يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمىگە ئىشىنىدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە بىز ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆگەتكەن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ يۈرگەن يولى بىلەن مېڭىشقا تىرىشىمىز. بۇ ماقالىدە، بىزنىڭ بەزى ئاساسىي تەلىماتلىرىمىز كەلتۈرۈلگەن.
ئاللا. بىز ھەممىگە قادىر، ياراتقۇچى، بىردىن-بىر ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئۇنىڭ ئىسمى — يەھۋا (زەبۇر 83:18؛ ۋەھىي 4:11). ئۇ — ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇداسى (چىقىش 3:6؛ 32:11؛ يۇھاننا 20:17).
مۇقەددەس يازمىلار. بىز مۇقەددەس كىتابنى خۇدانىڭ ئادەمزاتقا بەرگەن روھلاندۇرۇلغان سۆزى دەپ قارايمىز (يۇھاننا 17:17؛ تىموتىيغا 2-خەت 3:16). بىز تەلىملىرىمىز مۇقەددەس كىتابنىڭ 66 كىتابىغا ئاساسلانغان. بۇنىڭغا «كونا ئەھدە» ھەم «يېڭى ئەھدە» كىرىدۇ. دىنلارنى تەتقىق قىلىدىغان جېيسون دېيۋىد بېدۇن ئىسىملىك پروفېسسور يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى پەرەز قىلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ھەم يۈرۈش-تۇرۇشى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان. a
گەرچە پۈتۈن مۇقەددەس كىتابنى ئېتىراپ قىلساقمۇ، بىز ئەسلىيەتچى (جاھىل) ئېقىمدىكىلەر ئەمەس. يازمىلارنىڭ بەزى قىسىملىرى سىمۋوللۇق تىل بىلەن يېزىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇدۇل مەنىدە چۈشىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۈشىنىمىز (ۋەھىي 1:1).
ئەيسا پەيغەمبەر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىگە ۋە ئۈلگىسىگە ئەگىشىمىز ھەم ئۇنى قۇتقازغۇچىمىز ۋە خۇدانىڭ ئوغلى سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلىمىز (مەتتا 20:28؛ ئەلچىلەر 5:31). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتالغان (ئەلچىلەر 11:26). بىراق، مۇقەددەس كىتابتىن ئەيسا پەيغەمبەر ھەممىگە قادىر خۇدا ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدۇق. شۇڭا، يازمىلاردا ئۈچبىرلىك تەلىماتىغا ھېچقانداق ئاساس يوق (يۇھاننا 14:28).
خۇدا پادىشاھلىقى. بۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ھالەت ئەمەس، بەلكى ئاسماندىكى ھەقىقىي ھۆكۈمەتتۇر. خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا تىكلىنىپ، خۇدانىڭ يەر يۈزىگە بولغان ئىرادىسىنى ئورۇنلايدۇ (دانىيال 2:44؛ مەتتا 6:9، 10). خۇدا پادىشاھلىقى پات يېقىندا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، چۈنكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بىز «ئاخىرقى كۈنلەردە» ھايات كەچۈرىۋاتىمىز (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—5؛ مەتتا 24:3—14).
ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋە ئۇ 1914 يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى (ۋەھىي 11:15).
قۇتقۇزۇلۇش. ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق گۇناھ بىلەن ئۆلۈمدىن ئازاد بولۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلدى (مەتتا 20:28؛ ئەلچىلەر 4:12). بۇ قۇربانلىقتىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن، ئادەملەر ئەيسا پەيغەمبەرگە پەقەت ئىشىنىپلا قويماي، ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك (مەتتا 28:19، 20؛ يۇھاننا 3:16؛ ئەلچىلەر 3:19، 20). ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكتى ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (ياقۇپ 2:24، 26). ئەمما قۇتقۇزۇلۇشقا ئۆزۈمىز ئېرىشەلمەيمىز، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېرىشىمىز (گالاتىلىقلارغا 2:16، 21).
