يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا ئوندىن بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا ئوندىن بىر قىسمىنى ئىئانە قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇنداقتا، ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىش دېگىنىمىز نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى شۇنداق قىلمايدۇ؟
ئۆزىگە تەۋە مال-مۈلكىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىش قەدىمقى ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن مۇسا قانۇنىدىكى بۇيرۇقلارنىڭ بىرى بولغان. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇسا قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكى يېزىلغان (ئىبرانىيلارغا 7:5، 18؛ كولوسىلىقلارغا 2:13، 14).
بۈگۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى І-ئەسىردىكى مەسىھىيلەردىن ئۈلگە ئېلىپ، پۈتكۈل دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەز قىلىش پائالىيىتىنى ئىككى ئۇسۇلدا قوللايدۇ: بىرىنچىسى — ھەقسىز ئۆزى خالاپ ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش ھەم تەلىم بېرىش، ئىككىنچىسى — ئىختىيارىي ئىئانە بېرىش.
شۇ ئارقىلىق ئۇلار مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان مونۇ كۆرسەتمىنى ئورۇنلايدۇ: «ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن، چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ» (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 9:7)