يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن قان سېلىشنى رەت قىلىدۇ؟
كەڭ تارقالغان سۆز-چۆچەكلەر
سۆز-چۆچەكلەر: يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تىببىي داۋالاشنى رەت قىلىدۇ.
ھەقىقەت: بىز ئۆزۈمىز ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تىببىي داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللايمىز. بىز ئاغرىپ قالغان چاغدا، قانسىز داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشتا تەجرىبىسى مول دوختۇرلارنى ئىزدەيمىز. بىز تىبابەت ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ھۆرمەتلەيمىز. ئەمەلىيەتتە، گۇۋاھچى بېمارلار ئۈچۈن قوللىنىغان قانسىز داۋالاش ئۇسۇللىرى، ھازىر دۇنيادا كەڭ تارقالدى. كۆپلىگەن مەملىكەتلەردە ھەرقانداق ئادەم قانسىز داۋالىنىش ئۇسۇلىنى تاللىيالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قان ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەل، ئىممۇنىتېت سىستېمدىكى ناچار ئىنكاس ۋە تىببىي خادىملارنىڭ خاتا قان سېلىپ قويۇشى قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنالايدۇ.
سۆز-چۆچەكلەر: يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىمان-ئېتىقاد ئارقىلىق كېسەلنى داۋالاشقا بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ.
ھەقىقەت: بىز ئىمان-ئېتىقاد ئارقىلىق كېسەل داۋالاشقا ئىشەنمەيمىز.
سۆز-چۆچەكلەر: قان سالدۇرماي داۋالىنىش ناھايىتى قىممەت. a
ھەقىقەت: قان سالدۇرماي داۋالىنىش ئۇسۇللىرى ئۈنۈملۈك ھەم قىممەت ئەمەس.
سۆز-چۆچەكلەر: ھەر يىلى كۆپلىگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قان سېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بالىلارمۇ بار.
ھەقىقەت: مۇنداق گەپ-سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۈگۈن كۈندە تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيە دوختورلىرى يۈرەك ئوپېراسىيىلىرى، ئىچكى ئەزالارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ قىلىنىدىغان مۇرەككەپ ئوپېراسىيىلەرنى قان سالماي قىلىۋاتىدۇ. b قان سالدۇرمىغان بېمارلار ھەم بالىلار ئادەتتە قان سالدۇرغانلارغا قارىغاندا تېزراق ساقىيىدۇ. c قانداقلا بولمىسۇن، ھېچكىم بىر بېمار قان سالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى قان سالدۇرۇپ ھايات قالىدۇ، دەپ كەسكىن ئېيتالمايدۇ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن قان سالدۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟
بۇ — تىببىي ئەمەس، دىنىي مەسىلە. كونا ۋە يېڭى ئەھدىلەردە قاندىن خالى بولۇش ھەققىدە ئېنىق بۇيرۇق قىلىنغان (يارىتىلىش 9:4؛ لاۋىيلار 17:10؛ تەكرار قانۇن 12:23؛ ئەلچىلەر 15:28، 29). ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ نەزەرىدە قان ھاياتنى بىلدۈرىدۇ (لاۋىيلار 17:14). شۇ سەۋەبتىن، بىز خۇداغا ئىتائەت قىلغىنىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانى ھايات بەرگۈچى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىگىنىمىز ئۈچۈنمۇ قاندىن ئۆزىمىزنى نېرى تۇتىمىز.
ئۆزگىرىۋاتقان كۆزقاراشلار
بىر چاغلاردا، تىبابەتچىلىكتە قان سېلىشتىن ۋاز كېچىش خەتەرلىك، ھەتتا ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بىراق، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا مۇنداق كۆزقاراشنى قوللايدىغانلار ئازىيىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2004-يىلى، تىببىي ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى بىر ژۇرنالىدىكى ماقالىدە: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىگەن تىببىي داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن كۆپ ساندىكىلىرى يىللار ئۆتۈپ تىبابەت ئىلمىدا بىر ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ»، — دەپ يېزىلغان. d 2010-يىلى، باشقا تىببىي ژۇرنالنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ۋە ئايلىنىش ھەققىدىكى ماقالىدە، قانسىز ئوپېراسىيە قىلىش پەقەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ھەر كۈنى ئوپېراتسىيىدە كەڭ قوللىنىشى كېرەك، دەپ ئېيتىلغان.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىڭلىغان دوختۇرلار مۇرەككەپ ئوپېراسىيىلەرنى قانسىز قىلىش ئۈچۈن ئوپېراسىيە ۋاقتىدا قاننى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ. مۇنداق ئۇسۇللار ھەتتا تېخى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇنداق تىببىي داۋالىنىش ئۇسۇللىرىنى تاللايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەمەس بېمارلارمۇ كۆپ.
a See Transfusion and Apheresis Science, Volume 33, No. 3, p. 349
b See The Journal of Thoracic and Cardiovascular Surgery, Volume 134, No. 2, pp. 287-228; Texas Heart Institute Journal, Volume 38 , No. 5, p. 563; Basics of Blood Management, p. 2; and Continuing Education in Anaesthesia, Critical Care & Pain, Volume 4, No. 2, p. 39.
c See The Journal of Thoracic and Cardiovascular Surgery, Volume 89, No. 6, p. 918; and Heart, Lung and Circulation, Volume 19, p. 658.
d Continuing Education in Anaesthesia, Critical Care & Pain, Volume 4, No. 2, p. 39.