كۈزىتىش مۇنارى، مۇقەددەس كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جەمئىيىتى دېگەن نېمە؟
كۈزىتىش مۇنارى، مۇقەددەس كىتاب ۋە ۋاراقچىلار جەمئىيىتى (پېنسىلۋانىيە) — بۇ 1884-يىلى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ (ئا.ق.ش) قانۇنلىرىغا ئويغۇن، تەشكىللەنگەن سودا-تىجارەت قىلمايدىغان تەشكىلات. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن دۇنيادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش-پائالىيەتلىرىنى بۇ تەشكىلات ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.
كۈزىتىش مۇنارى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىرى «دىن، تەلىم-تەربىيە ۋە خەيىر-ساخاۋەت» ئىشلىرى، بولۇپمۇ «مەسىھ ئەيسانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش» ئۈچۈن قۇرۇلغان دەپ يېزىلغان. پەقەت تەكلىپ ئارقىلىقلا جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇشقا بولىدۇ؛ جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش بەرگەن ئىئانىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىق ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ۋە باشچىلىق قىلغۇچىلاريەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
قانۇنىي ئىگىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىقى
كۈزىتىش مۇنارى، مۇقەددەس كىتاب ۋە ۋاراقچىلار (پېنسىلۋانىيە) جەمئىيىتىدىن باشقا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەردىكى قانۇنىي ئىگىلىك قىلغۇچىلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق بىرلەشمىسى قۇرغان. مۇشۇ تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرىدا Watchtower ،Watch Tower («كۈزىتىش مۇنارى») دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ياكى يەرلىك تىللاردىكى تەرجىمە سۆزلەر ئۇچرايدۇ.
بىز مۇشۇ قانۇنىي ئىگىلىك قىلغۇچى شەخسلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
يېزىقچىلىق ۋە نەشىرىيات ئىشلىرى. بىز مۇقەددەس كىتابنى 220 مىليونغا يېقىن نۇسخا ۋە تەخمىنەن 40 مىليارد پارچە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى بېسىپ نەشىر قىلدۇق. بىزنىڭ ماتېرىياللارنى 900دىن كۆپرەك تىلدا ئوقۇشقا بولىدۇ. jw.org تور بېكىتىدە مۇقەددەس كىتابنى 160دىن ئوشۇق تىللاردا ئوقۇشقا بولىدۇ ۋە «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» — دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىشقا بولىدۇ.
تەلىم-تەربىيە بېرىش پائالىيىتى. بىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىم-تەربىيەلەرنى بېرىش ئۈچۈنھەرخىل مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغان. مەسىلەن، 1943-يىلدىن باشلاپ 9000دىن ئارتۇق يەھۋا گۇۋاھچىسى كۈزىتىش مۇنارى گېلىئاد مۇقەددەس كىتاب مەكتىپىدە تەلىم-تەربىيە ئالغان. بۇ مەكتەپنى تاماملىغانلار مىسسونېرلار بولۇپ خىزمەت قىلىىپ، جامائەتلەرنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە شۇنداقلا تەشكىلاتىمىزنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىش-پائالىيىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان ئادەملەر يەرلىك جامائەتلەردە ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلاردا تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ. بىز شۇنداقلا ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، 120 تىلدا دەرىسلىك نەشىر قىلدۇق. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ-يېزىشنى ئۆگىنىۋېلىشقا بولىدۇ.
خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىتى. بىز ئادەم پەيدا قىلغان (مەسىلەن، 1994-يىلى رۇاندىدا بولغان مىللىي قىرغىنچىلىق) ياكى تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك (مەسىلەن، 2014-يىلى ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش) زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كۆرسىتىمىز.
گەرچە، مۇشۇ قانۇنىي ئىگىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئاساسىي ئىش-پائالىيىتىمىز ئۇلارغا باغلىق ئەمەس. خۇدانىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ۋە مەسىھنىڭ شاگىرتلىرىنى تەييارلاش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ھەربىر ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى (مەتتا 24:14؛ 28:19، 20). ياراتقۇچىمىز ئۆزى خىزمىتىمزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقغا ئىشەنچىمىز كامىل، چۈنكى ئۇ «ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 3:6، 7).