نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەزى تەلىملىرىنى ئۆزگەرتكەن؟
بىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمىز پەقەت مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان. شۇڭا، مەلۇم ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنگەنسېرى، ئىلگىرىكى كۆزقاراش ۋە تەلىملىرىمىزدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. a
شۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپقا ماس كېلىدۇ: «ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغىچە ئۇ بارغانسېرى يورۇيدۇ» (پەندى-نەسىھەت 4:18). قۇياش چىققاندا ئۆپ-چۆرە ئاستا-ئاستا ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش, خۇدامۇ ئۆز سۆزىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئاستا-ئاستا، ئۆز ۋاقىت-سائىتىدە چۈشەندۈرىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:10—12). مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن-ئالا ئېيتىلغاندەك، خۇدا بۇنى «ئاخىرقى كۈندە» تېخىمۇ تېزلىتىدۇ (دانىيال 12:4).
تەلىملىرىمىزدە ئۆزگۈرۈش بولغاندا، نە ھەيران قېلىش ياكى غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. خۇدانىڭ قەدىمقى خىزمەتچىلىرىمۇ بەزىدە خاتا ئوي-پىكىردە ۋە ناتوغرا ئۈمىدتە بولغان. ئۇلارمۇ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەن ۋاقىتلار بولغان.
مۇسا پەيغەمبەر خۇدا بەلگۈلىگەن ۋاقىتتىن 40 يىل ئىلگىرى، ئۆزىنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇتقازغۇچىسى بولۇشقا تەييار، دەپ قارىغان (ئەلچىلەر 7:23—25، 30، 35).
ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى چۈشەنمىگەن (يەشايا 53:8—12؛ مەتتا 16:21—23).
دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزىلىرى «يەھۋانىڭ كۈنى» قاچان كېلىدىغانلىقى ھەققىدە خاتا ئوي-پىكىردە بولغان (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 2:1، 2).
خۇدا كېيىن ئۇلارنىڭ ناتوغرا كۆزقاراشلىرىنى تۈزەتكەن، بىزمۇ خۇدانىڭ داۋاملىق بىزنى شۇنداق تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىمىز (ياقۇپ 1:5).
a بىز مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى ئېنىقراق چۈشەنگەندە، ئۇنى ھېچكىمدىن يوشۇرمايمىز. ئەكسىچە، بۇ ھەققىدە ماتېرىياللىرىمىزدا ئوچۇق-يورۇق يازىمىز. مەسىلەن، تور كۇتۇپخانىسغا كىرىپ (باشقا تىلدا) «ئۆزگەرگەن چۈشەنچىلەر» دېگەن سەھىپىنى تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.