يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ جامائەتلىرى قانداق تەشكىللەنگەن؟
ھەر بىر جامائەتتە ئاقساقاللار كېڭىشى بار. ئۇلارغا جامائەتكە كۆز-قولاق بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىشى تاپشۇرۇلغان. تەخمىنەن 20 جامائەتتىن بىر رايون شەكىللىنىدۇ. رايونغا مەسئۇل ئاقساقال دېگەن ناملار بىلەن ئاقساقاللار جامائەتلەرنى يوقلاش ئۈچۈن زىيارەت قىلىپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەكچى كېڭەشتىن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلەر كېلىپ تۇرىدۇ. يېتەكچى كېڭەش ئۇزۇن يىللار خۇداغا خىزمەت قىلغان گۇۋاھچىلاردىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار ھازىر ئامېرىكا، نيورۇكنىڭ ۋورۋىكتىكى مەركىزى باش باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ (ئەلچىلەر 15:23—29؛ تىموتىيغا 1-خەت 3:1—7).