يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ؟
ھەئە. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن:
بىز ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تەلىملىرىگە ۋە ئۈلگىسىگە ئەگىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:21).
پەقەت مەسىھ ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەيدىغىنىمىزغا ھەم بىزنى قۇتقۇزالايدىغان «ئاسماننىڭ تېگىدە ئادەملەرگە بېرىلگەن بىز نىجات تاپقۇدەك بۆلەك ئىسىم» يوقلىقىغا ئىشىنىمىز (ئەلچىلەر 4:12، چاغاتاي تىلى تەرجىمىسى).
بىر كىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندا، ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلىدۇ (مەتتا 28:18، 19).
بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دۇئا قىلىمىز (يۇھاننا 15:16).
ئەيسانىڭ بارلىق ئەرلەرنىڭ بېشى ئىكەنلىكىگە، ھەم ئۇنىڭغا ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلەنلىكىگە ئىشىنىمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:3).
ئەمما، بىز ئۆزلىرىنى مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ ئاتايدىغان كۆپلىگەن باشقا دىنلاردىن پەرقلىنىمىز. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ ئۈچبىرلىك خۇدانىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، ئۇ خۇدانىڭ روھىي ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز (مارك 12:29). بىز ئادەمنىڭ تېنى ئۆلسىمۇ، روھى ئۆلمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خۇدا ئادەملەرنى مەڭگۈ دوزاخ ئوتىدا ئازابلايدۇ دېگەن تەلىملەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا ۋە دىنىي يېتەكچىلەرنى باشقا ئادەملەردىن يوقىرى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن نام-ئاتاقلار بىلەن ئاتاش كېرەكلىكىگە ئىشەنمەيمىز (ۋەز 9:5؛ ھەزەكىيال 18:4؛ مەتتا 23:8—10).