ئاسمان. يەھۋا خۇدا، ئەيسا مەسىھ ۋە سادىق پەرىشتىلەر روھىي ئالەمدە b ياشايدۇ (زەبۇر 103:19—21؛ ئەلچىلەر 7:55). ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت 144000 ئادەم تىرىلىدۇ (دانىيال 7:27؛ تىموتىيغا 2-خەت 2:12؛ ۋەھىي 5:9، 10؛ 14:1، 3).
يەر يۈزى. خۇدا يەرنى ئىنسانىيەت مەڭگۈ ياشايدىغان ماكان قىلىپ ياراتقان (زەبۇر 104:5؛ 115:16؛ ۋەز 1:4). ئۇنىڭدىن تاشقىرى، يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە بەرىكەت تۆكۈپ، ئۇلارغا مۇكەممەل، ساغلام تەن ھەم جەننەتتە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلىدۇ (زەبۇر 37:11، 34).
زۇلۇم ۋە قايغۇ-ھەسرەت. بۇلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بىرى ئىسىيان كۆتەرگەندىن كېيىن باشلانغان (يۇھاننا 8:44). ئىسىياندىن كېيىن، «شەيتان» ۋە «ئىبلىس»، دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. بۇ پەرىشتە دەسلەپكى ئەر-ئايالنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە قايىل قىلغان ۋە ئاقىۋەتتە ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشكەن (يارىتىلىش 3:1—6؛ رىملىقلارغا 5:12). شەيتان كۆتەرگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خۇدا زۇلۇم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويغان، ئەمما ئۇلارنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
ئۆلۈم. ئادەم ئۆلگەندە، ياشاشتىن توختايدۇ (زەبۇر 146:4؛ ۋەز 9:5، 10). ئۇ ھېچقانداق دوزاخ ئوتىدا قىينالمايدۇ.
ھەممىگە قادىر ئاللا مىلياردلىغان ئىنسانلارنى ئۆلۈم ئۇيقىسىدىن تىرىلدۈرىدۇ (ئەلچىلەر 24:15). لېكىن، تىرىلگەندىن كېيىن خۇدانىڭ يوللىرىنى رەت قىلغانلار مەڭگۈ يوق قىلىنىپ، قايتا تىرىلمەيدۇ (ۋەھىي 20:14، 15).
ئائىلە. بىز نىكاھ بىر ئەر ۋە بىر ئايال ئارىسىدا بولۇشى كېرەك ھەم ئاجرىشىشقا پەقەتلا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق سەۋەب بولىدۇ، دېگەن خۇدانىڭ ئەسلى ئۆلچىمىگە بويسۇنىمىز (مەتتا 19:4—9). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئائىلىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (ئەفەسلىكلەرگە 5:22—6:1).
ئىبادىتىمىز. بىز كرېست ياكى ھېچقانداق سۈرەتكە چوقۇنمايمىز (تەكرار قانۇن 4:15—19؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:21). تۆۋەندە ئىبادىتىمىز نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كەلتۈرۈلگەن:
خۇداغا دۇئا قىلىمىز (فىلىپپىلىقلارغا 4:6).
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيمىز ۋە تەتقىق قىلىمىز (زەبۇر 1:1—3).
مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان بىلىملىرىمىز توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز (زەبۇر 77:12).
دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش، ناخشا ئېيتىش، ئىشەنچىمىزنى ئىپادىلەش ۋە ئېتىقادداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىز (كولوسىلىقلارغا 3:16؛ ئىبرانىيلارغا 10:23—25).
«پادىشاھلىق ھەققىدىكى ... خۇش خەۋەرنى» ۋەز قىلىمىز (مەتتا 24:14)
مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىمىز (ياقۇپ 2:14—17).
ئىبادەت زاللىرىنى ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە تەلىم بېرىدىغان بېنالارنى سېلىپ، ئۇلارنى ئاسراپ ساقلايمىز (زەبۇر 127:1).
