ئىككى بايانلار بار. ھەر ئىككى تۇغۇلغان كۈندە، پاجىئەلىك ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز (يارىتىلىش 40:20—22؛ مارك 6:21—29).
تۇغۇلغان كۈنلەرنى ئۆتكۈزمىگەچكە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىر نەرسىدىن قۇرۇق قالغاندەك ھېس قىلامدۇ؟
ھەرقانداق مېھرىبان ئاتا-ئانىغا ئوخشاش، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ بالىلىرىغا دائىم مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بالىلىرىغا سوغاتلارنى بېرىدۇ ۋە شاد-خۇرام دوستلار ئولتۇرۇشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىدىغان خۇدانى ئۈلگە قىلىدۇ (مەتتا 7:11). تۆۋەندە ئېيتىلغان ئوي-پىكىرلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىر نەرسىدىن قۇرۇق قالغاندەك ھېس قىلمايدۇ.
«كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا سوغات ئېلىش كۆپرەك خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ» (تاممىي، 12 ياش).
«تۇغۇلغان كۈنۈمدە سوغاتلارنى قىلمىسىمۇ، ئاتا-ئانام ماڭا باشقا كۈنلىرى سوغاتلارنى بېرىدۇ» (گرېگورى، 11 ياش).
«تورت يەپ، ناخشا ئېيتىش ۋە بىر دەمدە ئاخىرلىشىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ھېچنېمە ئەمەس! بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭلار، ھەقىقىي كۆڭۈل كۆتۈرۈش قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر!» (ئېرىك، 6 ياش).