كىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
بىزنىڭ دۇنياۋىي پائالىيىتىمىز ئاساسلىقى ھەر بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى a قىلغان ئىختىيارىي ئىئانىلەر ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىبادەت يىغىلىشلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلاردا ئىئانە ساندۇقچىىرى قويۇلغان. تور بېكىتىمىزدىكى «ئىئانىلەر»، دېگەن يەردە ئىئانە قىلىشنىڭ باشقىمۇ ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلگەن. ئىئانە قىلىشنى خالىغان ئادەم دۇنياۋىي پائالىيىتىمىزگە، يەرلىك جامائەتنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن ياكى ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈنمۇ ئىئانە قىلالايدۇ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كىشىلەردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ياكى مەلۇم نىسپەتتە ئايلىق مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 9:7). بىز يىغىلىشلىرىمىزغا قاتنىشىش ھەققى ئالمايمىز، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىئانە يىغمايمىز. كىشىلەردىن سۇغا چۆمۈلدۈرۈش، ئۆلۈم ئۇزىتىش يەنى دەپنە مۇراسىمى، توي مەرىكە ياكى باشقا دىنىي مۇراسىملار ئۈچۈن ھەق ئالمايمىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىئانە توپلاش نامىدا لاتارىيە بېلەتلىرى، مۇكاپاتلىق سېتىۋېلىش، ئويۇنلار، بايراملار، كەچلىك ئولتۇرۇش دېگەندەك ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ پۇل يىغمايدۇ. ئىئانە بەرگۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى باشقىلارغا بەرمەيدۇ ياكى جامائەتتە ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلمايدۇ (مەتتا 6:2—4). بىز تور بېكىتىمىز ياكى نەشىر قىلغان ماتېرىياللىرىمىزدا سودا-تىجارەت ئېلانلىرىنى چىقىرىپ پۇل تاپمايمىز.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەر بىر جامائىتىدە، ھەر ئايدا ئىئانە پۇللىرىنىڭ ھېسابىدىن ئوچۇق خەۋەر بېرىلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق ئېلانلارنىڭ قىلىنىپ تۇرۇشى ھەر بىر جامائەتتە ئىئانە قىلىنغان پۇللارنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:20، 21).
ئىئانە قىلىش ئۇسۇللىرى
ئىئانە ساندۇقچىلىرى. ئىبادەت زاللىرى، چوڭ يىغىلىش سارايلىرى ياكى يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلىدىغان باشقا جايلارغا ئىئانە ساندۇقچىلىرى قويلغان بولۇپ، نەق پۇل ياكى پۇل چەكلىرىنى سېلىشقا بولىدۇ.
تور ئارقىلىق قىلىنغان ئىئانىلەر. نۇرغۇن دۆلەتلەردە قەرز كارتا، مائاش كارتا، بانكا ياكى باشقا ئېلېكترونلۇق ئۇسۇللار b ئارقىلىق ئىئانە قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تور بېكىتىمىزدىكى «دۇنياۋىي پائالىيىتىمىزگە ئىئانە قىلىش» دېگەن يەرگە بېسىڭ. بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇشۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر ئايدا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن پۇللىرىنى ئاجرىتىپ قويىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 16:2).
پىلانلاپ قىلىنغان ئىئانە. ئىئانە قىلىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى ئالدىن-ئالا پىلان قىلىشنى ياكى قانۇنىي مەسلىھەتنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى دۆلىتىڭىزدىكى باج-سېلىق ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىشقا يول قويۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىرى ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغان ئىئانىلەر توغرۇلۇق كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمەكتە. ئەگەر ئىئانە قىلىشنى خالىسىڭىز، قوشۇمچە مەلۇماتنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يەرلىك بەيتەل ئىشخانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
بانكا ھېساباتى
سۇغۇرتا ۋە پېنسىيە
يەر-مۈلۈك
پاي چېكى ياكى قەرز ھۆججەت چېكى
ۋەسىيەتنامە ۋە ھاۋالە قىلىنغان مۈلۈك
سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتە قانداق ئىئانە قىلىش ئۇسۇللىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن «دۇنياۋىي پائالىيىتىمىزگە ئىئانە قىلىش» دېگەن يەرگە بېسىڭ.
a يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەمەس بەزى كىشىلەرمۇ پائالىيىتىمىزنى قوللاش ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن ئىئانە قىلىدۇ.
b كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن «تور بېكەت ئارقىلىق ئىئانە قىلىش ئۇسۇللىرى» دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ.