مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش دېگەن نېمە؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش پروگراممىسىغا سىزنى تەكلىپ قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان سوئاللارغا جاۋابلارنى تاپالايسىز. مەسىلەن:
خۇدا ئۇ كىم؟
خۇدا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟
مەن نىكاھلىق تۇرمۇشمنى قانداق ياخشىلىيالايمەن؟
بەختلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟
تۆۋەندە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ھەققىدە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرۇدىغان سوئاللارغا جاۋابلار بېرىلگەن.
تەتقىق ئۆگىنىشى قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟ ئالدى بىلەن «خۇدا» ياكى «ئائىلە» دېگەنگە ئوخشاش ماۋزۇلارنى تاللاۋېلىپ، مۇقەددەس كىتابتىن شۇ ماۋزۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمىغان ئايەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. كېيىن ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ، مۇقەددەس كىتابتا بۇ ماۋزۇ ھەققىدە نېمە ئېيتىلغانلىقىغا كۆز يەتكۈزىمىز. شۇنداق قىلىپ، ئايەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە يول بېرىمىز.
ئۆگىنىشنى «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى»، ناملىق كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزىمىز. بۇ كىتابتا باشقا ماۋزۇلار بىلەن قاتار، خۇدا ۋە ئەيسا پەيغەمبەر ھەققىدە، شۇنداقلا كېلەچىكىمىز توغرىسىدا مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ئېيتىلغانلىقى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئۆگىنىشگە قانچە ھەق تۆلەش كېرەك؟ تەتقىق قىلىش دەرسى ھەقسىز ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ.
ھەربىر تەتقىق قىلىش دەرسى قانچە ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئادەملەر ئادەتتە ھەپتىسىگە تەخمىنەن بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. لېكىن، مۇنداق قىلىش شەرت ئەمەس. بىز ۋاقتىڭىزغا قاراپ، ئۆگۈنۈشنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.
مەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلسام، كېيىن نېمە بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرى سىزگە قولايلىق ۋاقىتتا ۋە قولايلىق يەردە، سىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇ سىزگە بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە تەتقىق دەرىسنىڭ قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ياقتۇرسىڭىز، تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايسىز.
تەتقىق قىلىشقا قوشۇلسام، كېيىن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشۇم شەرتمۇ؟ ياق. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن، بىز ھەرگىزمۇ ھېچكىمنى بىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىشكە مەجبۇرلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ نېمە ئىشىنىشنى تاللاش ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى تونۇشتۇرىمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:15).