يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يەر يۈزى 24 سائەتلىك 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنەمدۇ؟
ياق. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە ھەممە نەرسىنى خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىراق، بىز خۇدا يەرنى 24 سائەتنى بىر دەۋر قىلغان 6 كۈن ئىچىدە ياراتقان دېگەن پىكىر بىلەن كېلىشمەيمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، شۇنداق يارىتىلىش نەزىيىىسى قوللىغۇچىلىرىنىڭ بەزى ئوي-پىكىرلىرى مۇقەددەس كىتابقا ماس كەلمەيدۇ. كېلىڭ، تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى قاراپ باقايلى.
ئالتە يارىتىش كۈنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى. بەزى يارىتىلىش نەزىيىىسى قوللىغۇچىلىرى 24 سائەتنى بىر دەۋر قىلغان 6 كۈن ئىچىدە يارىتىلىش تاماملانغان، دەپ ئىشىنىدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتىكى «كۈن» سۆزىنى ئۇزاق ۋاقىت ياكى ئۇزۇن دەۋر ئۈچۈنمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ (يارىتىلىش 2:4؛ زەبۇر 90:4).
يەر شارىنىڭ يېشى. بەزى يارىتىلىش نەزىيىىسى قوللىغۇچىلىرى يەر شارىنىڭ يېشى پەقەت بىر قانچە مىڭ يىل، دەپ ئۆگىتىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، يەر شارى ۋە ئالەم بوشلۇقى ئالتە يارىتىلىش كۈنى باشلىنىشىدىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى (يارىتىلىش 1:1). شۇ سەۋەبتىن، بىز ئالىملارنىڭ يەر شارىنىڭ يېشى مىلياردلىغان يىللار بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن ئىشەنچىلىك ئىلىمىي تەتقىقاتلىرىغا قارشى ئەمەس.
بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يارىتىلىشقا ئىشىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىلىم-پەننى رەت قىلمايمىز. بىز توغرا ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز.