نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى باشقا دىنلاردىن ئۆزگىچە ئۇسۇلدا خاتىرىلەيدۇ؟
بىز ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى، يەنى مەسىھ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى دەل مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك خاتىرىلەيمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:20). ئەمما، بۇ خاتىرىلەشنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە قارىتا كۆپلىگەن دىنى مەزھەپلەرنىڭ تەلىملىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان.
مەقسىتى
ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنىڭ مەقسىتى — ئەيسانىڭ ئۆزىنى بىز ئۈچۈن قۇربانلىققا بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىش (مەتتا 20:28؛ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:24). ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش داستىخىنى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇراسىم ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، گۇناھلىرىمىز دىنىي مۇراسىم ئارقىلىق ئەمەس، پەقەت ئەيساغا ئىشىنىش ئارقىلىق كەچۈرۈلىدۇ (رىملىقلارغا 3:25؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 2:1، 2).
يىلىغا قانچە قېتىم؟
ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆلۈمىنى خاتىرىلەشنى بۇيرۇغان. لېكىن، بۇ كەچلىك خاتىرىلەشنى داستىخىنىنى يىلىغا قانچە قېتىم ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان (لۇقا 22:19). بەزىلەر ئۇنى ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە، ھەر كۈنى ياكى كۈنىگە بىر نەچچە قېتىم، ياكى بولمىسا ئادەم قانچە قېتىم ھاجەت دەپ ئويلىسا، شۇنچە قېتىم ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما، بىرنەچچە نەرسىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك.
ئەيسا شۇ كەچلىك داستىخاننى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى بولغان كۈنىدە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە دەل شۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن (مەتتا 26:1، 2). بۇ تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس ئىدى. مۇقەددەس يازمىلاردا ئەيسانىڭ قۇربانلىقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:7، 8). ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يىلىغا بىر قېتىم تەبرىكلەنگەن (چىقىش 12:1—6؛ لاۋىيلار 23:5). شۇنىڭغا ئوخشاش، دەسلەپكى مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ كەچلىك داستىخىنىنى يىلىغا بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن. بۈگۈن كۈندە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىمۇ مۇقەددەس كىتابتىكى شۇ ئۈلگە بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.
كۈنى بىلەن ۋاقتى
مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنىنى قايسى كۈنى ۋە قايسى ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاشقا بولىدۇ. ئەيسا خاتىرىلەش داستىخىنىنى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاي كالېندارى بويىچە، مىلادى 33-يىلنىڭ 14-نىسان كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ئويۇشتۇرغان (مەتتا 26:18—20، 26). بىز دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، كەچلىك خاتىرىلەشنى ھەر يىلى 14-كۈنى ئۆتكۈزۈمىز.
مىلادى 33-يىلى، 14-نىسان جۈمە كۈنى بولغان بولسىمۇ، بۇ كۈن ھەر يىلى ھەپتىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بىز 14-نىسان كۈنى مەزكۈر يىلنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانىقىنى زامانىۋىي ئىبرانىي كالېندارى بويىچە ئەمەس، ئەيسانىڭ زامانىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئېنىقلايمىز a.
نان بىلەن شاراپ
يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن قالغان پېتىر نان بىلەن قىزىل شاراپنى ئىشلەتكەن (مەتتا 26:26—28). ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، بىزمۇ خېمىرتۇرۇچسىز ۋە ھېچنەرسە قوشۇلمىغان ناننى، يەنە ئۈزۈم شىرنىسىنى ياكى تاتلىق، كۈچەيتىلگەن ۋە بىرەر نەرسە قوشۇلغان شاراپنى ئەمەس، تازا قىزىل شاراپنى ئىشلىتىمىز.
بەزى دىنىي مەزھەپلەر خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ناننى ئىشلىتىدۇ، لېكىن مۇقەددەس كىتابتا خېمىرتۇرۇچ ھەمىشە گۇناھ ياكى چېرىكلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان (لۇقا 12:1؛ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:6—8؛ گالاتىلىقلارغا 5:7—9). ئۇنداقتا، پەقەت خېمىرتۇرۇچسىز ياكى ھېچنەرسە قوشۇلمىغان نانلا مەسىھنىڭ مۇكەممەل تېنىنىڭ سىمۋولى بولالايدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 2:22). مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمىغان يەنە بىر ئادەت — شاراپنىڭ ئورنىغا ئېچىمىغان ئۈزۈم شىرنىسىنى ئىشلىتىش. بەزى دىنىي مەزھەپلەر شۇنداق قىلىدۇ، سەۋەبى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانمايلا، ئېچىتىلغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى مەنئىي قىلغان (تىموتىيغا 1-خەت 5:23).
ئۇدۇل مەنىدىكى تەن بىلەن قان ئەمەس، سىمۋولدۇر
خاتىرىلەش داستخىنىدا ئىشلىتىلىدىغان پېتىر نان بىلەن قىزىل شاراپنى ئەيسانىڭ تېنى بىلەن قېنىغا سىمۋول قىلىنغان. ئۇلار بەزىلەر ئويلايدىغاندەك، مۆجىزىلىك ھالدا ئۇدۇل مەنىدىكى ئەيسانىڭ تەن بىلەن قېنىغا ئايلانمايدۇ. بۇنىڭغا مۇقەددەس يازمىلاردىن ئىسپات كەلتۈرەيلى.
ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى قېنىنى ئىچىشكە بۇيرۇسا، خۇدانىڭ قاننى يېمەسلىك ھەققىدىكى قانۇنىنى بۇزۇشقا دەۋەت قىلغان بولاتتى (يارىتىلىش 9:4؛ ئەلچىلەر 15:28، 29). لېكىن، ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. سەۋەبى، ئەيسا ھەرگىزمۇ باشقىلارغا قاننىڭ مۇقەددەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزۇشقا بۇيرۇق بەرمەيدۇ (يۇھاننا 8:28، 29).
ئەلچىلەر ئەيسانىڭ قېنىنى ئۇدۇل مەنىدە ئىچەلمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ تىرىك بولغان ۋە ئۇنىڭ قېنى تېخى تۆكۈلمىگەن ئىدى (مەتتا 26:28).
ئەيسا «بىر قېتىم» قۇربانلىق ئەكەلدى (ئىبرانىيلارغا 9:25، 26). مەسىھنى خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنى ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەر قېتىم نان بىلەن شاراپ ئەيسانىڭ ئۇدۇل مەنىدىكى تېنى بىلەن قېنىغا ئايلانغان بولسا، ئۇلارغا ئېغىز تەككەنلار ئەيسانىڭ قۇربانلىقىنى قايتا-قايتا ئەكەلگەن بولاتتى.
ئەيسا «مېنى قۇربان قىلىش ئۈچۈن» ئەمەس، بەلكى «بۇنى مېنى ئەسلەش ئۈچۈن قىلىڭلار»، دېگەن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:24).
نان بىلەن شاراپ ئەيسانىڭ ئۇدۇل مەنىدىكى تېنى بىلەن قېنىغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئىشىنىدىغانلار بۇ تەلىمنى مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلىرىگە ئاساسلانغان، دېيىشىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر مۇقەددەس كىتاب جەمئىيىتىنىڭ تەرجىمىسىدە، ئەيسا شاراپنى ئېلىپ: «بۇ مېنىڭ ... قېنىمدۇر»،— دېگەن (مەتتا 26:28). لېكىن، ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى «مېنىڭ قېنىمنى بىلدۈرىدۇ» ياكى «بۇ قېنىمنىڭ سىمۋولى»، دەپمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. ئەيسا ئۆز ئادىتى بويىچە، ئوخشىتىش ياكى سېلىشتۇرۇشنى قوللانغان (مەتتا 13:34، 35).
كىملەر ئېغىز تېگىدۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر نان بىلەن شاراپقا ئېغىز تەككۈزىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
يەھۋا خۇدا قەدىمقى ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئورنىغا، ئەيسانىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئاساسىدا «يېڭى ئەھدە» تۈزگەن (ئىبرانىيلارغا 8:10—13). خاتىرىلەش داستىخىنىدىكى سىمۋوللۇق مەنىدىكى نان ۋە شاراپلارغا بۇ يېڭى ئەھدىنى تۈزگەنلەر ئېغىز تەككۈزىدۇ. بۇنىڭغا بارچە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئەمەس، پەقەت ئالاھىدە تۈردە «چاقىرىلغانلارلا» كىرىدۇ (ئىبرانىيلارغا 9:15؛ لۇقا 22:20). بۇ ئادەملەر ئاسماندا ئەيسا بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بۇ شان-شەرەپكە پەقەت 144000 ئادەم ئېرىشىدۇ (لۇقا 22:28—30؛ ۋەھىي 5:9، 10؛ 14:1، 3).
ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار «كىچىك پادا» بولسا، يەردە مەڭگۈ ياشاشقا ئۈمىدى بار «زور بىر توپ» خالايىقنى تەشكىل قىلىدۇ (لۇقا 12:32؛ ۋەھىي 7:9، 10). يەردە ياشاش ئۈمىدى بارلار خاتىرىلەش داستىخىنىدىكى نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەككۈزمىسىمۇ، ئەيسانىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارمۇ مۇشۇ يىغىلىشقا قاتنىشىدۇ (يۇھاننانىڭ 1-خېتى 2:2).
a يەھۇدىيلارنىڭ زامانىۋىي كالېندارىدا، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئۇسۇلى بويىچە يېڭى ئاي چىققاندا، نىسان ئېيى باشلىنىدۇ. لېكىن، بىرىنچى ئەسىردە ئۇنداق پەن-تېخىنكا قوللىنىلمىغان. ئەكسىچە، يېرۇسالېمدا يېڭى ئاي كۆرۈنگەندە، نىسان ئېيى باشلانغان. بۇ بولسا — ئاسترونومىيلىك يېڭى ئاينىڭ چىقىشىدىن بىر ياكى بىرنەچچە كۈن كېيىن بولىدۇ. بۇ پەرق — يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەچلىك خاتىرىلەش داستىخىنى بىلەن ھازىرقى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ھەردائىم ماس كەلمەيدىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى.