يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدا خىزمىتى ئۈچۈن ھەق ئالىدىغان رەھبەرلەر بارمۇ؟
بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قالدۇرغان ئۈلگىگە ئەگىشىپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دىنىي رەھبەرلەر ۋە ئاددىي ئېتىقادچىلار، دەپ ئايرىلمايدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن گۇۋاھچىلارنىڭ ھەممىسى روھىي خىزمەتچىلەر بولۇپ، ھەممىسى ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. تەخمىنەن 100 گۇۋاھچى بىر جامائەت بولۇپ تەشكىللەنگەن. ھەر بىر جامائەتتە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئەر كىشىلەر «ئاقساقال» بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ (تىتقا 1:5). ئۇلار خىزمىتى ئۈچۈن ھەق ئالمايدۇ.