يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تېببىي داۋالاشنى قوبۇل قىلامدۇ؟
ئەلۋەتتە، قوبول قىلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تېىببىي داۋالاش ۋە دورىلارنى ئىشلىتىشكە قارشى ئەمەس. گەرچە بىز سالامەتلىكىمىزگە كۆڭۈل بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئاسرىساقمۇ، بەزىدە بىز دوختۇرغا مۇھتاج بولىمىز (لۇقا 5:31). І-ئەسىردە ياشىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىسى لۇقاغا ئوخشاش، بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدۇ (كولوسىلىقلارغا 4:14).
ئەمما، بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا قارشى بولغاچ، بىز ئۇلارنى رەت قىلىمىز. مەسىلەن، بىز قان سېلىشنى قوبۇل قىلمايمىز، سەۋەبى مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ساقلاش ئۈچۈن تەنگە قان سالدۇرۇشنى مەنئىي قىلىدۇ (ئەلچىلەر 15:20). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب داخانلىق قىلىش بىلەن داۋالايدىغان ئۇسۇللارنىمۇ مەنئىي قىلىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:19—21).
لېكىن، كۆپلىگەن تېببىي داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا قارشى ئەمەس. ھەر قانداق كىشى قانداق ئۇسۇلدا داۋالىنىشنى ئۆزى تاللايدۇ. بىر گۇۋاھچى مەلۇم بىر داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلسا، باشقا بىر گۇۋاھچى ئۇنى رەت قىلىشى مۇمكىن (گالاتىلىقلارغا 6:5).