تەبىئىي ئاپەتلەردە زىيان-زەخمەت چەككەنلەرگە ياردەم بېرىمىز (ئەلچىلەر 11:27—30).
تەشكىلاتىمىز. بىز جامائەتلەرگە بۆلۈنۈپ تەشكىللەنگەن ۋە ھەربىر جامائەتكە ئاقساقاللار كېڭىشى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىراق، ئاقساقاللار باشقىلاردىن يۇقىرى ئەمەس ۋە قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن پۇل ئالمايدۇ (مەتتا 10:8؛ 23:8). يىغىلىشلىرىمىزدا پۇل ياكى ئوندىن بىر قىسمى يىغىلمايدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 9:7). پۈتۈن ئىش-پائالىيىتىمىز ئىختىيارى ئىئانىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
يېتەكچى كېڭەش — روھىي يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان كىچىك بىر توپ. ئۇ مەركىزى باش باشقارمىدا خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بارچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا يوليورۇق بېرىدۇ (مەتتا 24:45).
ئىناقلىقىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن نەرسە — ئىمان-ئېتىقادىمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 1:10). شۇنداقلا بىز ئىجتىمائىي، مىللىي، ئىرقى ياكى جەمئىيەتتىكى تۇتقان ئورنىمىزغا قاراپ، توپلارغا بۆلۈنمەسلىككە كۆپ كۈچ چىقىرىمىز (ئەلچىلەر 10:34، 35؛ ياقۇپ 2:4). بىراق، ھەممىمىزدە تاللاش ئەركىنلىكى بار. ھەر بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ تەربىيىلەنگەن ۋىجدانى بويىچە قارار چىقىرىدۇ (رىملىقلارغا 14:1—4؛ ئىبرانىيلارغا 5:14).
يۈرۈش-تۇرۇشىمىز. بىز ھەممە ئىشلىرىمىزدا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز (يۇھاننا 13:34، 35). ئاللاغا ياقمايدىغان ئىشلاردىن نېرى بولۇپ، مەسىلەن قاننى ناتوغرا ئىشلىتىپ، ئۇنى تەنگە سالدۇرۇشنى رەت قىلىمىز (ئەلچىلەر 15:28، 29؛ گالاتىلىقلارغا 5:19—21). ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تىنچلىقپەرۋەر ھەمدە ئۇرۇشلارغا قاتناشمايمىز (مەتتا 5:9؛ يەشايا 2:4). بىز ئۆزۈمىز تۇرغان يەردىكى ھۆكۈمەتكە ھۆرمەت كۆرسىتىمىز ھەم خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا زىت كەلمىگەن بارچە يەرلىك قانۇنلارغا بويسۇنىمىز (مەتتا 22:21؛ ئەلچىلەر 5:29).
باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز. ئەيسا مەسىھ: «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»،— دەپ بۇيرىغان. ئۇ يەنە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى «بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر»، دەپ ئېيتقان ئىدى (مەتتا 22:39؛ يۇھاننا 17:16). شۇ سەۋەبتىن، بىز «ھەممىسىگە ياخشىلىق قىلىشقا» تىرىشىمىز، ئەمما سىياسىي ئىشلاردا قەتئىي بېتەرەپلىكنى ساقلاپ، باشقا دىننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز (گالاتىلىقلارغا 6:10؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 6:14). لېكىن، بۇ مەسىلىدە باشقىلارنىڭ قارارلىرىنى ھۆرمەتلەيمىز (رىملىقلارغا 14:12).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا، تور بېكىتىمىزدىن مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيسىز. بۇنىڭدىن باشقا، بەيتەللىرىمىزىدىن بىرى بىلەن ئالاقىلىشسىڭىز، ئىبادەت يىغىلىشلىرىمىزغا كەلسىڭىز، ياكى بولمىسا سىز ياشايدىغان جايدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن بىرى بىلەن سۆزلەشسىڭىز بولىدۇ.